«شى جىنپىڭنىڭ يۈزى» گە تۈكۈرۈش ۋە قىساسنىڭ شىرىن تۇيغۇسى

1-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچقۇرۇن ئۆيدە تېلىۋىزۇر كۈرۈپ  ئولتۇرسام، خىتاي ھۈكۈمىتىگە قارشى  پائالىيەتلىرىمنى قوللايدىغان بىر گوللاندىيەلىك دوستۇم تېلفۇن قىلىپ، خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ  مۇئاۋىن باش مىنىستېرى دىڭ شۆشىياڭنىڭ 1-ئاينىڭ 22- ،23-كۈنى ئىككى كۈن گوللاندىيەدە دۆلەت زىيارىتىدە بۇلدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى يەتكۈزدى. ئاندىن ماڭا ۋاتىسئەپتىن بۇنىڭغا ئالاقىدار ھۈكۈمەت تور بېتىدا ئېلان قىلىغان بىر خەۋەنى يوللاپ  بەردى.  مەن دەرھال توربەتكە كىرىپ  دىڭ شۆشياڭنىڭ گوللاندىيەگە زىيارەتكە كىلدىغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلى خەۋەرلەرنى كۈرۈپ چىقتىم.

22-يانۋار چارشەنبە كۈنى كەچتە ،گوللاندىيە پادىشاسى ۋېليام ئالىكساندىر دىڭ شۆشياڭنى  گائاگادىكى ئوردىسىدا كۈتۈۋالىكەن. 23-يانۋار پەيشەنبە ، گوللاندىيە باش مىنىستىرى دىك سىخوف دىڭ شۆشياڭنى ھۈكۈمەت بىناسىدا كەچلىك زىياپەت بېرىپ كۈتۈۋالىدىكەن. ئىككى تەرەپ ئاساسلىقى ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇغراپىيىلىك سىياسىي تەرەققىيات، كېلىمات ئۆزگىرىشى،سودا، سەھىيە، ئېنىرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە سۆھبەت ئېلىپ باردىكەن.  

دىڭ شۆشىياڭنىڭ گوللاندىيەگە كېلىدىغىنىغا پەقەت ئىككى كۈنلا قالغان ئىدى. مەن دەرھال گوللاندىيە تىبەتنى قوللاش تەشكىلاتنىڭ رەئىسى تېسرىڭ جامپا خانىم بىلەن ئالاقىلشىپ، نامايىشقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن جىددى تەييارلىققا كىرىشتۇق. نامايىش قىلىش ئۈچۈن گوللاندىيە باش مىنىستېر مەھكىمسنىڭ ئالدىدا ، يەنى دىڭ شۆشىياڭنى كۈتۈۋالىدىغان بىنانىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىشقا ئىلتىماس سۇنغان بولساقمۇ ئۇنىڭغا رۇخسەت بەرمەي، 500 مېتىر يىراقلىقتىكى چېرچىل مەيدانىدا، يەنى خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ گائاگادىكى ئەلچىخانسىنىڭ ئۇدۇلىدا نامايىش قىلىشقا رۇخسەت بەردى.

 شۇنىڭ بىلەن 23-چىسىلا چۈشتىن كىيىن سائەت 14:00 دىن 18:00 گىچە خىتايغا قارشى كۈچلەر بىرلىشىپ نامايىش قىلدۇق. بۇ كۈنى ھاۋا سوغۇق، يامغۇرلۇق، شاماللىق بولسىمۇ، ئۇنىڭغا پىسەنت قىلمىدۇق. نامايىشچىلار قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى، شۇنداقلا خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى تىبەت، جەنۇبى موڭغۇلىيە، خوڭكوڭ ۋە كانتونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ، «خىتاي ھۈكۈمىتى، شەرقى تۈركىستاندىكى ئىرقى قىرغىنچىلقنى توختات«، «شەرقى تۈركىستانغا مۇستەقىللىق«، «تىبەتكە مۇستەقىللىق»، «خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ گوللاندىيەگە سىڭىپ كىرشىنى توسايلى»  دىگەندەك جاراڭلىق شوئارلارنى توۋلاپ، گائاگا شەھرى ئاسمىنىنى لەرزىگە كەلتۈردۇق.

نامايىش جەريانىدا خىتاي ھۈكۈمىتگە قارشى كۈچلەر  بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ ئىنسان قېلپىدىن چىققان كىشلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلكىنى تەنقىد قىلىدى. مەن ئابدۇرېھىم غېنى گوللاندىيە باش مىنىستېرى دىك سىخوفتىن  دىڭ شۆشىياڭ بىلەن كۈرۈشكەندە غايىبپ بولغان 19 ئائىلە ئەزالىرىمنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلدىم، شۇنداقلا گوللاندىيەدەك بىر دېموكراتىك دۆلەتتە كىشىلىك ھۇقۇقنى پۇلغا سېتىۋېتىشتەك سىياسى سەتچىلكتىن ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن بىرگە شەرقى تۈركىستاندىكى كىشلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلكىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشقا چاقىردىم.

