خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى دىڭ شۆشياڭنىڭ گوللاندىيەدىكى زىيارىتى قاتتىق قارشىلىققا ئۇچۇردى

خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى دىڭ شۆشياڭنىڭ 1-ئاينىڭ  22- ۋە 23 – كۈنلىرى گوللاندىيەدە ئېلىپ بارىدىغان ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى «ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتى» (uyghurs Stichting Support) تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن نامايىشتا قاتتىق ئەيىپلەندى.

خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى دىڭ شۆشياڭنىڭ 1-ئاينىڭ  22-، 23-كۈنلىرى گوللاندىيەدە زىيارەتتە بۇلۇپ، گوللاندىيە پادىشاسى ۋېليام ئالېكساندىر ۋە گوللاندىيە باش مىنىستىرى دىك سىخوف بىلەن كۈرشىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

بۇ ئۇچۇردىن خەۋەر تاپقان «ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتى» (uyghurs Stichting Support)  رەئىسى ئابدۇرېھىم غېنى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈش قارارى ئالدى ۋە گوللاندىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمسنىڭ ئالدىدا (يەنى دىڭ شۆشىياڭ كۈتۋىلىنىدىغان بىنانىڭ ئالدىدا) نامايىش ئۆتكۈزۈش رۇخسىتى ئۈچۈن ئالاقىدار ئورگانلارغا ئىلتىماس سۇندى. ئەمما گوللاندىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمسنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلىنماي، 500 مېتىر يىراقلىقتىكى چېرچىىل مەيدانىدا (يەنى خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ گاگادىكى كونسۇلخانسىنىڭ ئۇدۇلىدا) نامايىش قىلىشقا رۇخسەت بېرىلدى.

 ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ نامايىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر، خاڭكۇڭلۇقلار، كانتونىيلىكلەر، گۇۋاڭشىلىقلار ۋە خىتاي كوممۇنىست ھۈكۈمىتىگە قارشى خىتاي ئۆكتىچىلەر بىرلىكتە دىڭ شۆشىياڭنىڭ گوللاندىيەدىكى زىيارىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، 23- يانۋار چۈشتىن كىيىن سائەت 14:00 دىن 18:00 گىچە نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىش ھاۋانىڭ سوغۇق، يامغۇرلۇق، شاماللىق بۇلۇشتەك ناچار ۋەزىيىتىگە قارىماستىن داۋاملاشتى. نامايىش دىڭ شۆشىياڭ ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ھۈكۈمەت بىناسىغا باردىغان يول ئېغزىدا ئۆتكۈزۈلدى. نامايىش ئىنتايىن  قىزغىن ۋە جانلىق ئېلىپ بېرىلدى.

نامايىشچىلار قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى، شۇنداقلا خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى تىبەت، جەنۇبى موڭغۇلىيە، خوڭكوڭ ۋە كانتونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا شوئارلارنى توۋلىدى.

نامايىشچىلار «دىڭ شۆشىياڭ! سېنى گوللاندىيە خەلقى قارشى ئالمايدۇ!»، «سەن قايتىپ كەت!»، «گوللاندىيەنى ئاگاھلاندۇرىمىز، خىتاي ھۈكۈمىتىگە ئىشەنمە!»، «خىتاي ھۈكۈمىتى شەرقى تۈركىستاندىكى ئىرقى قىرغىنچىلقنى توختات!»، «شەرقى تۈركىستانغا مۇستەقىللىق!»، «تىبەتكە مۇستەقىللىق!»، «كانتونىيەگە مۇستەقىللىق!»، «جەنۇبى موڭغۇلىيەگە مۇستەقىللىق!»،«بىزگە ئادالەت، ئەركىنلىك كېرەك!» دىگەندەك جاراڭلىق شوئارلارنى توۋلاپ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

نامايىش جەريانىدا خىتاي ھۈكۈمىتگە قارشى ھەرقايسى مىللەتنىڭ ۋەكىللىرى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ ئىنسان قېلپىدىن چىققان كىشلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلكىنى تەنقىد قىلىدى.

ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېھىم غېنى گوللاندىيە باش مىنىستېرى دىك سىخوفتىن  دىڭ شۆشىياڭ بىلەن كۈرۈشكەندە غايىبپ بولغان 19 ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىز- دېرىكىنى قىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئابدۇررەھىم غېنى گوللاندىيەدەك بىر دىمكۇراتىك دۆلەتتە كىشىلىك ھۇقۇقنىڭ ئىقتىسادى مەنپەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كىتىشىگە يول قويماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ۋە بۇ سىياسى سەتچىلىكتىن ئاگاھلاندۇرۈپ، شەرقى تۈركىستاندىكى كىشلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلكىنى ئوتتۇرغا قۇيۇشقا چاقىردى.

گوللاندىيە پارلامننتى 2021-يىلى 25-فېۋرالدا خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرنى «ئېرقى  قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېتىراپ قىلغان ياۋرۇپادىكى تۈنجى دۆلەت  بولغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ئابدۇررەھىم غېنى ئىككى قۇلى ئۇيغۇرنىڭ قېنى بىلەن بۇيالغان دىڭ شۆشىياڭ بىلەن گوللاندىيە پادىشاھى ۋە گوللاندىيە باش ۋەزىرىنىڭ كۆرۈشىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ دۇنياغا ۋە خىتايغا خاتا سىگنال بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نامايىش تۈگەشكە  يېرىم سائەت قالغاندا نامايىش ئىشتىراكچىلىرى ھۈكۈمەت بىناسىغا يېقىن يەردە تىبەتلەر تەييارلاپ كەلگەن «دىك سىخوۋ بىلەن شى جنپىڭنىڭ كۈرشىشى» ناملىق قىسقا دىراممىنى ئورۇندىدى.

 دىراممىدا شى جىنپىڭنىڭ قانغا بۇيالغان قوللىرى بىلەن  دىك سىخوف بىلەن قول ئېلىشىپ كۈرۈشىۋاتقان ھالىتى ھەمدە بۇلارنىڭ ئالدىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرغان ئۈچ نەپەر تىبەت ئايالنىڭ قان ئىچىدە ياتقان نارەسىدە باللىرنى تۇتۇپ يىغلاپ تۇرغان ھالىتى  كۆرسىتىلدى.

بۇ كۆرۈنۈش ھەم نامايىشچىلارنى ھەم ئەتراپتىكى كىشلەرنى ھەتتا نامايش تەرتىپىنى ساقلاۋاتقان ساقىچىلارنىڭمۇ قاتتىق تەسىرلەندۈردى.

كۆز ئالدىدىكى مەنزىرە ۋە شى جىنپىڭنىڭ  ھەيكىلىنى كۈرۈپ غەزەپتىن ئۈزىنى تۇتۋالالمىغان ئابدۇررەھىم غېنى،  قوللىرىنى شىلتىپ، شى جىنپىڭنى مۇشتلاپ لەنەتلىدى.  شى جىنپىڭنىڭ چىرايىغا تۈكۈردى.

بۇگەرچە سىموۋۇللۇق شەكىلدىكى بىر دۇمبالاش بولغان بولسىمۇ، ئەمما نامايىشنىڭ ھاياجىنىنى ئاشۇردى. ھەم نامايىشچىلارنى، ھەم يولدىن ئۈتۈپ كىتىۋاتقانلارنى ھاياجانغا سالدى.

بۇ يازمىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار:

https://x.com/abdurehimgheni/status/1883234197638397976?s=46&t=odoOOdDGJBd7fLPxXTF7CA

ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ نامايىشتىكى نۇتىقى

ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ نامايىشتىكى نۇتىقى

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

يېزىلغان ۋاقتى: 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى