
1. شەرقى تۈركىستان دۆلەت ئارمىيسىنىڭ قۇرۇلۇشى
بۈگۈن 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۇيغۇرلارنى غۇرۇرلاندۇرغان، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمدۈرگەن، شەرقى تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن مۇنتىزىم ھەربى كۈچ شەكىللەندۈرگەن تارىخى ئەھمىيەتلىك بىر كۈن. يەنى 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان دۆلەت ئارمىيسنىڭ قۇرۇلغان خاتىرە كۈنىدۇر.
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئوتتۇرلىرىغىچە دۇنيانىڭ سىياسي ئاتمۇسفىراسىدا يۈزبەرگەن كەسكىن سىياسى داۋالغۇشلار شەرقى تۈركىستانغىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ شەرقىي تۈركىستانمۇ كەسكىن سىياسىي داۋالغۇشلار ئىچىدىكى بىر رايۇنلارغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. 1931-يىلدىن 1934-يىلغىچە ۋە 1944-يىلدىن1949-يىلغىچە شەرقى تۈركىستاندا خىتاي تاجاۋۇزچى ھاكىميىتىگە قارشى كۈچەيگەن ئازاتلىق ھەركەتلىرى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر سىياسى تارىخىدا ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىملەرنى قالدۇردى. 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان دۆلەت ئارمىيسى 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى خىتاي تاجاۋۇزچى ئارمىيسىنىڭ شەرقى تۈركىستانغا كىرىشى ۋە 12-ئاينىڭ 22-كۈنى شەرقى تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشى نەتىنجىسدە تارقىتىلۋېتىلىپ، 1969-يىلىغىچە پۈتۈنلەي يوق قىلىندى. بۇ جەرياندىكى شەرقى تۈركىستان دۆلەت ئارمىيسىنىڭ كۈرەش مۇساپىلىرى ئۇيغۇر تارىخدا شانلىق ئىزلارنى قالدۇردى.
شېڭ شىسەي 1943-يىلى سوۋېت ئىتىپاقىدن تۇيۇقسىز يۈز ئۆرىگەندىن كىيىن، 1944-يىلى شەرقى تۈركىستاندا ئىككىنجى قېتىملىق كەڭ كۈلەملىك ئىنقىلاپ پارتىلدى. 1944 -يىلى 9-ئاپرېل، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى بىلەن غۇلجا ناھىيە بازىرى (ھازىرقى غۇلجا شەھىرى) دە شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى يەر ئاستى تەشكىلات – غۇلجا ئازادلىق تەشكىلاتى قۇرۇلدى، ئېلىخان تۆرە رەئىس بولدى.

1944- يىلى 8-ئايدا پاتىخ باتۇر، ئەكبەر باتۇر، سىيىت باتۇر، غېنى باتۇر ، خەمىت باتۇر قاتارلىقلارنىڭ باشچىلقىدا نىلقا ناھىيەسىنىڭ ئۇلاستاي تاغلىق رايونىدا پارتىزانلار ئەتىرىتىنى تەشكىللەپ تاجاۋۇزچى گومىنداڭ ھۆكۈمتىنىڭ مۇستەملىكىسگە قارشى ئازاتلىق كۈرشىنى باشلاش ئۈچۈن پارتىزانلار ئەتىرىتى باش شىتابىنى قۇرىدۇ.فاتىخ پارتىزانلار ئەتىرىتىنىڭ باش قۇماندانلىقىغا، خەمىت مۇئاۋىن باش قۇماندانلىقىغا ۋە ئەكبەر ئالدىنقى سەپ قۇماندانلىقىغا سايلىنىدۇ. پارتىزانلار ئەترىتى شۇ ئەتراپتىكى جالۇنغۇل، جارتۇغان ۋە كۆكساي قاتارلىق جايلاردىكى يەرلىك ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى قوزغاپ، غۇلجىدا جۇڭخۇا مىنگو ھۈكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكىسگە قارشى قوراللىق ئۇمۇمىيۈزلۈك قوزغىلاڭ كۆتۈرۇشكە تەييارلىق قىلىدۇ. پارتىزانلار ئەترىتى تولۇق تەييارلىق قىلىپ شۇ يىلى 6 – ئوكتەبر كۈنى فاتىخنىڭ قوماندانلىقىدا نىلقا ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم باشلاپ، كەسكىن جەڭلەر ئارقىلىق 7 – ئوكتەبر نىلقا ناھىيە بازىرىنى ئېشغال قىلىدۇ. شۇندىن كېيىن نىلقا ناھىيىسىدە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابى تارىخىدىكى تۈنجى خەلق ھاكىمىيىتى قۇرۇلىدۇ. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا خەمىت دۈشمەن بىلەن قەھرىمانلارچە جەڭ قىلىپ، ئەركىنلىك ۋە ئازادلىق ئۈچۈن شەرەپ بىلەن قوربان بولىدۇ. بۇ قېتىمقى جەڭدە پارتىزانلار ئەترىتى جۇڭخۇا مىنگونىڭ ھەربىي- ساقچىلىرى بولۇپ جەمئىي 30 دىن ئادىمىنى يوقۇتۇپ، 140 نەچچە ئەسكىرىنى ئەسىرگە ئېلىشتىن سىرىت يەنە 66 دانە مىلتىق، 8 تاپانچا، 3 پىلىموت، 150 گرانات، نەچچە مىڭ پاي ئوق ۋە بىر ماشىنا ئولجا ئېلىش بىلەن بىرگە تۇرمىدىكى 100 ئارتۇق ھەر مىللەت كىشلىرىنى بئازات قىلىدۇ. نىلقا ناھىيە بازىرى ئازات بولغاندىن كېيىن ئولاستاي پارتىزانلار ئەترىتىنى قايتىدىن تەشكىللەپ ئۈچ چوڭ ئەترەتكە بۆلىنىدۈ. 1 – چوڭ ئەترەتتە 300 گە يېقىن كىشى بولۇپ قازاقلار ئىدى. ئەكبەر ئەترەتنىڭ باشلىقى، سېيىت مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ تەيىلىنىدۇ. 2- چوڭ ئەترەتتە ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە ئاز ساندىكى شىبەلەر بولۇپ 250 يېقىن كىشى بولۇپ، غىنى باشلىقى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. 3 – چوڭ ئەترەتنىڭ كۆپ قىسمى رۇسلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ ئىۋان سىتوۋ ئەترەت باشلىق بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. پارتىزانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 800 دىن ئېشىپ كىتىدۇ.
1944-يىلى 4- نويابىر غۇلجا ئازادلىق تەشكىلاتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن جۇڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ غۇلجىدىكى ئاساسىي ھەربىي كۈچىنىڭ قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن نىلقا تەرەپكە كەتكەنلىك پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ غۇلجىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى قارار قىلىدۇ. ھەمدە شەھەر ئىچىدە ئاممىنى مەخپىي تەشكىللەپ قوراللاندۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتدا سوۋېت كونسۇلخانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن نىلقا پارتىزانلىرىغا ئالاقىچى ئەۋەتىپ، غۇلجا قوزغىلىڭىغا ياردەمگە كېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

1944-يىلى 6-نويابىر كۈنى كەچتە ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ھەر قايسى قوراللىق كۈچلەر باشلىقلىرىنىڭ باش ھەمكارلىششى بىلەن بىرلەشمە يىغىنى ئېچىلىپ، قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىدىغان ھەربىي ئىشلار قوماندانلىق شتابىنى قورۇلۇدۇ. ھەربىي ئىشلار قوماندانلىق شتابقا سوۋېت قىزىل ئارمىيە ئوفېتسىرى پېتىر رومانىۋىچ ئالىكساندروۋ مەسئۇل بولىدۇ، قوماندانلىق شتاب ئەزالىرى رەھىمجان سابىر ھاجىيوۋ، ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ، ۋارشانوۋ مىخايلوۋىچ ماژاروۋ ۋە قاسىمجان قەمبىرى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپىدۇ.
7- نويابىر تاڭ سەھەردە پاتىخ موسىلىموۋ قوماندانىلىقىدىكى نىلقا پارتىزانلار ئەترىتى، ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ ۋە پېتىر رومانىۋىچ ئالىكساندرو باشچىلىقىدىكى قورغاس پارتىزانلىرى ۋە ئازادلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى غۇلجا شەھىرىدىكى يەرلىك ھەر مىللەت قوزغىلاڭچىلىرى ۋە خەلق ئاممىسى بىرلىكتە جۇڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى ئاساسىي ھەربىي پونكىتلىرى، ۋالىي مەھكىمە ، ئىلى ۋىلايەتلىك باش ساقچى ئىدارىسى ۋە تارماق ساقچى ئىدارىلىرى، ئېلېكتر ئىستانسىيىسى، تېلېفون ئىدارىسى ۋە كەسپىي شىركەت قاتارلىق نوقىتىلىق جايلارغا قارىتا ئومۇميۈزلىك ھۇجۇم باشلاپ 12-نوۇابىر كۈنى غۇلجىدا ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ رىياسەتچىلىگىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى قۇرۇلىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى باش قوماندانلىق شتابى غۇلجىدىكى جوڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ قالدۇق قىسىملىرى ئۇرۇنلاشۋالغان ھەرەمباغ، ئايرۇدروم ۋە لەڭشاڭ بۇتخانىسىغا ئومۇميۈزلىك ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن 1945-يىلى 28-يانىۋار تاڭ سەھەر بىلەن تەڭ پارتىزانلار ئەترەتلىرى سوۋېت ئىتتپاقى ھەربىي خادىملىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ھەر قايسى نوقتىلارغا شىددەت بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. گەرچە جياڭ جيېشى ئۆز قوشۇنىغا «ستالىنگراد روھىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان روھ بىلەن ئاغىرىغىچە چىڭ تۇرۇڭلار» دېگەن تېلېگرامما بۇرۇقنى ئەۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ھەرەمباغ قاتارلىق ئۈچ جايدا مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قالغان جوڭخۇا مىنگو دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ قالدۇق قوشۇنلىرى ئىلى پارتىزانلىرنىڭ دەھشەتلىك ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بىرەلمەي مەغلۇپ بۇلىدۇ. نەتىنجىدە 2100 دانە مىلتىق، ئېغىر- يىنىكپىلمۇتلاردىن 98 دانە، 2 دانە زېنىت توپ، 5 دانە مىناميوت، 54 ئايروپىلان ( كۆپى دۆشمەن تەرىپىدىن بۇزۋىتىلگەن)، 16 ماشىنا، 8 راتسىيە ئاپپاراتى ۋە باشقا ھەربىي ئەشيالارنى غەنىمەت ئالىدۇ. پارتىزانلار ئەترەتلىرى ھەرەمباغنى ئشغال قىلغاندىن كېيىن ئىلى ۋىلايتىنىڭ جىڭ ۋە بورىتالا ناھىيىلىرىدىن باشقا جايلىرى پۈتۈنلەي ئازاد بولىدۇ.

1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8- كۈنى، غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان دۆلەت ئارمىيەسىگە بايراق تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇنتىزم شەرقى تۈركىستان دۆلەت ئارمىيسىنىڭ رەسمى قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. قوشۇننىڭ فورمىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيسىنىڭكىگە تەقلىد قىلپ تىكتۈرۈلدى. ئارمىيىنىڭ پاگون، كاكار، بايراقلىرى بېكىتىلدى، مېدال ۋە ئوردېنلار تارقىتىلدى. شەرقىي تۈركىستان دۆلەت ئارمىيە باش شىتابى قارمىقىدا ھەربىي تەمىنات باشقارمىسى، سىياسى باشقارما، ھەربىي قۇرۇلۇش باشقارمىسى، ھەربىي سوت، ھەربىي ھەرىكەت باشقارمىسى قاتارلىق ئورگانلار تەسىس قىلىندى. سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىدىن قېچىپ غۇلجىغا كېلىپ يەرلەشكەن چار پادىشانىڭ ئاق ئۇرۇس سولداتلىرىدىن بولغان پالېنوف باش قوماندانلىققا، مازھاروف شىتاب باشلىقلىقىغا، ئۇيغۇرلاردىن زۇنۇن تېيىپوف مۇئاۋىن باش قوماندانلىققا، غېنى باتۇر ھەربى سوتنىڭ باشلىقلىقىغا، ئابدۇكېرىم ئابباسوف سىياسى باشقارمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. مۇنتىزىم قوشۇننىڭ ئومۇمىي ئەسكەر سانى 40 مىڭدىن ئاشاتتى.
مىللىي ئارمىيە گەرچە يېڭى قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ شەرقى تۈركىستاننى ئازاد قىلىش ئىرادىسى ۋە جەڭگۋارلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچقا، خىتاي قوشۇنلىرىنى شىمالدىكى ئۈچ ۋىلايەتتىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۈرۈمچىىنىڭ پولات قورغىنى دەپ ئاتالغان شىخو، جىڭ مۇداپىئە سەپلىرىنى بىتچىت قىلىپ، ئۈرۈمچىگە پەقەت 150 كىلومېتىرلا كېلىدىغان ماناس دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، جەنۇبىي يۆنىلىش قىسمىنى تەشكىللەپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارغا ھۇجۇم باشلاش بىلەن تەڭ، بۇ جايلارغا مەخپىي ئادەم ئەۋەتىپ جاي – جايلاردا خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ تەشكىللەيدۇ. جەنۇپتا تاشقورغان، تاشمىلىقلارنى مەركەز قىلغان قوراللىق قوزغىلاڭچىلار قىسمىنى قۇرۇپ، خىتاي قوشۇنلىرى ئىشغالىدىكى جايلارغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلايدۇ. مۇنتىزىم قىسىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن ھېسابلانغان باي، ئونسۇ ناھىيەلىرىنى ئازات قىلىپ، خىتاي قوشۇنلىرىنى ئاقسۇ شەھەر سېپىلى ئىچىگە قاپسىۋالىدۇ. باشقا قوراللىق قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلارمۇ تۇشمۇ – تۇشتىن ھۇجۇم باشلاپ، ئۆز تەۋەسىدىن خىتاي قوشۇنلىرىنى قوغلاپ چىقىرىدۇ. خىتاي قوشۇنلىرى ھەممىلا يەردە ئاساسەن شەھەرلەردىكى سېپىل ئىچىگە قاپسىلىپ قالىدۇ.
بۇ دەل 2 – دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ قالغان مەزگىل ئىدى، جاڭ جيېشى روزۋېلىتقا يالۋۇرۇپ، ستالىن بىلەن سۈلھىلىشىدۇ ۋە تاشقىي موڭغۇليەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتراپ قىلىش، لۇشۈن، دالىيەن پورتلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئىجارىگە بېرىش، ئەسكەر تۇرغۇزۇشغا رۇخسەت قىلىش، شەرقى شىمالدا تۈمۈريول ياساش ھۇقۇقىنى بىرىش قاتارلىق ئمتيازلار بەدىلىگە شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي تەۋەلىكىدە ساقلاپ قېلىشقا كېلىشىدۇ. نەتىجىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقى تۈركىستاندىن بارلىق ھەربى مەسلىھەتچىلىرى ۋە ھەربى خادىملىرىنى ئەكىتىپلا قالماي، شەرقى تۈركىستان دۆلەت ئارمىيسىگە قورال – ياراق، ئوق –دورا ۋە باشقا زۆرۈر ئەشيالارنى سېتىپ بېرىشنى توختىتىدۇ. ھەتتا شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلايدۇ.