گوللاندىيە پارلامېنتى 2021-يىلى 25-فېۋرال خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرنى «ئېرقى  قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېتىراپ قىلغان ياۋرۇپادىكى تۈنجى بىر دۆلەت بۇلۇش سۈپتى بىلەن،  گوللاندىيە پادىشاھى ۋە گوللاندىيە باش ۋەزىرىنىڭ خىتاي  رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ دۇنياغا ۋە خىتايغا خاتا سېگنال بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردۈم.

نامايىش تۈگەشكە  يېرىم سائەت قالغاندا غەزەپلەنگەن نامايىشچىلار ھۈكۈمەت بىناسىغا يېقىن يەرگە توپلاندى. ئاندىن تىبەتلەر ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن »دىك سىخوۋ بىلەن شى جنپىڭنىڭ كۈرۈشۈشى» ناملىق قىسقا دىراممىنى كۆرسەتتى. بۇ دىرامىدا شى جىنپىڭغا ئوخشىتىلغان باش نىقابىنى كىيگەن تىبەتلىك يىگىت، قانغا بۇيالغان قوللىرىنى تەڭلەپ،  دىك سىخوفنىڭ نىقابىنى كەيگەن يەنە بىر تىبەتلىك يىگىت  بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ، بۇلارنىڭ ئالدىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرغان  ئۈچ نەپەر تىبەت ئايال قان ئىچىدە ياتقان ناراسىدە بالىلىرىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ ئولتۇرىدۇ.  بۇ كۆرۈنۈش نامايىشچىلارغا، ئەتراپتىكى كىشلەرگە، ھەتتا نامايش تەرتىپىنى ساقلاۋاتقان ساقچىلارغا قاتتىق تەسىر قىلدى. شى جىنپىڭنىڭ تەلئەتى ئۇنىڭ ئۆزىگە شۇنچىلىك ئوخشىتىلغان ئىدىكى، گەرچە ئۇنىڭ نىقاب ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ غەزەپتىن ئۈزەمنى تۇتۇۋالالماي، ئۇ لەنەتگاردىنىڭ مەشئۇم چىرايىغا ئۇرۇپ مۇشتلاپ، ئارقىدىن تۈكۈردۈم. بۇ گەرچە سىموۋۇللۇق ئۇرۇش بولسىمۇ، مېنىڭ ئۇ مەلئۇندىن نەقەدەر نەپرەتلىنىدىغانلىقىمنى ئىپادىلەيتتى، نەتىجىدە بۇ ھەرىكىتىم نامايىشنى يۇقىرى باسقۇچقا كۈتۈرۈپ نامايىشچىلارنى ۋە يولدىن ئۈتۈپ كىتىۋاتقانلارنى ھاياجانغا سالدى. ئۆزەمنى ئازراق بولسىمۇ پۇخادىن چىققاندەك ھېس قىلدىم.

بۇنىڭدىن تۆت يىل ئىلگىرى گوللاندىيەدىكى ختاي باش كونسۇلنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىپ غايىپ بولغان 19 ئائىلە ئەزالىرىمنىڭ ئىزدېركىنى قىلىپ نامايىش قىلغاندا ئەلچىخاننىڭ رىشاتكىسغا ئېسىپ قويغان «جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريتىنىڭ گوللاندىيەدىكى ئەلچىخانسى» دىگەن ۋىۋىسكىنىڭ يېنىغا ئۇيغۇرلارنىڭ قاتىلى، ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلقىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى شى جىنپىڭنىڭ رەسمىنى ئېسىپ،  خىتاي ئەلچىخانسىغا مېكروفۇن  بىلەن يۇقىرى ئاۋازادا «ھەي شى جىنپىڭ جاللات! نىمە ئۈچۈن مىليۇنلىغان ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرىسەن؟ نېمە ئۈچۈن شەرقى تۈركىستاندا ئېرقى قېرغىنچىلىق قىلىسەن؟ كىلە مېنى تۇتۇپ ئاپىرىپ جازا لاگىرىغا سۇلاپ مېنىمۇ قىينا، مەن بۇگۈن سەندىن ھىساب ئالغىلى كەلدىم!» دەپ بىر قۇلۇمدا تاياق بىلەن شى جىنپىڭنى ئۇرۇپ، يۈزلىرىگە تۈكۈرۈپ، دەردىمنى چىقارغان ئىدىم. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ختاي باش كونسۇلىنىڭ ماشىنىسى ئەلچىخانىڭ ئىچىگە كىرىش ئۈچۈن ، سىيرىلما ئىشىكنىڭ ئېچلشىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن.  مەن دەرھال باش ئەلچىنىڭ ماشىنىسنىڭ ئالدىغا يۈگىرەپ بېرىپ، ماشىننىڭ ئالدىدا تىك تۇرۇپ، «ھەي خىتاي ، سەن نىمە ئۈچۈن شەرقى تۈركىستاندا ئىرقى قېرغىنچىلىق ئېلىپ بارسەن؟   قېنى مېنىڭ غايىب بولغان 19 ئائىلە ئەزالىرىم؟ نىمە ئۈچۈن ئۇلار بىلەن تېلفۇندا كۈرشەلمەيمەن؟ ماڭا جاۋاب بەر!» دەپ ئۇنىڭ ماشىنىسنىڭ ئالدىنى توراپ ماڭغىلى قويمىغان ئىدىم. ماشىنىدىن ھىچكىم چۈشمىگەندىكىن، ماشىننىڭ ئىشكىنى تارتىپ ئېچىپ ئەلچىنىڭ ياقسىدىن تارتىپ ماشىنىدىن چۈشۈرۈپ ھىساب سورىماقچى بولغاندا، ئۇ ماشىنىنى دەرھال كەينىگە ھەيدەپ تېزلىك بىلەن قېچىپ كەتكەن ئىدى. مەن خىتاي ئەلچىخانسىنڭ ئىچىگە كىرىپ، غايىپ بولغان 19 ئائىلە ئەزالىرىمنىڭ ئىزدېركىنى قىلىپ ۋاقىراپ ئىچىگە ماڭسام،  ئامانلىق ساقلاش خادىمى كىرگۈزمەي تۇسۋالغانىدى. ئاندىن گوللاندىيە ساقچىلىرى كېلىپ قولغا ئالغان ۋە ئىككى سائەتتىن كىيىن 1000 ياۋرۇ جازا بىلەن قۇيۇپ بەرگەن ئىدى. شۇ چاغدا قاماقخانىدا قىسقا مۇددەت ياتقان چېغىمدىمۇ، قىلغان ئىشىمدىن قىلچە پۇشايمان قىلمىغان، زالىم مەلئۇن شى نىڭ غالچىلىرىغا ئازراق بولسىمۇ قورقۇنچ سالالىغىنىمدىن خۇرسەن بولغانىدىم.

بۇنىڭدىن 16 يىل ئىلگىرى يەنى 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلقىنىڭ 2-كۈنىدە  گوللاندىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانسىنىڭ ئالدىدا خىتاي ھۈكۈمىتىگە بولغان نارازىلقىمىزنى ئىپادىلەپ نامايىش قىلغاندا، غەزەپكە تولغان ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانسىغا تاش ئېتىپ نارازىلقىمىزنى ئىپادىلگەندە، مەن بىر تاشنى خىتاي ئەلچىخانسىغا ئېتىپ، ئەلچىخاندا تېمىغا ئېسىقلىق خىتاي دۆلىتنىڭ گېربىنى يەرگە چۈشۈرۋەتكەن ئىدىم. مەن ئۈچۈن بۇ قالتىس خۇشاللىق بولغانىدى.  بۇ كۇنى مەنمۇ بىرقىسىم ئۇيغۇرلار قاتارىدا ساقچىلار تەرپىدىن تۇتۇلۇپ 24 سائەت ساقچىخانغا قامالغان بولساممۇ، بۇ جازا بەجايكى مەرىكە بولغان،  خۇشاللىق ئىچىدە مەست بولغانىدىم، بۇ ھېسسىياتىمنى ھازىرغىچە ئۇنتۇمايمەن.

2025-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى نامايىشتا  قانخور شى جىنپىڭنىڭ يۈزلىرىگە مۇشتلاپ، تۈكۈرگىنىم قارىماققا بىمەنىلىك، ھېچكىم ھەيكەلگە، سۈرەتكە مۇشت ئاتمايدۇ. ئەمما شى مەلئۇننىڭ تەلئەتى گويا خىتاي جاللاتلىرىدىن شېڭ شىسەي، ۋاڭ جېن، ماۋ زېدۇڭ دېگەندەكلارنىڭ شۇم چىرايىنى ئەسلەتكەنلىكى، چەكسىز غەزەپ-نەپرىتىمنى قوزغىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزەمنى تۇتالماي قالدىم. ئەگەر ھەقىقىي شى جىنپىڭ ئالدىمغا كەلسە غەزەپتىن پارتىلاپ كېتىشىم ئېنىق، ئۇنى قىيما-چىيما قىلىۋەتسەممۇ دەردىم چىقمايدىغانلىقى ئېنىق. بۇ ھېسسىياتنى ئۇنىڭ زۇلۇمىغا بەك ئۇچراپ كەتكەن مەندەك ئادەم، بىزدەك خەلق ھەممىدىن ياخشى چۈشىنىدۇ دەپ ئويلايمەن.

بۇ يازمىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار:

https://x.com/abdurehimgheni/status/1883234197638397976?s=46&t=odoOOdDGJBd7fLPxXTF7CA

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

يېزىلغان ۋاقتى: 2025-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى