
ئالدىنقى ھەپتە يەنى 2025-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىپتار پائالىيىتىدە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ گوللاندىيە پارلامېنتىدا تېخىمۇ كۆپ سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشىش، شۇنداقلا پارلامېنتتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى داۋاملىق كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقنىڭ سىگنالى بېرىلدى. بۇ قېتىملىق ئىپتار پائالىيىتىگە 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە گوللاندىيەدىكى سىياسىي پارتىيىلەردىن بولغان Denk پارتىيىسىنىڭ باشلىقى Stephan van Baarle ۋە نۇرغۇن تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، شۇنداقلا تۈركىيەدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرىمۇ بار ئىدى.
ئىپتارلىق پائالىيىتى بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئوبۇلقاسىم ھاجىمنىڭ ئېچىلىش نۇتقى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ باشلىقى، ھەرقايسى تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئارقا-ئارقىدىن سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەن بۇ قېتىملىق ئىپتارلىق پائالىيەتتە ئەڭ دىققىتىمنى تارتقان بىر قانچە نۇقتىنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى.
سىياسىي پارتىيىنىڭ قوللىشى – يېڭى كۈچ ۋە يېڭى ئۈمىد
بۇ قېتىملىق ئىپتارلىق پائالىيىتىدە سۆز قىلغان Denk پارتىيىسىنىڭ باشلىقى Stephan van Baarle ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، گوللاندىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانۇن چىقىرىش تەشەببۇسلىرىغا ئۆزىنىڭ پارتىيىسىنىڭ كۈچ چىقىرىپ، گوللاندىيە پارلامېنتىدا داۋاملىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپلا قالماي، يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ «شىنجاڭ» ئەمەسلىكىنى، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا ئەمەلىي سىياسىي قەدەم تاشلاشقا تىرىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزى، پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

بۇ، گوللاندىيە پارلامېنتىدا ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن بىر سىياسىي پارتىيە باشلىقىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىق ۋەدىسى بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ گوللاندىيەدە سىياسىي كۈن تەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ روشەن دەلىلىدۇر. Stephan van Baarle نىڭ سۆزىدىكى بېسىلغان ئەمەلىي بىر قەدەم بولسا، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ھەر ئايدا بىر قېتىم سىياسىي جەھەتتىن ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيىلەش پىلانىنى ئالدىنقى ئايدىن باشلاپ يولغا قويغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ پىلاننىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سىياسەتكە بولغان قىزىقىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە خەلقئارالىق سەھنىدە ئاكتىپ رول ئوينىشىغا ياردەم قىلىشتۇر» – دېدى.
تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ ھېسداشلىقى
پائالىيەتكە قاتناشقان ھەرقايسى تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ باشلىقلىرىمۇ ئۇيغۇرلارغا بولغان قوللاش ۋە ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
يىغىپ ئېيتقاندا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش، ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش ۋە كۆپ مەدەنىيەتلىك جەمئىيەتنى قوللاش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئاكتىپ پوزىتسىيىگە ئىگە Denk پارتىيىسى، ئىلگىرىمۇ بىر قانچە قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى گوللاندىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ بىرى ئىدى. بۇ پارتىيىنىڭ يېڭىدىن رەئىسى بولغان Stephan van Baarle نىڭ بۇ قېتىملىق 200 دىن كۆپ كىشىلەر قاتناشقان ئىپتار پائالىيىتىدە قىلغان سۆزى، ئۇنىڭ پارتىيىسىنىڭ يەنىلا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ گوللاندىيە سىياسىي سەھنىسىدە كۆپرەك ئېتىبارغا ئىگە بولۇشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى بولۇپ، ئۇنىڭ گوللاندىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانۇن چىقىرىش تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىق سەھنىدە كۆپرەك قوللاشقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولغۇسى.

ئۇنداقتا، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى نېمە قىلىشى كېرەك؟
- سىياسىي قوللاش ۋە بېسىم كەلتۈرۈش– گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان تەشكىلاتلار، پارلامېنت ۋە سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشى لازىم. Denk پارتىيىسىنىڭ بۇ قېتىملىق تاشلىغان قەدىمى، باشقا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىمۇ ئۆرنەك بولۇشنىڭ قەدىمى بولۇشى مۇمكىن.
- ماتېرىيال ۋە دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلەش– گوللاندىيەدىكى ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى پارلامېنت ئەزالىرىنى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا ماتېرىياللار بىلەن سىستېمىلىق شەكىلدە تەمىنلەش كېرەك. بۇ ئۇيغۇر ھەققىدە قانۇن ماقۇللىتىشقا تېخىمۇ تۈرتكە بولىدۇ.
- كۆپلەپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈش – ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن گەۋدىلەنگەن، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئائىت پائالىيەتلەرنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، گوللاندىيەدە ۋە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانۇن ماقۇللىتىشقا تىرىشىشى لازىم.
بۇ قېتىملىق ئىپتار پائالىيىتى، گوللاندىيەدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سىياسىي سۇپىلاردا كۈچ چىقىرىدىغان پارتىيەلەر ۋە تەشكىلاتلار ھەمكارلىقىنىڭ بىر باسقۇچى بولۇپ قالغۇسى. شۇنداقلا Denk پارتىيىسىنىڭ بۇ قېتىملىق تاشلىغان قەدىمى، باشقا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىمۇ ئۆرنەك بولغۇسى.
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
يېزىلغان ۋاقتى: 2025-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى