شەرقى تۈركىستان مۇستەقىل بولىدۇ-ئامېرىكىلىق ئىستراتېگىيىچى بېن لوۋسېننىڭ سۈزى

سالىھ خۇدايارنىڭ 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى ئامېرىكالىق ئىستراتېگىيىچى بېن لوۋسېن ئەپەندى بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى:

مەنبەسى: شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى فېيسبۇك سەھىپىسى https://m.facebook.com/story.php?story_fbid=pfbid0A8747RGuRYttmKoP14VNSR7UP3RqFSXPunNWa3rCLD7Z3hcZLdQGjtgXn97yJRUwl&id=100064732181046

سالىھ خۇدايار: كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، «مۇستەقىللىق يولىدا ئىزدىنىش» پروگراممىسىغا خوش كەلدىڭلار. بۇ ھەپتىلىك پروگرامما ئادەتتە ئۇيغۇرچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، پروگراممىمىز دىئاسپورادىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مۇستەقىللىق داۋايىمىزدا دۇچ كەلگەن سوئاللارغا جاۋاب بېرىشغا مەركەزلەشگەن.

بۈگۈن تۇنجى ئېنگىلىز تىلىدىكى زىيارەت بولۇپ، ئالاھىدە مېھمان بېن لوۋسېن (Ben Lowsen) ئەپەندى بىلەن بولىدۇ. بېن لوۋسېن ئەپەندى دىئاسپورادىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار يىقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن «شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىنغان دۆلەت» دەپ ئېتىراپ قىلىشنى مەخسەت قىلغان ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى توغۇرسىدىكى بەزى بىر سوئاللارغا جاۋاب بەرمەكچى. 

بېن لوۋسېن ئەپەندى خىتتاينىڭ سىياسىي ۋە بىخەرتەرلىك ئىشلىرىنى ئاساس قىلىغان ئامېرىكالىق خىتتاي شۇناس ۋە ئىستراتېگىيىچى. يېقىنقى مەزگىلدە ئۇ ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ شاھمات (checkmate) ئىشخانىسىدا خىتاي مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ ئىلگىرى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئاسىيا مەسلىھەتچىسىمۇ بولغان ۋە ئامېرىكا ئارمىيىسىدە دالا زەمبىرەك ئوفىتسېرى ۋە خىتاي مۇتەخەسسىسى بولغان. ئۇ گېرمانىيە، كورېيە، قاتار، ۋە پەنتاگون بىناسىدا ۋەزىپە ئۆتۈگەن. 2013-يىلدىن 2016-يىلغىچە بېيجىڭدا ئامېرىكا ئارمەسىيەنىڭ ياردەمچى ۋەكىلى بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئۇ ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان. لوۋسېن ئەپەندىنىڭ تەجرىبىسى سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيىنى ۋە ئارمىيەلەر ئارا ماسلاشتۇرۇش، ئىستىخبارات ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئانالىز قىلىش، ۋە ئىككى تەرەپلىك ياراشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لوۋسېن ئەپەندى، بۈگۈن ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بۇ پروگراممىغا قاتناشقانلىقىڭىزغا رەھمەت.

بېن لوۋسېن: مىنى تەكلىپ قىلغىنىڭغا رەھمەت، سالىھ.

سالىھ خۇدايار: ئالدىنقى ھەپتىدىن باشلاپ، خەۋەرىنغىزدە بولغاندەك بىز شەرقىي تۈركىستان دى’ئاسپوراسىدىكى تەشكىلاتلىرىدىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يازغان بىرلەشمە خەت ئۈستىدە ئىمزا توپلاپ، ئامېرىكانى خىتتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكىسى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىشغالىيىتى مەسىلەلەرنى ھەل قىلىشقا جىددىي چاقىرىق قىلىش پا’ئالىيەتى ئۆتكۈزۈپ كەلدۇق.

بىزنىڭ ئاساسلىق تەلەپلىرىمىز بولسا:

خۇدى تىبەتگە ئوخشاش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش. بۇ ئارقىلىق خىتتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قانۇنسىز ئىشغالىيىتىگە قارشى تۇرۇش.

ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنىنى شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى قانۇنىغا كۆتۈرۈش، شەرقىي تۇركىستان ۋە شەرقىي تۇركىستان خەلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش.

بىزنىڭ دۇچ كىلىۋاتقان ئىنسانىي كرىزىسىغا ۋە خىتتاينىڭ يامان غەرەزلىك پائالىيەتلىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىشلىرىغا بىر ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچى تەيىنلەش.

خەلقارا جىنايى ئىشلار سوتى (ICC) ۋە خەلقارا ئادالەت سوتى (ICJ) ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئادالەت تەلەپ قىلىشىنى قوللاپ خىتتاينىڭ جىنايىتى ئۈستىدە جاۋابكارلىققا تارتىش.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى يوقىتىۋېتىش غەرىزىگە قارشى تۇرۇپ، رەسمىي سەھنىدە ۋەتىنىمىزنىڭ توغرا ئىسمى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشلىتىش.

ھازىرغىچە، دۇنيادىكى 60 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بۇ خەتكە ئىمزا قويۇپ بولدى، شۇنداقتىمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي گۇرۇپپىلار بۇ تىرىشچانلىقلارغا غەلىتە قارشىلىق كۆرسىتىپ، بۇ پا’ئالىيەتنى «ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس» دەپ قالپاق كەيگۈزۈپ، دىئاسپورامىزدا ئىشەنچىسىزلىك ئۇرقۇنى چاچدى.

شۇنىڭ بىلەن، بىزنىڭ بىرىنچى سوئالىمىز: لوۋسېن ئەپەندى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىنغان دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ۋە ئەھمىيىتى توغۇرسىدا قانداق قارايسىز؟ ئېتىراپ قىلىنىشى بىزنىڭ مىللىي ھەرىكىتىمىزگە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟

بېن لوۋسېن: رەھمەت ، سالىھ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خۇدايار ئەپەندى. بۇ بىر ياخشى سوئال. بىرىنچىدىن، مېنىڭچە ئېتىراپ قىلىنىشى پۈتۈنلەي مۇمكىن. ھەمدە ئۇ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى توغرىسىدىكى مەسىلەلەرگە ئىنتايىن ياخشى تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇيەردە بىز ھەممىمىز ئامېرىكالىق، ئەلۋەتتە بۇ بىر ئەركىن ۋە مۇستەقىل دۆلەت. بىز كاللىمىزدا توغرا دەپ ئىشەنگەن ئوي-پىكىرنى بايان قىلىش ھوقۇقىمىز بار. ھەقىقەت شۇكى، شەرقىي تۈركىستان ئىككى قېتىم مۇستەقىل بولغان بىر دۆلەت. ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئۇ بىر مۇستەقىل دۆلەت ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ 1949-يىلى خىتتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان بۇنىڭدا ھىچقانداق شەك يوق. شۇڭلاشقا (ئامېرىكا) دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئېتراپ قىلىشى، ۋەياكى دۆلەت مەجلىسى بۇنى 1959 -يىلى ئېتراپ قىلغاندىن كېيىن قايتا ئېتىراپ قىلىنىشى دېيىشىم كېرەك. بىز بۇنى بىر ياخشى چارە سۈپىتىدە ئىشلىتىپ خىتتاينىڭ (شەرقىي تۈركىستاندىكى) جازا لاگېرلىرىدە تەھدىتكە ئۇچرىغان خەلقلەرنى قوللىغانلىقىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز. شۇڭا، مېنىڭچە ئېتىراپ قىلىنىشى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقلىق داۋاسىنى قوللىغانلىق بولىدۇ. چۈنكى، ئېنىقكى، خىتتايدىن كىشلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىش كارغا كەلمىدى.

سالىھ خۇدايار: بەزى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە ئۇنىڭ «بىر جۇڭگو سىياسىتى»نى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ئامېرىكىنى خىتتاينىڭ ئاتالمىش «زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى» نى قوغداشقا مەجبۇرلايدۇ، شۇڭا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىنغان دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ، دېدى. بۇنىڭغا سىز قانداق قارايسىز؟

بېن لوۋسېن: راستىنى ئېيتقاندا، مېنىڭچە ئۇلار ئامېرىكىنىڭ بىر خىتتاي سىياسىتىنى، يەنى 1979-يىلدىكى تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنىدىكى  ئۈچ قوشما باياناتى ۋە پرېزىدېنت رېگاننىڭ ئالتە تۈرلۈك كاپالىتىنى قايتا كۆرۈپ چىقسۇن. شۇنداق، بىز بىر خىتتاي بار دەيمىز، ئەمما ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ئەگەر بۇنىڭ مەناسى خىتتاي تەيۋەن ياكى شەرقىي تۈركىستانغا ئىگىلىك قوقۇقى بار دەپ چۈشەنسە، ئۇچاغدا سىز ئۇ قانۇننى چۈشەنمىگەن بولىسىز. چۈنكى ئۇ ئۇنداق مەنادا ئەمەس. يەنى بىز بۇنداق چۈشەشەنچى كەلتۈرۈپ چىقىردىغان ھېچ قانداق گەپ-سۆزلەرنى دېمىدۇق. ئامېرىكا ئاسانلا ئايرىم ئايرىم ھالدا «بىر خىتتاي» دەپتۇرۇپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلالايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئوخشىمىغان ئىككى دۆلەت، بۇ دەل شۇ مەسىلەنىڭ ئاخىرقى چېكى.  

سالىھ خۇدايار: رەھمەت سىزگە. كۆپ يىللاردىن بۇيان، سىز قەتىي قوللىغۇچى سۈپىتىڭىز بىلەن ۋاقتىڭىز ۋە تەجرىبىڭىزنى بىزنىڭ داۋايىمىزغا سەرىپ قىلدىڭىز. مول تەجرىبىڭىز ۋە داۋايىمىزغا ئارىلىشىش تۈپەيلىدىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىنچىلىكىگە ئىشىنەمسىز؟ سىزنى ئۈمىدلەندۈرگەن ۋەياكى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ئامىللار نېمە؟

بېن لوۋسېن: مەن بۇنىڭ تامامەن مۇمكىن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن بۇ يەردە لەۋزىنى گۈللەندۈرمەكچى ئەمەس مەن. بۇ ئىش تەسكە توختايدۇ. بىر ئوخشىتىشنى ئىشلىتەيلى. بۇ خۇددى ھاۋانچىنىڭ ئىچىدە ئىزىلۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قۇتۇلدۇرماقچى بولغانغا ئوخشاش. ئەمما تارىخدىكى قاراڭغۇ ۋاقىتلاردا بۇنداق مۇۋاپىقىيەتنىڭ يۈزبەرگىنى تۈنجى قىتىم ئەمەس. بىلىسىز، 1945-يىلى ھېچكىم يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز دۆلىتىنى قۇرالايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان. ئۈچ يىلدىن كېيىن… 2022-يىلىدە، ھۆكۈمىتىمىزدىكى ئەڭ ئەقىللىق كىشىلەر ئۇكرا’ئىنا بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئۆرىلدۇ دېيىشتى، ئۇلارنىڭ خاتا چىققانلىقىنى بىلىسىز. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل بولىشى مۇمكىن ئەمەس دېگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى خاتا. خىتتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇنىڭ قۇل زاۋۇتلىرىدا بىر كۈچ يىغىلىپ مېڭىۋاتىدۇ، ئەگەر بىز ئۇ كۈچنى سىرتقا قويۇپ بەرسەك، شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل قىلالايدۇ. ئۇندىن باشقا، مەن شۇنى قوشۇپ قوياي، بۇ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ماسلاشسا، مەسىلەن موڭغۇلىيە، تىبەت ۋە باشقا بەش ئىستانلار [قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان]، خىتتاي ۋە روسىيەنى توساپ تۇردىغان ئىستراتېگىيىلىك قارشى كۈچ بولالايدۇ. ھەمدە ئۇلار ھازىر قىلماقچى بولغان ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا مېنىڭچە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىش بىزنىڭ مەنپەتىمىزگە ئويغۇن كىلىدۇ.

سالىھ خۇدايار: سىزنىڭچە، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە تەشكىلاتلىرى بىزنىڭ مۇستەقىللىق ئىزدىنىشىمىزنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قانداق قەدەملەرنى بېسىشى كېرەك؟ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رولى ۋە ھەرىكىتى ھەققىدە ئالاھىدە كۈتىدىغان يېرى بارمۇ؟

بېن لوۋسېن: مېنىڭچە سۈرگۈندىكى مۇستەقىللىقنى نىيەت قىگلاھن تەشكىلاتلار شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ يادروسى ۋە قوشۇنى بولىدۇ. مەن سىزگە دەپ بېرەي. مېنىڭچە، سىلەرنىڭ تەييار بولىشىڭلار ئىنتايىن مۇھىم، بولۇپمۇ بۇ تەشكىلاتلارنىڭ يادروسى. مانا بۇ مېنىڭ ھازىر سىللەرگە بەرگەن ئەڭ مۇھىم نەسىھىتىم. چۈنكى تەييارلىقىمىز قانچە پۇختا بولسا ۋە خىتتاي قانچى ناچارلاشسا، شىجىنپىڭنىڭ ھازىر نۇرغۇن ئىشلارنى خاتا  قىلىۋاتىدۇ، بۇنداق بولغانسىرى بىزنىڭ (شەرقىي تۇركىستانى مۇستەقىل قىلىدىغان) پۇرسىتىمىز شۇنچە چوڭ بولىدۇ. چۈنكى بىز ئىنتايىن تەلەيلىك بولساق، ئەمەلىيەتتە مۇستەقىللىق پۇرسىتىگە ئېرىشىسىز. ئەمما بۇنداق پۇرسەت بىرلام قىتىم كىلىشى مۇمكىن. شۇڭا ھازىر تەييارلىق قىلىۋاتقان ۋە توغرا ئىش قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنى قوللاش ھەممىمىزنىڭ ئېھتىياجى. بىلىمەن ئامېرىكا ئاۋازىڭلارنى ئاڭلاشتا بەك ئاستا بولىۋاتىدۇ، ھەم ئاڭلاشدا بىزدە قىيىنچىلىق بار. بەختكە قارشى دۆلىتىمىزدە ئۇنچە كۆپ ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلار يوق. شۇنداق بولسىمۇ، بىز ئاخىرى (ئاۋازىڭلارنى) ئاڭلاشقا باشلىدۇق. دۆلەت مەجلىسى ۋە ئامېرىكا خەلقى ئاخىرى مەسىلىنى چۈشىنىشكە باشلىدى. شۇڭا، تەييار بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇمىد قىلامانكى، بىز ھازىرمۇ كۆپرەك ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۇركىستانلىكلارنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىياسىنىڭ رەجىمىدىن قۇلۇلدۇرۇش ئۇچۇن ھەركەت قىلۋاتىمىز. چۈنكى ئۇلار سايراگۇل ساۋۇتبايغا ئوخشاش، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىلىرى. چۇنكى ئۇلار سايراگۇل سائۇيتباي ئوخشاش شەرقىي تۇركىستان مۇستەقىللىگىنىڭ ئەڭ كۇچلىك تاراپدارلارى. شۇنداي قىلىپ، بىز ئۇلاردان قانچە كۆپ چىقارساك، بۇ ئىمكاننىيەت [مۇستەقىللىق ئۇچۇن رەسمى كۇرەش قىلىش ئىمكانىيىتى] كەلگاندە شۇنچەلىك ياخشى بولىدۇ.

سالىھ خۇدايار: ئامېرىكا بىلەن خىتتاي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش كۈندىن كەسكىنلىشۋاتقان ۋەزىيەتتە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كەڭ دائىردىكى گىئوپولىتىكلىق ئارقا كۆرۈنۈشىگە قانداق قارايسىز؟ بۇ جىددىيلىك بىزنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇيىمىزغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟

بېن لوۋسېن: مەن ئېيتقىنىمدەك، خىتتاي چاتاق  ئەھۋالغا چۈپ قالدى. بەلكىم ئۇ بۇ’ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن. بىرنىمە دېيىش تەس. ئەمما ئۇنداقمۇ بولماسلىقى مۇمكىن. شىجىنپىڭ ناھايىتى ناچار قەدەمنى بېسىپ سالدى. دەيلىكى، ئۇ شەرقىي تۈركىستاندا جازالاگېرلارنى قۇردى، قۇللۇق ئەمگەك لاگېرلىرىنى قۇردى، ئۇ قىيىن-قىستاقلارنى ئىشلىتىۋاتىدۇ، بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋەتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن چىدىغۇسىز (جىنايەتلەر). مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سودا جەمىيىتىمىزگە چاقىرىق قىلىۋالاي. سىز بىلىسىز، راستە گەپ قىلسام 20 يىل ئىلگىرى مەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى توغرىسىدا ھېچ نەرسە دېمەيتىم. چۈنكى بەلكىم مەن شۇچاغدا ئۇنى چۈشەنمىگەن بولۇشىم مۇمكىن. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا ئۇچاغدا شىجىنپىڭ ھازىر ئېلىپ بېرىۋاتقاندەك پاجىئە بولمىغان ئىدى. ئەمما شىجىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن باشلاپ، ئۇ بۇ زۇلۇمنى باشلىدى. ھەمدە ئۇ بىزنىڭ ئەركىن سودا جەمىيىتىمىزنىڭ، مەسىلەن ياۋروپادىن، ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە ۋە باشقا سودا جەمىيەتلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن بۇ پىلانىنى (ئېرقىي قىرغىنچىلىقنى) باشلىدى. (ئۇلار) ھازىرمۇ خىتايدا سودا قىلىۋاتىدۇ ۋە خىتتاي كومپارتىيەسىگە نۇرغۇن پۇللارنى ئەۋەتىۋاتىدۇ. مەن شۇنىڭ ئۈچۈن سودا جەمىيىتىگە چاقىرق قىلىپ، ئۇلاردىن بۇ ئىشنى توختىتىشىنى سورايمەن. ھازىر ئۇلار ئاخىرى سودىسىنىڭ خەتەردىن قۇتۇلۇشىنى باشلىدى ۋە ئاڭلاشغا، ئويلىنىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ مەبلىغىنى باشقا يەرگە قويۇشغا باشلىدى، بۇ توغرا قەدەم. ھەمدە ئۇلار تېخىمۇ تېز قىلىشى كېرەك. ئەمما خىتتايغا فايزېر (ئامېرىكا دىكى بىر چوڭ دورا شىركەت: Pfizer) دىن، تېسلا (Tesla)دىن، ئالما (Apple) دىن نۇرغۇن پۇللار كىرىۋاتىدۇ. شۇڭا، بىز ھەقىقەتەن، دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن ئۇلارغا توغرا قارار چىقىردىغان يولنى كۆرسىتىپ بېرىشنى باشلىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئۇلار تېز قىلمايۋاتىدۇ. شۇڭا، مېنىڭچە بىز گىئوپولىتىك ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزسەك، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ئەلۋەتتە ناچارلىشىدۇ، گەرچە ئۇلار ئۆز-ئۆزىگە تايىنىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغاچقا، خەلقىڭلار ئەركىنلىكگە ئېرىشىدىغان پۇرسەتنىڭ بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

سالىھ خۇدايار: 1996-يىلدىكى 7-نومۇرلۇق ھۆججەتتە كۆرسىتىلگەندەك، خىتتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق گۇرۇپپىلىرىنى پارچىلاش ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقارالىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسىنى ئوتتۇرغا قويغان، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قانداق قىلىپ تەھدىتكە، جىمىقتۇرۇش ۋە قورقۇتۇشقا تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟ ئامېرىكا ۋەياكى غەرب ھۆكۈمەتلىرىدىن قوغدىنىشنى ئىزدەش ئارقىلىقمۇ؟ بۇنىڭدىن باشقا، مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار قانداق قىلىپ تىرىشچانلىقىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مۇستەقىللىقغا بولغان كوللىكتىپ ئاۋايىمىزنى كۈچلەندۇرۇپ، خىتتاينىڭ ئىستراتېگىيەلەرگە قارشى تۇرالايمىز؟

بېن لوۋسېن: شۇنداق، مېنىڭچە شۇنى ئىسىمىزدە تۇتىشىمىز كېرەككى، دىئاسپورادىكى جاما’ئەتلەر ئارسىدا خىتتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋاكالەتچىلىرى قانۇنغا خىلاپلىك قىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئۇلار دۆلىتىمىز ئامېرىكادا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار توغرا دوكلات قىلماي، ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان جاما’ئىتىگە خالىغانچە پاراكەندىچىلىك سالغان. ئەمما بۇخىل ئەھۋال ئۆزگىرىۋاتىدۇ، چۈنكى بىز بىلگەنمىزدەك فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە مىللىي ئىستىخباراتغا قارشى ۋە بىخەتەرلىك مەركىزى دىئاسپورا جەمىيىتىنى پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە چوماقچىلىقغا سېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى دوكلات قىلىشقا چاقىردى. چۈنكى بۇ قانۇنسىز، بۇنداق ئىشلارنى دۆلىتىمىزدە قىلسا بولمايدۇ. بىز ئۇنداق ئىشلارنى ئۆز مەيلىسىگە قويىۋەتگىلى ھەددىدىن زىيادە ئۇززاق ۋاقىت بوپ كىتىپدۇ. شۇڭا، بىز خىتتاي كومپارتىيەسىنىڭ قىلىۋاتقان بۇ جىنايىتىنى توختىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. خىتتاينىڭ جىنايىتىگە كۆز يۇمۇش توغرا ئەمەس. .راستىنى ئېيتقاندا، تىل ۋە باشقا توسالغۇ تۈپەيلىدىن دىئاسپورا جەمىيىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئارىسىدا ئاللابۇرۇن نۇرغۇن توسالغۇلار شەكىلىنىپ بولدى. مېنىڭچە كىشىلەر (شەرقىي تۈركىستانلىقلار) قايەردە بولسا، ئوزىنى يالغۇز (تايانچىسىز) ھىس قىلدى ۋە خەۋەر بەرىشدىن قورقىدى،  ئۇلار پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە چوماقچىلىقغا سېلىشغا ئوخشاش ۋەقەلەرنى  فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە مىللىي قارشى ئىستىخباراتغا ۋە بىخەتەرلىك مەركىزىغا دوكلات قىلىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى ئۆتتى. ئەمدى كېڭەش پالاتاسىدىن ئۆتۈش باسقۇچغا كەلدى. ئەمما بىز بۇنىڭ تېزرەك ئۆتۈپ، پرېزىدېنتنىڭ ئىمزا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى ھازىر ئۇيغۇر ئىشلىرى ئۈچۈن مەخسۇس ماسلاشتۇرغۇچى تەسىس قىلماقتا. ئەمەلىيەتتە ھازىر ئۇنى شەرقىي تۈركىستان ئىشلىرىنىڭ ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىسى دەپ ئاتىساق بولاتتى. ئەمما مېنىڭچە دۆلەت مەجلىسى ئىچىدىكى چۈشۈنۈش يىتەرسىز بولغاچقا، بىز ھازىر ئۇيغۇر ئالاھىدە ئىشلىرى، ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچى دەپ ئاتاپ تۇرايلى. بۇ فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە باشقا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىگە ياردەلىشىپ، توغرا ۋاستەلەرنى ئىشلىتىپ خىتتاي كومپارتىيەسى دۆلىتىمىزدە ھەددىدىن زىيادە سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتنى توختىتىشىغا ياردەم بېرىدىغان مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالىدۇ.  شۇڭا ياردەملەر پات ئارىدا كىلىدۇ. ھەمدە بۇ مۇستەقىللىق ھەرىكەتنىڭ ئىچىدىكى ئىتتىپاقلىقىنى بەرپا قىلىشقا پايدىلىق دەپ قارايمەن. ئۇ يەنى ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مۇستەقىللىقنى قوللىشىنى توساۋاتقان خىتتاي كومپارتىيەسىنىڭ غەزەرلىك ھەرىكەتلىرىنى توشايدۇ. شۇڭا، بىز ئۇ ئالدىمىزدا تەھىمۇ ياخشى ئىشلار يۈز بېرىشىنى كۈتىمىز

سالىھ خۇدايار: ئاخىرىدا، ئامېرىكا خەلىقى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ كۈرىشىگە قانداق ياردەم بولالايدۇ؟

بېن لوۋسېن: ئەلۋەتتە، مېنىڭچە بىرىنچىدىن خىتتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىش كېرەك. ئۇنتۇپ قالماڭ، سىز يېقىنقى بەش يىلدا ئۇيغۇرلارنى تونىدىڭىز. ھازىر ئامېرىكا خەلقىگە شۇنى بىلىشى كېرەككى، شەرقىي تۈركىستاندىكى  باشقا تۈرك مىللەتلىرى بىلەن بىللە ئۇيغۇرلار ئۆزى بىر ئۇلۇس. ئۇلار ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتىلغان دۆلەتى بولۇپ، 1949-يىلى خىتتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. ھەمدە ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىتىم ئۇلۇس بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى ئۇلار چىدىغۇسىز شارا’ئىتتا ياشاۋاتىدۇ، ئەگەر بىز ئۇلارغا پۇرسەت بەرسەك،  بىز پات يېقىندا شۇنداق پۇرسەتنىڭ كىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇچاغدا، ئۇلار كۆرەش قىلىپ مۇستەقىللىقىغا ئېرىشىدۇ. ئۇلار دۇنيانىڭ ھالقىلىق ئىستراتېگىيىلىك ئورۇندا ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىك ۋە گۈللەنگەن ئىتتىپاقدىشى بولىدۇ.

بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلار، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ۋە ئاڭلىغۇچىلار، «كىم بىز ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتىدۇ؟» ۋە كىم سىللەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلەڭلەر ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆزەڭلەردىن سوراپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ئىكەنلىگىنى كورەلەشىغىزنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ئۇزۇن ۋاقىت تەشكۇردۇم ۋە ئۇلارنىڭ سەمىممىي ئەماسلىكىگە ئىشىنىش ئۇچۇن سەۋەپ تەپىشقا ھەركەت قىلدىم، لەكىن مەن بۇنى تاپالمىدىم. ئۇلار سەمىممىي. ئورگان [شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۇمىتى] سىرتىدىكى ھەر بىر ئۇيغۇر ۋە مەن گەپلەشكەن ھەر بىر ئادەم، «بۇ ئادەملەر سەممىمىي» دىدى. خوش، ئوزىڭىزدىن سوراڭ: «كىم بىز ئۈچۈن كۈرەش قىلۋاتىدۇ؟“ ۋا ئۇلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتتلەڭ. رەھمەت.

سالىھ خۇدايار: سىزگە رەھمەت، ھەمدە ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بۈگۈنكى بۇ پروگراممىغا قاتناشقىنىڭىزغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمىز. كۆزەتكۈچىلىرىمىز ۋە ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ پروگراممادىن نەپ ئېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر جاما’ئەتلەر، لوۋسېن ئەپەدىنىڭ سورالغان سوئاللارغا بەرگەن جاۋابى بەزى كۈشكۈرتكۈچىلەر تارقاتقان گۇمانلارنى تۈگىتىشكە ياردىمى بولار. رەھمەت سىزگە.

بېن لوۋسېن: رەھمەت، سالىھ ئەپەندىم