ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ پائالىيەتلىرىگە نەزەر

ئاغزى مايلانغاننىڭ تىلى باغلىنار- ئۇيغۇر ماقالى

خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا دۇچ كەلگەن مۇرەككەپ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش، يەر شارى بىخەتەرلىك خىرىسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىللەرنى ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى مەقسەت قىلغان مىيۇنخىن خەۋىپسىزلىك يىغىنى 1963-يىلدىن باشلاپ ھەريىلى 2-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە ئۆلكىسنىڭ مىيۇنخىن شەھىرىدە ئۆتكۈزلۈپ كىلىۋاتىدۇ.

 مىيۇنخىن خەلقىئارالىق بىخەتەرلىك يىللىق يىغىنى خەلىقئارا بىخەتەرلىك تەدبىر بەلگۈچىلەرنىڭ پىكىر ئالماشتۇرشىدىكى ئەڭ مۇھىم مۇستەقىل مۇنبەر بۇلۇپ،  دۇنيادىكى 70 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن تەخمىنەن 350 دىن كۆپرەك يۇقىرى دەرىجىلىك ئەرباب يىغىلىپ نۆۋەتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى بىخەتەرلىك خىرسلىرى توغرىسدا كەسكىن مۇنازىرە ئېلىپ بارىدۇ. يىغىنغا ھەرقايسى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى،مىنىستېر، پارلامىنىت ئەزالىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ،خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى، ئاكادېمىكلار ،شۇنداقلا سودا ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى قاتنىشدۇ، شۇنداقلا خەلقئارا توقۇنۇش، تېرورلۇق، قورال كونترول قىلىش،  تور بىخەتەرلىكى،  رايون مۇقىملىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلدۇ.

بۇ يىغىن دۇنيا رەھبەرلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى،  كۆز قاراشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشى ۋە يەر شارى بىخەتەرلىك خىرىسىغا مۇناسىۋەتلىك ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشى ئۈچۈن پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇ يەنە ئوخشىمىغان دۆلەتلەر ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدىكى رەسمىي ئۇچرىشىشنىڭ پۇرسىتى بولۇپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، ئۇقۇشماسلىقنى تۈگىتىشنىڭ چارىللىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

مەن بۇ يازمىدا ئاساسلىق دولقۇن ئەيسا  ئەپەندىمنىڭ ئۇدا ئىككى يىل مىيۇنخىن خەۋىپسىزلىك يىغىنىغا قاتناشقانلىقى ھەققىدىكى شۇنداقلا بۇ يىغىن مەزگىلىدە ئۆتكۈزگەن «مەشرەپ ۋە ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» پائالىيتى ھەققىدىكى مۇلاھىزەمنى ئوتتۇرغا قۇيىمەن.

1. مىيۇنخىن بىخەتەرلىك يىغىنى ھەققىدە مۇلاھىزىلىرىم

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمنىڭ ئۇدا ئىككى يىل يەنى 2023- ۋە 2024-يىلى ئارقا-ئارقىدىن مىيۇنخىن خەلىقئارا خەۋىپسىزلىك يىغنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقانلىقى ئۇيغۇر مەسلىسنىڭ خەلىقئارالىق كۈنتەرتىپتە ئىكەنلىكىنىڭ بىر بىشارىتىدۇر. خىتاي ھۈكۈمىتى ئۇيغۇر ۋەكىلىنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشغا ئىزچىل توسقۇنلۇق قىلغان. 17- فېۋرال چۈشتىن كىيىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستېرى ۋاڭيىنىڭ سۈزى تۈككەندىن كىيىن  دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم يىغىن زالىغا كىرگەن.

بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇنداق دۇنيا ئەربابلىرى قاتنىشىدىغان خەلىقئارالىق يىغىنغا قاتنىشى دۇنيانىڭ كۈزىدە ئۇيغۇرنىڭمۇ بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمدى ئۇ يەردە سۆزلەش پۇرسىتىگە ئىرشىش ياكى ئىرىشمەسلىك ئۇ باشقا بىر گەپ.

ئەگەر سۆزلەش پۇرسىتى بىرىلمىسە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ يىغىنغا قاتناشقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمنىڭ خاتالىقى ئەمەس. ئەمما سۆز قىلىش ياكى سۇئال سوراش پۇرسىتى بىرىلسە، بۇ چاغدا  ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قاتناشقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم «خىتاي بىزگە زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ، ئانامنى جازا لاگىرىدا ئۆلتۈرۋەتتى، ئۇرۇق-تۇققانلىرىم بىلەن كۈرشەلمىدىم، خىتاي ھۈكۈمىتى ئىرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىىپ ئۈچ مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگىرىغا سۇلىدى… » دىگەندەك

كونا مۇقامدىكى زۇلۇمنى ئاڭلىتىدىغانلا جۇمىللەرنىلا ئىشلەتمەي، بەلكى مىللەتنىڭ ئورتاق ئىراسىىنى ئەكىس ئەتتۈردىغان يەنى شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكى، مۇستەملىكە قىلىنغان دۆلەتنىڭ خەلىقئارا قانۇنغا ئاساسەن مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش خەلىقئارا قانۇنلاردا ئېنىق ئوتتۇرغا قۇيۇلغانلىقىنى،

ھازىر دۇنيادا خىتاينىڭ تەھدىتى كۈچىيىپ كىتىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر دۇنيا خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارىتا ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ ھەركەتكە ئۆتمىسە، مۇشۇ يىغىنغا قاتنىشۋاتقان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ كەلگسدە خىتاينىڭ مۇستەملىكىسگە چۈشۈپ قېلشىدەك بىر پاجىئەنىڭ يۈز بىردىغانلىقىنى ئەسكەرتىشى، شۇنداقلا خىتاي ھۈكۈمىتى شەرقى تۈركىستاندىكى غايەت زور يەر ئاستى-يەر ئۈستى بايلىقلارنى تالان تاراج قىلىپ شەرقى تۈكىستاننىڭ گىيو-پولىتىك ئورۇننىڭ مۇھىملىقىدىن پايدىلنىپ دۇنياغا سەكرەش تاختىسى قىلىپ بىر-بەلۋاغ بىر يول قۇرلۇشى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئىقتىسادىنى مۇنپۇل قىلىپ ئامىرىكا باشچىلىق غەرب دۆلەتلرىنىڭ مەنپەتىگە چوڭ تەھدىت ئېلىپ كىلۋاتىدۇ. ئوكرائىنيە ياۋرۇپانى رۇسىيەنىڭ تەھدىتىدىن تۇسۇپ تۇرۋاتقاندەك بىزگىمۇ پۇرسەتلەر كەلسە دۇنيانى خىتايلارنىڭ تەھدىتىدىن تۇسۇپ تۇرالايمىز، بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىز ، بىزنىڭ مۇستەقىللىقىمىز دۇنيانىڭ تىنىچلىقى ئۈچۈن پايدىلىق. ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلغانلىقىڭلار ئەمىليەتتە غەربنىڭ كەلگۈسىدىكى خىتاي تەھددىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سالغان مەبلىغىڭلار. بۇنداق پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قۇيۇش كەلگۈسىدە ئۆز خەلقىنىڭ تەقدىرىنى ئۇيغۇرنىڭ تەقدىردەك بۇلىشىغا سۈكۈت قىلىپ كۈتۈپ ئولتۇرۇش دىمەكتۇر دىگەندەك دۇنياغا كۈچلۈك سىگىنال بىردىغان جۈمىللەرنى قۇشۇپ ئىشلىتىشنى بىلىش كېرەك.

 دۇنيانىڭ سىياسى ۋەزىيتى جىددى ئۆزگىرىۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارغا يا تارىخ تەرپىدىن سۈپۈرلۈپ تاشلىنىپ يوق قىلىنشتەك خىرىس ياكى ئۈزنىڭ تارىخىنى قايتا تىكلەشتەك پۇرسەت كىلىۋاتىدۇ. ئەگەر يەنە بۇرۇنقىدەك زۇلۇمنىلا سۆزلىسە ئۇ دولقۇن ئەيسانىڭ  پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلانمىغانقىدەك خاتالىقى بۇلىدۇ. ئەگەر مەن ئۇيغۇرنىڭ ۋەكىلى بۇلۇپ سۆزلەش پۇرسىتى بىرىلسە يۇقارقىدەك مىللىتىمنىڭ مۇستەقللىق ئىرادىسنى ئەكىس ئەتتۈردىغان جۈمىللەرنى قۇشۇپ سۆزلەيتىم. بۇنداق يىغىندا سۆزلەش پۇرسىتىمۇ نەچچە مىنۇت بۇلىدۇ، شۇڭا گەپنىڭ پوس كاللىسىنىلا دىيىش كېرەك.  كىم بىلىدۇ، ئۇيغۇرنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ئاغزىدىن مۇستەقىللىق ئىرادسنى ئەكىس ئەتتۈردىغان خىتاي دۆلىتىگە قارشى كوزىر قىلىپ قوللىندىغان ئۇچۇرلاردىن سىگنال چىقارمۇ؟- دىگەندەك بىزنىڭ نىيتىمىزنى بىلىپ باقماقچى بۇلۇپ ئولتۇرغان سىياسەتچىلەرمۇ بۇنداق يىغىندا بولۇشى مۇمكىن. كىم بىلىدۇ تېخى بۇنداق گەپنى ئاڭلىغاندىن كىيىن دۇنيا سىياسەتچىلىرى شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن يېڭى بىرسىياسەت تۇزۈش ئۈچۈن باشقىچە بىر ئىستراتىگىيە تۈزىشنىڭ كۇيىدا يۈرەمدۇ؟ بىزدە بىر گەپ بار «بالا يىغلىمسا، ئەمچەك سالمايدۇ»-دەپ. چۈنكى دۇنيا ھازىر ئاجىزلارنى كۆز يېشىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ كۈچلۈكلەرنىڭ ئالدىدا تىز پۈكمەس روھىدىن تەسىرلىنىپ ئۈزىگە كىلدىغان كەلگۈسى مەنپەتىگە قاراپ ياردەم قىلدىغانلىقىنى رۇسىيەنىڭ ئوكرائىينيەگە ھۇجۇم قىلىپ ئىشكىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئوكرائىينە پىرىزىدنىتى زېلنىسكىنىڭ ئۈزى باشلامچىلىق قىلىپ ھەربى كىيىمنى كىيىپ ئۇرۇش سېپىنىڭ ئالدىدا پەيدا بۇلۇپ خەلقىگە ئۈمىت، ئىشەنچ ئاتا قىلىپ دۇنياغا ئوكرائىينيەلىكلەرنىڭ رۇس ئىشغالىيتىگە قارشى ئۆز تۇپرىقىنى قوغداش يۇلىدا ئۈلۈمدىن قورۇقماسلىقتەك روھىدىن كۈرۋالدۇق.

دىمەك، دۇنيا بىزنىڭ باشقىچە بىر ئاۋاز چىقىرىشىمىزنى كۈتۋاتامدىغاندۇ؟

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم  ھەريىلى بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتنىڭ يىغىنىغا قاتناشقاندىمۇ پەقەتلا خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ زۇلمىنىلا ئاڭلىتىپ كىلىۋاتىدۇ. بۇ زۇلۇم خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاننى بېسۋالغاندىن تارتىپ  تا ھازىرغىچە يۈز بىرىۋاتىدۇ. ھىچبىر توختاپ قالغىنى يوق. شۇڭا بىزنىڭ زۇلۇمغىلا قارشى ئەمەس بەلكى تاجاۋۇزچىلىققا، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ئىكەنلىكىمىزنى، ئۈزىمىزنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتەك ئىرادىسنى دادىللىق بىلەن مەيلى بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى يىغىندا بولسۇن مەيلى مىيۇنخىن بىخەتەرلىك يىغىنىدا بولسۇن ياكى ئامىرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتىپاقىدا ئېچىلغان يىغىنلاردا،  ۋە ياكى قايسى بىر دۆلەتنىڭ پارلامىنتىغا كىرگەندە داۋاملىق سۆزلەپ ئۈزىمىزنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسنىمۇ بىلدۈرۈپ تۇرشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇس بۇنداق قىلالمىدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمنىڭ بۇنداق سورۇنلاردا سۆز قىلىشىنى ۋە نىمە دەپ سۆزلىشىنى كىم بەلگىلەپ بىرىدۇ؟ ئەگەر ئۇ بۇنداق سۆزلىسەم كىلەر قېتىملىق يىغىنغا قاتناشتۇرمايدۇ؟- دىگەندەك ئۈزىدىن ئەنسىرەش پىسخىكىسدا بولسا نەچچە يىل ئۇيغۇرلارغا ھىچبىر پايدا ئېلىپ كەلمىگەن بۇنداق يىغىنغا قاتناشقىچە، بۇنداق يىغىنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسنى دەپ ئۇلارنىڭمۇ تۇمۇرىنى تۇتۇپ باقسا بۇلاتتى. يىغىن باشقۇرغۇچىلار ھەرگىزمۇ سۆز قىلىۋاتقاندىلا مىكروفىننى ئۈزۋېتىپ يىغىن زالىدىن چىقىرۋەتمەيدۇ. چۈنكى ھەرقانداق يىغىننىڭ بىر يىغىن ئەخلاقى بۇلىدۇ. ئاڭلىغۇسى كەلمىگەنلەر چىقىپ كىتىدۇ ياكى سۈزلىگۈچىنىڭ سۈزى تۈككىچە چىداپ ئولتۇرىدۇ. كىلەر قېتىملىق يەنە بىر يىغىنغا چاقىرىلغاندا سۆزلەيدىغان سۆزنىڭ تىمىسغا شەرت قۇيۇپ تۇرۋالسا،

مەن ئۇندق يىغىنغا قاتناشمايمەن-دەپ، ۋاز كىچىش كېرەك.  بەزىدە ۋاز كىچىشمۇ بىر ئىسىتىراتىگىيە!.

ئەسلىدە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 70 نەچچە يىلدىن بۇيان مىللەتكە خىيانەت قىلىپ  شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكى ھەققىدىكىمۇتلەق مەخپى ھۆججەتنى مىللەتىن يۇشۇرۇپ تىقىۋالماي مىللەتكە قايتۇرۇپ بەرگەن بولسا، بىزمۇ بۇ مۇتلەق مەخپى ھۆججەتنى بىر قانچە تىلغا تەرجىمە قىلىپ ئاشۇنداق چوڭ يىغىلارغا قاتناشقاندا يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا بەرگەن بولساق، نامايىشلاردا تاقاتقان بولساق بۇنىڭ ئۈنۈمى باشقىچە بۇلاتتى. ئەپسۇس، مۇتلەق مەخپى ھۆججەتنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئىنكار قىلغان بولغاچقا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئوغلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ قۇرغۇچىسى مىيۇنخىندا ياشاۋاتقان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىمدىن سۈرىشتىسنى قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماغلىق.

2023-يىلىدىكى مىيۇنخىن بىخەتەرلىك يىغىنى تەشكىلىگۈچىلەر دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمنى دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ ئوتتۇرسدا ئولتۇرغۇزۇپ خىتايغا «ئۇيغۇرلارنىڭ  يېنىدا بىز بار!» دىگەن سىگنالنى بەردى. ئەمما دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمگە سۆز قىلىش پۇرسىتى بەرمىدى. ئەمما 2024-يىللىق يىغىندا دولقۇن ئەيساغا مۇخبىردىن سۇئال سوراش، باشقا دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئەركىن پاراڭلىشىش پۇرسىتىمۇ يارتىپ بەردى. دىمەك بۇلتۇرقىغا قارىغاندا تېخمۇ ياخشى پۇرسەتلەرنى يارتىپ بەردى. بۇنداق پۇرسەتلەرنىڭ كەينىدە چۇقۇم بىر مەقسەتلەر بولۇشى مۇمكىن. بىزنىڭ پۇرسەتتىن قانداق قىلىپ ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ خەلقئارالىق خىتاي تەھدىتىگە قارشى ئاتمۇسفىرادىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىشىمىزنى كۈتىۋاتقان بولسىچۇ؟!

بەلكى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم «بۇنداق سۆزلەي دىسەم تېخى شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسۋېلىنغان زىمىن ھەققىدىكى دوكىلات ھازىر بولمىدى. دوكلات ھازىر بولغاندا ئاندىن سۆزلەش ئىستىراتىگىيەمنى ئۆزگەرتىمەن» دەپ خەلقىمىزگە سوسكا سېلىپ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قۇيشى ئېنىق.

شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۈكۈمىتى ئامىرىكا دۆلەت مەجلىسىگە شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش تەشكىلاتلار ئارا ئىمزا توپلاش  چاقىرىقى ئېلان قىلىپ 19 سائەتتىن كىيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي ئۈزىنىڭ فەيىسبوك سەھىپىسدە  شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكى ھەققىدىكى دوكىلات تەييار بولدى، 5-ئاينىڭ 3-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىدا ئېلان قىلىمىز دەپ بايانات بەردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيى قۇرۇلغان 20 يىلدىن بۇيان شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكى ھەققىدە دوكىلات تەييارلاشنى بىلمەمتى؟!. 20 يىلنىڭ ياقى بۇنداق بىر دوكىلاتنى تەييارلاپ ئېلان قىلماي ھەجەپ تۇيۇقسىزلا ئېلان قىلشىنىڭ ئارقىسدا قانداق مەقسەت بار؟ شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۈكۈمەتنىڭ ئىمزا چاقىرقىغا باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئاۋاز قۇشۇپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قىلىنغان بىر سۈيقەستمۇ؟  قېنى 5-ئاينىڭ 3-كۈنىغىمۇ ئاز قالدى. ئۇ دوكلاتمۇ ئېلان قىلنسۇن!. نىمە مەزمۇنلار بار؟ شۇ چاغدا بىر نىمە دەيلى. شۇ چاغدا خەلقئارالىق يىغىنلاردا، بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىدا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ پارلامىنتىدا، تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكىدە نىملەرنى دەيدۇ؟ يەنىلا بۇرۇنقى مۇقامدىكى زۇلۇمنىلا ئاڭلىتىش بىلەن چەكلىنىپ قالامدۇ؟  ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسنى ئەكىس ئەتتۈردىغان سۆز-جۈمىللەرنىمۇ ئىشلىتەمدۇ؟  چۈجىنى كۈزدە سانايلى!.

2. «مەشرەپ ۋە ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» پائالىيتى ھەققىدىكى مۇلاھىزەم

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ ميۇنخندا ئۇتكۇزۇلگەن دۇنيا بىخەتەرلىك يىغىنى ۋاقتىدا ئۆتكۈزگەن «مەشرەپ ۋە ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»  پائالىيتى دۇنيانىڭ كۈزى مىيۇنخن بىخەتەلىك يىغىنغا مەركەزلەشكەن ۋاقىتتا ئۇتكۇزۇشى قەتئىي توغرا ئەمەس بۇلۇپلا قالماي، بەلكى  ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ غۇرۇرىغا قىلىنغان بىر ھاقارەت.  چۇنكى

بۇ قىتىملىق ميۇنخىن بىخەتەرلىك يىغىنى دۇنيانىڭ بىشىغا كەلگەن ئازاپ -ئۇقۇبەتلىك مۇسبەتلەر يەنى، ئۇكرائىينا خەلقىنىڭ روس تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغانكى مۇسىبەت، روسىيىدىكى داڭلىق ئۆكتىچى، ئالەكسەي ئاناتوليەۋىچ ناۋالنى پۇتىن تەرىپىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرىشدەك پۈتۇن غەرپ دۇنياسىنى قاتتىق چوچۇتكەن قاباھەتلىك مۇسبەت، شۇنداقلا پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئۇرشىدىن كىلىپ چىققان مۇسبەتلەرنىڭ سىماسى ھەممە يەرنى قاپلىغان بىر ۋاقىتتا ئېچىلىۋاتاتتى.

پۇتىن تەرىپىدىن ئۇلتۇرۇلگەن ئالەكسەي ناۋالنىنىڭ  ئايالى يۇلىيا ناۋالنايا ميونخىن بىخەتەرلىك يىغىندا  يىغلاپ تۇرۇپ بەرگەن مۇسىبەت باياناتىنى ئاڭلىغان يىغىن ئىشتىراكچىلىرى سۈكۈتتە تۇرۇپ ماتەم بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمنىڭ مانا مۇشۇنداق پۇتۇن دۇنيانىڭ زۇڭتۇڭ ، مىنىستىرلىرى توپلانغان بىنانىڭ يېنىدا ئۇسۇل، ناخشا بىلەن مەشرەپ ئۆتكۈزىشىنى قانداق چۈشنىمىز؟ بۇ توغرىمۇ …؟ ئۈزىنى دۇنياغا «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى» دەپ گەپنى چوڭ قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى تۇنۇشتۇرىمىز دەپ، داۋراڭ سېلىش ئىنسان تەبىتىگىمۇ ماس كەلمەيدۇ. ھەم بىزدەك بىرئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچۇرغان خەلىققە «ئىشەك ئۆلسە، كۈتە غىجەك تارتىپتۇ» دىگەندەك بىر ئىش.

بۇنداق دىسەم يەنىلا مېنى تەنقىد قىلىپ نىمە ئىش قىلسا بۇلاتتى؟ قىلغان ئىشتىن سەنلا پۇتاق چىقىرىپ تەنقىد قىلامسەن؟ -دەپ تەنقىد قىلىشى تەبئىي. بۇنداقلارغا دەيدىغىنىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيى 2020-يىلى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلقى»، «مەدەنىيەت يىلى» دىگەندەك بىر پىلانلىرىنى ئوتتۇرغا قويغاندا دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلقىغا ئۇچۇردى.

ھازىر خىتايمۇ چەتئەلگە ئۇيغۇرلارنى ئېلىپ چىقىپ ھەرخىل سەنئەت پائالىيەتلىرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ دۇنيانى ئۇيغۇرلار ناخشا-مۇزىكىلىرى بىلەن بەك بەخىتلىك ياشاۋاتىدۇ-دەپ تەشۋىق قىلپ ئۈزىنىڭ جىنايەتلىرىنى يۇشۇرۋاتىدۇ.

شەرقى تۈركىستاندا خىتايلار ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى، ئۇسۇللارنى  ئۈگىنىپ ئۇيغۇرچە سەنئەت كىيىملىرىنى كىيىپ ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى تۇنۇشتۇرۋاتىدۇ. فىرانىسيەدا ياشايدىغان ئۇيغۇر قىزىمۇ ئۇيغۇرچە سەنئەت كىيىملىرىنى كىيىپ پارىژ كۇچىلىرىدا ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى تