
مىللىي بايراملىرىنى خاتىرىلىمەيدىغان مىللەت تارىخ ئىزى يوقالغان مىللەت. خاتىرىلىگۈدەك مىللىي بايراملىرى، مىللىي قەھرىمانلىرى تۇرۇپ خاتىرىلىمىگەن مىللەت نادان مىللەت. بۇنداق مىللەت تارىخ سەھنىسىدىن سۈپۈرۈلۈپ تاشلىنىدۇ. – خاتىرەمدىن
2018-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ ئامستېردام دام مەيدانىدا خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان يالغۇز كىشىلىك نامايىشىمنىڭ ئەڭ يارقىن، ئەڭ جەلىپكار نۇقتىسى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى: خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن مۇستەملىكە زىمىنغا ئايلىنىپ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر دۆلەتتىن مەھرۇم قېلىپ ئاپتونوم رايون دەرىجىسىدىكى ئاز سانلىق مىللەت دەرىجىسىگە چۈشۈپ قېلىشى ئىدى.
دۇنيانىڭ ئەڭ ناتونۇش جايىدىن كەلگەن ساياھەتچىمۇ تىبەتنىڭ خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان بىر مۇستەملىكە زىمىن ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدىكەن. ئەمما تىبەتنىڭ قوشنىسى، تەقدىردىشى بولغان شەرقىي تۈركىستاننى، ھەتتا بۇ زىمىننىڭ ئىگىسى بولغان «ئۇيغۇر» دېگەن بىر مىللەتنىڭ نامىنى ئاڭلاپ باقمىغانلارمۇ ھەقىقەتەن كۆپكەن.
شۇڭا مەن تىنچ شەكىللىك نامايىش جەريانىدا ئەڭ ئاۋۋال ئۇلارغا بۇ زىمىننىڭ خەرىتىسىنى كۆرسىتىپ كەلدىم. مەن ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىپ «شىنجاڭ» دېگەن مۇستەملىكە نامغا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى چۈشەندۈرگەندە، ئۇلار ھەيران قالاتتى.
بۇنىڭغا ئۇلاپلا «ئۇيغۇر تارىخى» دېگەن پىلاكاتىمدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىسىچە تارىخى، يەنى ھون ئىمپېرىيەسىدىن تارتىپ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگىچە بولغان تارىخلارنى كۆرسەتكىنىمدە ئاغزىنى ئېچىپلا قالاتتى. بەزىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى بىلىدىغانلىقىنى، بۇ مىللەتنىڭ قەدىمدىن تارتىپ جەڭگىۋار ھەم مەدەنىيەتلىك خەلق ئىكەنلىكىنى دېگەندە قەلبىم ھاياجانلىنىپ كېتەتتى. بۇنداق ئىشلار ئامىستېردامدىكى نامايىش جەريانىدا نۇرغۇن قېتىم يۈز بەردى.
بىر كۈنى گېرمانىيەدىن كەلگەن بىر ساياھەتچى ئۇيغۇر تارىخى بىلەن يانمۇ يان قويۇلغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئائىت پىلاكاتلىرىمدىكى بارلىق سۈرەتلەرنى كۆرۈپ بولۇپ يېنىمغا كېلىپ: «يىگىت بېشىڭدىكى دوپپاڭنى يىراقتىن كۆرۈپلا ئۇيغۇر ئىكەنلىكىڭنى بىلدىم. سېنىڭ ۋەتىنىڭگە 15 يىل بۇرۇن ساياھەتكە بېرىپ ئۈرۈمچى، تۇرپان، غۇلجا، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق شەھەرلەرنى ساياھەت قىلغاچ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن خېلى ئەتراپلىق تونۇشقان ئىدىم.
ئۇيغۇرلار چەتئەلدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى بەك ھۆرمەتلەيدىكەن ھەم بەك قىزغىن مۇئامىلە قىلىپ ئۆيلىرىگە تەكلىپ قىلىپ مېھمان قىلىشنى بەك ياخشى كۈردىكەن. مەن ئۇيغۇرلاردەك مېھماندوست مىللەتنى دۇنيانىڭ ھىچقانداق بىر يېرىدە كۆرۈپ باقمىدىم. ئۈستى ئۇچۇق تەبئىي مۇزىكا تۈسىنى ئالغان قەدىمىي شەھەر قەشقەردىكى تەسىراتىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن.
يىپەك يولى مەدەنىيىتىنى يارىتىپ دۇنياغا مەدەنىيەت تارقاتقان قەدىمىي تارىخقا ئىگە بۇ مىللەتنىڭ، بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى
سېنىڭ تەشۋىقاتلىرىڭدىن تەپسىلىي كۆرۈش جەريانىدا ئۇيغۇرنىڭ قىسىقچە تارىخى كۆز ئالدىمدا قايتىدىن نامايان بولدى» دېگەندە كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ياش چىقىپ كەتتى.
ئۇ يەنە: «شۇ تاپتىكى ھېسسىياتىڭنى چۈشىنىمەن. كۆڭلۈڭنى ھەرگىز يېرىم قىلما، بىر مىللەتنىڭ جەڭگىۋارلىق بىلەن ياراتقان تارىخى خاتىرىلىنىدۇ، قان ۋە كۆز يېشىغا تولغان تارىخى كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولىدۇ. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئۇلارنىڭ شانلىق ئىش-ئىزلىرى بىلەن ئەسلەيمەن ھەم ئاچچىق قىسمىتىڭلارغا ھىسداشلىق قىلىمەن.
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى موڭغۇل دالىسىنى مەركەز قىلىپ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي ئاسىيادىكى كەڭ زىمىنلاردا ھۆكۈم سۈرۈپ، شانلىق مەدەنىيەت ئىزلىرىنى قالدۇردى. موڭغۇلىيە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردىن تېپىلغان مەڭگۈ تاشلار بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر.
تاڭ دۆلىتى پايتەختىمۇ قولدىن كېتىپ مۇنقەرز بولۇشقا ئازلا قالغاندا ئۇيغۇر ئورخۇن دۆلىتىدىن ياردەم قىلىپ قۇتقۇزۇۋېلىشنى ئۆتۈندى. ئۇيغۇرلار دۆلىتىنىڭ خاقانى بايانچۇر قاغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تاڭ دۆلىتىنىڭ زىمىنلىرىنى بېسىۋالماستىن، بەلكى 5000 مىڭ كىشىلىك سەرخىل قوشۇن بىلەن ياردەمگە ئەۋەتتى. ياردەمگە بارغان ئۇيغۇر قوشۇنلىرى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئىسيانچىلارنى تەلتۆكۈس مەغلۇپ قىلىپ، تاڭ دۆلىتىنى مۇنقەرزلىكتىن ساقلاپ قالدى.
ئۇيغۇرلار شۇ چاغدا تاڭ سۇلالىسىنى بېسىۋېلىپ، خىتايلارنى مۇستەملىكە قىلسىمۇ قىلالايتى، ئەمما ئۇنداق قىلمىدى. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نەقەدەر ئىنسانپەرۋەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
1949-يىلى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى قۇرۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستانغا كىرگەندە «ئۇيغۇرلارنىڭ سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇشىغا ياردەم قىلىمىز، بەش يىلدا چىقىپ كېتىمىز» دەپ سىلەرنى ئالدىدى، ئارقىدىن ئۇزۇن مۇددەت مۇستەملىكە قىلدى، مانا ھازىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
خىتاينىڭ بۇ رەزىللىكى دۇنيادا كۈچلۈك قارشىلىق قوزغىشى كېرەك! سەن بۇ تەشۋىقاتىڭدا ئۇيغۇرنىڭ تارىخى ۋە كىملىكى بىلەن بۈگۈنكى قىرغىنچىلىقنى ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرگە مۇھىم ئۇچۇر بېرىپسەن. مەن ھەققانىي داۋايىڭلارنى قوللايمەن، مۇستەملىكىدىن تېزراق قۇتۇلۇپ مۇستەقىل دۆلىتىڭلارنى قۇرۇپ چىقىشىڭلارنى تىلەيمەن.
خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى سوۋىت ئىتتىپاقى ھاكىمىيىتىگە ئوخشاش غۇلاپ چۈشىدىغان كۈنلەر ئاز قالدى، مۇستەقىل بولۇش پۇرسىتىڭلار ھامان كېلىدۇ، ئۈمىتلىك بولۇڭلار!» دەپ ئاق رەختكە «شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق، خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگىرى تاقالسۇن!» دەپ يېزىپ بەردى ۋە مەن بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ خوشلاشتى.
مەن يالغۇز كىشىلىك نامايىش جەريانىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ھەقلىق داۋا ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ساياھەتچىلەر بىلەن بۇنداق سۆھبەتلەردە كۆپ بولدۇم. ئۇلارنىڭ دەۋاتقىنى: «سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا كەلگەن زۇلۇم خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ناچارلىقىدىن ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ دۆلىتىڭلارنىڭ خىتايلارنىڭ مۇستەملىكىگە چۈشۈپ قالغانلىقىدىن بولغان.
چۈنكى خىتاي باشقا ھەر قانداق مۇستەملىكىچىدىن بەكرەك رەزىل، ئاچكۆز ۋە قەبىھ. ئۇلار سىلەرنى مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەس قىلىۋېتىشنى، ئاخىرىدا يوق قىلىۋېتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. سىلەر ئەركىن دۆلەتتە ياشاۋاتقاندىكىن بۇ يەردە بولسىمۇ ئەركىن بولۇڭلار، كۈچلۈك بولۇڭلار، مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى ئېتىقادقا ئايلاندۇرۇڭلار، پەرزەنتىڭلاردا مىللىي روھنى يېتىلدۈرۈشكە سەل قارىماڭلار» دېيىدىغانلارمۇ كۆپ بولدى.
بىز قانداق قىلىپ مىللىي روھنى ئويغىتالايمىز؟ قانداق قىلغاندا دۆلەتچىلىك ئىدىيىمىزنى تۇرغۇزالايمىز؟ مەن بۇ ھەقتە كۆپ ئويلاندىم. بىز ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان خەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۈممەتنىڭ بىر قىسمى، ئەمما بۈگۈنكى مۇسۇلمانلاردا ئۈممەتچىلىك يوقالدى، خىتايلار بۇنى ياخشى بىلگەچكە مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئالدىدا بىزگە بىمالال قول سالالايدى.
خىتاي مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق زېھنىيىتىگە سىڭىپ كەتكەن «تىلى ياتنىڭ دىلى يات» دېگەن مەپكۈرىسى بولغاچقا باشقا مىللەتلەرنى ئەزەلدىن دۈشمەن كۆرىدىغان خىتاي بۈگۈن بۇ ئەزىز مىللەتنى قىرغىن قىلىۋاتىدۇ.
ئەمدى بىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش قىممىتىمىز ۋە ئاساسىمىز نېمە؟ مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي دۆلەت. ئاللاھ بىزنى ئۇيغۇر قىلىپ ياراتتى ۋە شەرقىي تۈركىستاننى بىزگە زىمىن قىلىپ بەردى. ھەر مىللەتنىڭ خاسلىقى ئاللاھنىڭ بىر ئايىتىدۇر، بۇنى قوغداش ئىماننىڭ تەلىپىدۇر.
ئۇيغۇرلارنىڭ زىمىنى ۋە بۇ زىمىننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئۇيغۇرغا مەنسۇپ، بۇ ئاڭ بىزنىڭ يېتەكچى ئىدىيىمىزدۇر، مۇستەقىللىقنى ئۆز روھىمىزدا، ئىدىيىمىزدە، تەپەككۇرىمىزدا، پائالىيىتىمىزدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز لازىم.
بۇنىڭ ئۈچۈن قولىمىزدىن نېمە كەلسە شۇنى قىلىشىمىز، ئالدى بىلەن بۇنى دۇنياغا كەڭ تەشۋىق قىلىشىمىز كېرەك، بۇنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرى ۋە يوللىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ھەر يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەشتۇر.
شەرقىي تۈركىستان خەلقى 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە ۋە 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى غۇلجىدا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. مىڭلىغان شەھىتلىرىمىزنىڭ ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە قۇرۇلغان بۇ مۇقەددەس ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىز يىللاردىن بۇيان خەلقىمىز تەرىپىدىن بىر ئەڭگۈشتەك سۈپىتىدە قەدىرلىنىپ كەلمەكتە ۋە چەتئەللەردە ھەر يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى جۇمھۇرىيەت كۈنىمىز خاتىرلىنىپ كەلمەكتە.

بىز بۇ كۈننى خاتىرلەش ئارقىلىق، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھۆرلۈكنى ئارزۇ قىلىدىغان، ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ۋە يۈكسەك دېموكراتىك ئاڭغا ئىگە مىللەت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىمىز، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ئەركىنلىك ئىرادىسىنى دۇنياغا جاكارلايمىز.
بۇ ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مۇستەقىللىق سىموۋولى، شۇنداقلا بۇ ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك تەجرىبە-ساۋاقلار ۋە جەڭگىۋار مىللىي روھ ھازىر بىز داۋام قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ قىبلىنامىسى ۋە خەلقىمىزنىڭ روھىي ئوزۇقىدۇر.
بۇ ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنى ھەرزامان ياد ئېتىپ تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىش، ھەممىمىزنىڭ مىللىي ۋە ۋىجدانىي بۇرچىدۇر.
مەن ئامستېردام دام مەيدانىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىش باشلىغاندىن بۇيان مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى كۆردۇم. مەن ئۇلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ ئامستېردام مەيدانىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەشنى مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم دەپ بىلىپ 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇنجى قېتىم ئامستېردام دام مەيدانىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدۈم. بۇ پائالىيەتكە 200 ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتناشتى. پائالىيەتنى ئالدى بىلەن ھەيۋەتلىك ياڭراقان شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشى بىلەن باشلاپ بايراق چىقىرىش مۇراسىمى قىلىپ ئامستېردام دام مەيداندا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق لەپىللىدى. ئارقىدىن بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتىنى ئۈچ خىل تىلدا ئاڭلىتىپ، نەقىل مەيداندا تارقاتتىم. بۇ قېتىملىق خاتىرىلەش پائالىيىتىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن 10 نەچچە خىل تېمىدىكى پىلاكات بىلەن ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى پىلاكاتلارنى تىزدىم. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقىنى بۈگۈنكى جۇمھۇرىيەت كۈنى پائالىيىتىگە ئائىت ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قىسقىچە تارىخ رەسىملىرى بىلەن ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى پىلاكات بولدى. بۇ پائالىيەتنى تور دۇنياسىدا كۆرگەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ھىسداشلىق قىلغۇچى توردۇشلاردىنمۇ نۇرغۇنلىغان تەبرىك ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇپ ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن ياخشى تىلەكلىرىنى ئوقۇغاندا قەلبىم ھاياجانلاندى. بىزگە بۇ شانلىق تارىخنى ياراتقان ئەجداتلىرىمىزدىن پەخىرلەندىم. ئۇلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلدىم. بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ ئەملىي ئەھمىيىتىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن ھەر يىلى ئامستېردام دام مەيدانىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئەجداتلىرىمىزنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىشنى، ئۇلار ياندۇرغان چىراقنى مەڭگۈ ئۆچۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن بۇنى ئۆزەمگە بىر مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت قىلىپ داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدىم. شۇنىڭدىن بۇيان ھەر يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى ئامستېردام دام مەيدانىدا ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىمەن. ئەپسۇس 2024-يىلى 11-ئايدا ئامستېردام دام مەيدانىدا ئىسرائىلىيە پۇتبول مۇستانىلىرى بىلەن پەلەستىننى قوللايدىغان نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىش سەۋەبى بىلەن بىر مەزگىل دام مەيدانىدا پائالىيەت قىلىش چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزەلمەي ناھايىتى كۆڭلۈم يېرىم بولغان ئىدى.
دۆلەتنى ۋەتىنىمىزدە قۇرۇشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ئۇنى قەلبىمىزدە قۇرايلى، ھەرىكىتىمىزدە رېئاللىققا ئايلاندۇرايلى. ھەر يىلى كېلىدىغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى ھەرخىل شەكىلدە خاتىرىلەيلى، كېلىڭ دۆلەت بايرىمىمىزنى بىرلىكتە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە تۈرلۈك شەكىلدە تەبرىكلەيلى! دۇنياغا ئۇيغۇرنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى بىلدۈرەيلى! قېنى ئەمسە، 2025-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى ئامستېردام دام مەيدانىغا كىلىڭ! شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى بىرلىكتە خاتىرىلەيلى! دۇنياغا مۇستەقىللىق ئارزۇيىمىزنى بىرلىكتە جاكارلايلى! مۇستەقىللىقنى- روھىمىزدا، ئىدىيمىزدە، تەپەككۇرىمىزدا، پائالىيتىمىزدە، ئەمىلىي ھەركىتىمىزدە ئەمەلگە ئاشۇرايلى!
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
يېزىلغان ۋاقتى: 2025-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى
قۇشۇمچە:
2019-يىلى 16-نويابىر ، ئامىستېردام دام مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيتى
2020-يىلى 15-نويابىر ، ئامىستېردام دام مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيتى
2021-يىلى 14-نويابىر ، ئامىستېردام دام مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيتى
2022-يىلى 13-نويابىر ، ئامىستېردام دام مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيتى
2023-يىلى 12-نويابىر ، ئامىستېردام دام مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيتى


