دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىنغا ئۇچۇق خەت


3-قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىدە مىللەتكە جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك مۇھىم سۇئاللار

ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك – ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

2025-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تور تېلېۋىزىيەسىدە، بۇ يىل 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە «3-قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» ئېچىلىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات بەردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا يېڭىدىن رەئىس بولغان تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن رەھبەرلىكىدە ئېچىلماقچى بولغان بۇ قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا ئۇتۇق تىلەيمەن. شۇنداقلا، مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئىشغالىيتىگە، تاجاۋۇزچىلقىغا، قىرغىنچىلقىغا قارشى ئاكتىپ پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مىللەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى سۇئاللارغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىننىڭ سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاب بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن بۇ خەتنى 2025-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ۋاتساپ ئارقىلىق تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىنغا ئايرىم يوللاپ پىكىرلىشىپ بېقىشنى ئويلىغان بولساممۇ، ئەپسۇس، ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، 3-قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى ئېچىلىش ئالدىدا، تور دۇنياسىدا ئۇچۇق شەكىلدە ئېلان قىلىدىم، بۇ قېتىملىق يىغىندىن كېيىن جاۋاب بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

1. شەرقىي تۈركىستان بېسۋېلىنغان زىمىن ھەققىدىكى دوكلات ھەققىدە

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۆزىنىڭ فەيسبۇك ھېساباتىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكى ھەققىدىكى دوكلاتنىڭ پۈتكەنلىكىنى، 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان مايكىل ۋان ۋالىت تەرىپىدىن رەسمىي يوسۇندا ئېلان قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات بەرگەن ئىدى. ئەپسۇس، بۇ دوكلات ئېلان قىلىنمىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات بەرگىلى  بىر يىل بولغاندا، مەن يەنە بۇ ھەقتە مىللەتكە ئۇچۇق جاۋاب بېرىش ھەققىدە تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بىلەن ئالاقىلاشتىم. دوكلات پروگراممىسى پۈتكەندە ئېلان قىلىمىز، دېدىڭىز. بۇ دوكلات قاچان پۈتىدۇ؟ زادى قاچان ئېلان قىلىنىدۇ؟ 3-قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى»دە ئېلان قىلىنامدۇ؟ سىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، مىللەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە خەلقىمىزگە ئېنىق جاۋاب بېرىش مەسئۇلىيىتىڭىز بار. بۇ دوكلات زادى قاچان ئېلان قىلىنىدۇ؟

2. زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ ياۋرۇپا پارلامىنتىدىكى سۆھبىتى ھەققىدە

بۇ يىل، 2025-يىلى 3-ئايدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتاي مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن ياۋروپا ئىتتىپاقىدا يىغىنغا قاتناشقاندا، بىر پارلامېنت ئەزاسى بىلەن ئەركىن سۆھبەت قىلدى. پالامىنىت ئەزاسى «ئۇيغۇرلار كەلگۈسىدە قۇرۇلماقچى بولغان خىتاي دېموكراتىك دۆلىتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇشنى خالامدۇ؟» دەپ سورالغاندا، زۇمرەتئاي «ئەلۋەتتە خالايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. بۇ بايانات دىياسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ نارازىلىقتىن كېيىن، بۇ ۋىدېئو دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ X، فەيسبۇك ۋە ئىنستاگرام ھېساباتلىرىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلدى. زۇمرەتئايغا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئۆزبېشىمچە جاۋاب بېرىش ھوقۇقىنى كىم بەردى؟ قۇرۇلتايمۇ ياكى زۇمرەتئاي ئۆزىمۇ؟ 7-قېتىملىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يىغىنىدا مەقسىدىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى دەپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدىڭلار. ئۇنداقتا، زۇمرەتئاينىڭ يۇقىرىقى جاۋابىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ بۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ 7-نۆۋەتلىك يىغىندا ئېلان قىلغان بىزنىڭ غايىمىز شەرقىۇ تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى دىگەن باياناتقا خىلاپ ئەمەسمۇ؟

بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ۋىدىيونىڭ ئۇلىنىشى:

https://www.facebook.com/abufurqan.at/videos/2390592781307069/?fs=e&mibextid=wwXIfr&rdid=V0UsLS8lWDOWpNLt#

3. دۇنيا پۇقرالار سوتىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ جىنايتى ھەققىدىكى ھۈكۈمى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نېمە ئۈچۈن ئەنگلىيە ئۇيغۇر سوتىنىڭ قارارىنى ھەممە يەردە تەشۋىق قىلىدۇ؟ ئەمما 2024-يىلى 7-ئايدا گوللاندىيە دۇنيا پۇقرالار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن شى جىنپىڭغا رىم ئەھدىنامىسى بويىچە ئۇنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ئۈچۈن سوت ئېچىلىپ، ئۇنىڭغا 11 خىل جىنايەت ئارتىلدى. بۇ جىنايەتلەر ئىچىدە، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى ئېلان قىلىنىپ، شى جىنپىڭغا خەلقئارا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى. نېمە ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دۇنيا پۇقرالار سوت مەھكىمىسىنىڭ شى جىنپىڭغا سوت ئېچىپ، ئۇنىڭغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان سوت ھۆكۈمىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تەشۋىقاتلىرىدا ئىشلەتمەيدۇ؟

4. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، دولقۇن ئەيسا، ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇش مۇنبىرى ھەققىدە

2024-يىلى 5-ئايدا ئامېرىكىدىكى «نۇتۇس» ژۇرنىلىدا دولقۇن ئەيسا بىلەن نۇرى تۈركەلنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىك ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەشكىلاتلار بىرلىكى» دولقۇن ئەيسانى قۇرۇلتاي رەئىسلىكىدىن ئىستىپا بېرىشكە ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەرەپسىز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، دولقۇن ئەيسا ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينى « ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەشكىلاتلار بىرلىكى » نىڭ مۇنبەر ئەزالىقىدىن چىقىرۋەتكەن ئىدى. كېيىن دولقۇن ئەيسا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى. قۇرۇلتايمۇ تەرەپسىز بىر ئورگان بىلەن ئالاقە قىلىپ، دولقۇن ئەيسا ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەشكىلاتلار بىرلىكى»نىڭ مۇنبەر ئەزالىقىغا قايتىپ كىردىمۇ؟ دولقۇن ئەيسا ئۈستىدىن قايسى ئورگان تەرەپسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى؟ تەكشۈرۈش نەتىجىسى قاچان ئېلان قىلىنىدۇ؟

5. سوتسىيال مېدىيادىكى چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش

مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئىشغالىيتىگە، تاجاۋۇزچىلقىغا، قىرغىنچىلقىغا قارشى ئاكتىپ پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان بىر ئاكتىپ سىياسى پائالىيەتچى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ پائالىيەتلىرىنى ئەمىلىي ھەركىتىم بىلەن ئىزچىل قوللاپ كەلگەن ئىدىم. بەزى ۋاقىتلاردا بۇلۇپمۇ 2022-يىلدىن كىيىن دولقۇن ئەيسانىڭ بىيۇكىراتلىقىنى، خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكىنى ئىزچىل تەنقىد قىلىپ كەلگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇنىڭ ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ  X ھىساباتىدا قارا تىزىملىككە تىقىلدىم. مەن بىر ئۇيغۇر بۇلۇش سلاھىيتىم بىلەن قۇرۇلتاينىڭ X   دە خىتاي ھۈكۈمىتىگە قارشى نىمە تەشۋىقاتلارنى قىلىۋاتىدۇ؟ بۇنى نازارەت قىلىش، تەكلىپ بىرىش ۋە قوللاش ھەققىم بار. شۇنىڭ ئۈچۈن X دە مېنى قارا تىزىملىكتىن چىقىرۋېتىش تەكلىپىنى بىر قانچە قېتىم سۇنغان بولساممۇ پەرۋا قىلمىدى. شۇڭا مېنى قارا تىزىملىكتىن چىقىرۋېتىشنى تەلەپ قىلىمەن.

6. خەلق ۋەكىللىرى بىلەن قۇرۇلتاينىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە


مەن 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى مىيۇنخېندا ئېچىلغان 1-قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى يىغىنىغا تەكلىپ بويىچە خەلق ۋەكىلى سۈپىتىدە قاتنىشىپ، سۆز قىلغان ئىدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن، 2019-يىلى 12-ئايدا بېلگىيەدە ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ يىغىنغا ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئاخباراتچىلىق بىلەن تەربىيەلەش كۇرسىغىمۇ تەكلىپ بويىچە قاتنىشىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرپىدىن مۇكاپاتلانغان ئىدىم.

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن سىز 2021-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چېخىيەدە ئېچىلماقچى بولغان 7- قېتىملىق قۇرۇلتىيغا مېنى تەكلىپ قىلىپ تەكلىپنامە ئىۋەرتكەن ئىدىڭىز. مەن شۇ چاغدا 7-قېتىملىق قۇرۇلتاي يىغىنىغا خەلق ۋەكىلى سۈپىتىدە قاتنىشىمەن دېگەن ئىدىم، سىزمۇ ماقۇللىقىڭىزنى بىلدۈرگەن ئىدىڭىز. مەن خەلق ۋەكىللىك سالاھىيىتىمدىن پايدىلىنىپ، خەلقنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق، قۇرۇلتاي بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، قۇرۇلتاي بىلەن خەلقنىڭ ئورگانىك باغلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمەن، ھەمدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى مەسىلىلەرنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويۇپ، قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنىڭ مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ قۇرۇلتايغا بولغان ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى مىللەت ئالدىدىكى ئۇيغۇرلۇق بۇرچۇم دەپ بىلگەچكە، يىغىندا 10-15 مىنۇت خەلقنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن سۆزلەش پۇرسىتى بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدىم. ئەپسۇس، ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىمدىن ۋاز كېچىش ئارقىلىق نارازىلىقىمنى ئىپادىلىگەن ئىدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن، ماڭا ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمەي، مېنى قۇرۇلتاي خەلق ۋەكىللىك سالاھىيىتىدىن قالدۇرۇۋەتتىڭلىمۇ؟  ھېچقانداق يىغىنغا تەكلىپ قىلمىدىڭلار. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆزى ئېتىراپ قىلغان خەلق ۋەكىلىگە ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمەي قالدۇرۇۋېتىشى قۇرۇلتاي نىزامنامىسىنىڭ قايسى ماددىسىغا ئاساسلانغان؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭىزنى سورايمەن.

دولقۇن ئەيسانى ئىزچىل تەنقىد قىلىغانلىقىم ئۈچۈن، مەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، خەلقنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى يەتكۈزۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغاندىن كىيىن، ھەر قېتىملىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يىغىن ئاچقاندا، ئۇچۇق خەت ياكى تەكلىپ شەكلىدە ئىزچىل تەنقىدىي پىكىرلىرىمنى ۋە سۇئاللىرىمنى يېزىپ، قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىگە يوللاپ، ئۇلارنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاب بېرىشىنى ئۈمىد قىلىپ كەلدىم. ئەپسۇس، ھازىرغىچە ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىدىم. شۇنداقتىمۇ، ئۈمىتسىزلەنمەي، داۋاملىق ئۇچۇق خەت يېزىپ كېلىۋاتىمەن. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىم:

  1. كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىنى تەتقىق قىلغۇچىلار ۋە كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال قالدۇرۇش
  2. خەلقئارادا لوببىچىلىق ھەرىكىتى بىلەن تونۇلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدەك كۆزگە كۆرۈنگەن تەشكىلاتنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىدىكى كۆز بويامچىلىق، ساختىلىق، بىپەرۋالىق ۋە بىيۇكراتلىقنى دادىللىق بىلەن تەنقىد قىلىپ ۋە سۇئال قۇيۇپ قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنىڭ مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيتىدىن جاۋابكار بولۇشىغا قىستاش، مىللەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىدە ئورتاق پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش، شۇنداقلا قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنىڭ خەلق ئالدىدىكى ئۇچۇق-ئاشكارا بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆز بۇرچۇمنى ئادا قىلىش.
  3. ئۇچۇق خەتنى تور ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا  ئېلان قىلىش ئارقىلىق دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە خەلىقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسلىسىگە ۋە قۇرۇلتاي پائالىيەتلىرىگە تارتىش ئارقىلىق خەلىقئارا تەشكىلاتلار، سىياسۇنلار، كىشلىك ھۇقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى پائالىيەتلىرىنى كۈزىتىپ كىلىۋاتقان تەشكىلات ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ قۇرۇلتاينىڭ پائالىيەتلىرىگە تېخىمۇ كۆپ دىققەت قىلىشقا چاقىرىش بۇ ئارقىلىق قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنىڭ كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئۇچۇق-ئاشكارە بۇلۇشقا ۋە خەلىقنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بىرىشكە ئىلھاملاندۇرۇش، شۇنداقلا قۇرۇلتايدىكى بىيۇكىراتلىقنى تۈگىتىپ شەرقى تۈركىستاننىڭ تۈپ مەنپەتىگە  ۋەكىللىك قىلدىغان دىمكۇراتىك ئاڭغا ئىگە ئوخشىمغان پىكىر ئېقىم ۋە كۆز قاراشلاردىن تەركىپ تاپقان ھەقىقىي قۇرۇلتاي سېستىمىسنى قۇرۇپ چىقىشقا تۈرۈتكە بۇلۇش شۇنداقلا قۇرۇلتاينى ئىسلاھ قىلىش

ھۆرمەتلىك تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندىم سىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تور تېلېۋىزىيەسىدە، مىيۇنخېندا 3-قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى ئېچىلىدىغانلىقى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىڭىزدا، «ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بىزگە تەكلىپ-پىكىر بېرىش ۋە سۇئال سوراش ھوقۇقى بار» دېدىڭىز.

مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئىشغالىيتىگە، تاجاۋۇزچىلقىغا، قىرغىنچىلقىغا قارشى ئاكتىپ پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزدىن يۇقىرىدا سورىغان سۇئاللارغا سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاب بېرىشىڭىزنى ۋە پات ئارىدا سىزنى « ئۇيغۇر چايخانسى سۆھبەتلىرى » پىروگىرامىسغا تەكلىپ قىلىپ بىر سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىت قىلىمەن.

ھۆرمەت بىلەن: ئابدۇرېھىم غېنى

بىرىنچى قېتىم يېزىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىنغا يوللانغان ۋاقتى:2025-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى

ئىككىنچى قېتىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىنغا يوللانغان ۋە توردا ئېلان قىلىنغان ۋاقتى:2025-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى

مەنبە:

https://www.facebook.com/100064405523369/posts/771842424972601/?mibextid=wwXIfr&rdid=Bo2C8ipDJqa1lYBj