سەككىزئايلىق جاپالىق سۆھبەتلەردىن كېيىن 1946-يىلى 4-ئايدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا «11 ماددىلىق بىتىم» ئىمزالىنىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتىنىڭ نامى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ، مىللىي ئارمىيە قىسقارتىلىپ 6 پولك قىلىپ تەشكىللىنىدۇ. جەنۇبتىكى ئون مىڭلىغان قوراللىق قوزغىلاڭچىلارمۇ قوراللىرىنى تاپشۇرۇپ، ئۆيلىرىگە قايتىدۇ. لېكىن، خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمتى كېلىشىمگە ئەمەل قىلمىغاچقا، بىرلەشمە ھۆكۈمەت بۇزۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرى 1947-يىلى 8-ئايدا ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قايتىدۇ ھەم ئارمىيەنى قايتىدىن كېڭەيتىپ، 5 ئاتلىق پولك، 3 پىيادىلەر پولكى ۋە بىر ئاتلىق باتالىيوندىن تەركىپ تاپقان، تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان 30 مىڭ كىشلىك قوشۇن تەشكىللەيدۇ.
1949- يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى گومىنداڭ بىلەن بولغان ھەل قىلغۇچ جەڭنىڭ غەلىبىسنى قولغا كەلتۈرىدۇ. نەتىجىدە، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە قاچىدۇ. شۇ يىلى 6-ئايدا ليۇ شاۋچى سوۋېت ئىتتىپاقىغا مەخپىي سۆھبەتكە بارىدۇ. سۆھبەت داۋامىدا سوۋېت ئىتتىپاقى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىش قەدىمىنى تېزلىتىشى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ. 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى دېڭ لىچۈن ئۈچ نەپەر خادىم ۋە بىردانە رادىست (تېلېگرافچى) ئېلىپ ئالمۇتا ئارقىلىق غۇلجىغا كېلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماتېرىياللىرىدا ئېيتىلىشىچە، 8-ئاينىڭ 18-كۈنى ماۋزېدۇڭ ئەخمەتجان قاسىمغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنى 9-ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا تەكلىپ قىلغان. 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى ماۋزېدۇڭغا تېلېگرامما يوللاپ بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
1949-1944-يىللىرىدىكى شەرقى تۈركىستان ئازادلىق ئىنقىلاپى دەۋرىدە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا پائالىيەت قىلغان بىخەتەرلىك خادىمى دوختۇر ھاكىم جاپپار بىلەن يارۇللا بېكوفنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان سۆھبەت خاتىرىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئىنقىلاب رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئۆمەك 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدە موسكۋانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ بىر قازاق رەھبىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

سۆھبەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارغا بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشقاندا ھېچقانداق سىياسىي تەلەپ ۋە شەرت قويماي قاتنىشىپ، خىتاينىڭ سىياسىي پروگراممىلىرىنى ھىمايە قىلىش تەكلىپى بېرىدۇ، ئەخمەتجان قاسىمى بۇنى قەتئىي رەت قىلدۇ ھەمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي تەقدىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا مۇستەقىللىق، پەقەت بولمىغاندا، فېدېراتسىيە تۈزۈمى بويىچە ھوقۇققا ئېرىشىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنداق بولمىسا، مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى كەسكىن ئېيتىدۇ. سۆھبەت ئىنتايىن كەسكىن تالاش-تارتىش ئىچىدە ئۆتىدۇ ۋە يېرىم كېچىگىچە داۋاملىشىدۇ. تالاش-تارتىش ۋە بېسىمنىڭ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە، ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبېك مۇنونوف، دەلىلقان سۇگۇربايېف قاتارلىقلار ئاخىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھېچ بولمىغاندا مىللىي مەسىلىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مودېلى بويىچە ھەل قىلىشى، يەنى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ھوقۇقىنى بىرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىشىدۇ. بىراق، موسكۋا ۋەكىللىرى بۇنىڭغىمۇ قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرمەيدۇ، سۆھبەت نەتىجىسىز ئاخىرلىشىدۇ.
خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ ھەقىقىي تارىخنى يۇشۇرۇپ ئويدۇرۇپ چىققان تارىخ بۇيچە بولغاندا، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالمۇتادىن ئايرىلىپ بېيجىڭغا يىغىنغا ماڭغاندا 27-كۈنى كۈنى ھاۋا رايى سەۋەبىدىن بايقال كۆلى بويىدا ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدۇ. ئۇلار بېيجىڭدىكى يىغىندا ھېچقانداق مىللىي ۋە سىياسىي ھوقۇق تەلەپ قىلمايتى، كوممۇنىست خىتاي ھۈكۈمىتىنى تۇلۇق ئېتىراپ قىلاتتى. لېكىن، ئۇيغۇرلار ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ سۇيىقەست بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇ ھەقىقىي تارىخ شەرقى تۈركىستان مۇستەقىل بولغاندا چۇقۇم ئاشكارىلىنىدۇ.
2. شەرقى تۈركىستان دۆلەت ئارمىيسىنىڭ يوق قىلىنىشى
تاجاۋۇزچى خىتاي كوممۇنىست ئارمىيسى سېۋىت ئىتىپاقىنىڭ قوللىشى بىلەن 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلدى. 1950-يىلى 1-ئاينىڭ 20 –كۈنى، شەرقىي تۈركىستان دۆلەت ئارمىيىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، خىتاي خەلىق ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ 5-كۇرپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ خىتاي ئارمىيسىنىڭ تەركىبىگە قوشۇۋېتىدۇ. ھەتتا 1962-يىلى خىتاي ھىندىستان چىگرا ئۇرشى يۈزبەرگەندە خىتاي ھۈكۈمىتى سابىق شەرقى تۈركىستان جەڭچىلىرىنى تىزراق كۆزدىن يۇقۇتۇش ئۈچۈن ھىندىستان ئارمىيسىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا ئۇلار تىللاردا داستان بولغۇدەك ئاجايىپ قەھىرىمانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق چۈچىگەن ۋە خەۋىپسىرىگەن خىتاي ھۈكۈمىتى ئۇلارنى خىتاي ئارمىيسنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا قۇشۇۋېتىدۇ ھەم ئەسكەرلىكتىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسدا ھەرقايسى شەھەر ۋە يېزىلارغا ئىۋەرتىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ساقلىنىپ قالغان ئىككى پولىكىمۇ يەنى 5- كۇرپۇسنىڭ 13-دېۋىزىيە 38-پولىكى،14-دېۋىزىيەنىڭ 40-پولىكى 1969-يىلى يەنى شىمالىي شىنجاڭ دالا ئارمىيسىگە قۇشۇۋېتىلىپ يوق قىلىندۇ.10 يىل داۋاملاشقان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە شەرقى تۈركىستان ئارمىيسىنىڭ گېنىراللىرى ۋە ئەسكەرلىرىنى تۈرلۈك سۈيقەسىت ۋە باھانىلەر بىلەن ئۆلتۈرۈپ يوق قىلىدۇ.
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ يۈكسەك غۇرۇرىنى نامايەن قىلغان ۋە مىللىتىمىز قەلبىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان شەرقىي تۈركىستان دۆلەت ئارمىيەسى تاجاۋۇزچى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن يوق قىلىۋېتىلگەن بولسىمۇ، تارىخىمىزنىڭ شانلىق سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئۇ بىزنىڭ تارىخىي غۇرۇرىمىز، شۇنداقلا كەلگۈسى ئىنقىلاۋىمىز ئۈچۈن مەدەتكارىمىز.
مەنبە: نەبىجان تۇرسۇن يازغان « ئۇيغۇر ئۇمۇمىي تارىخى»، ئورخۇن توربېتى
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
2025-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى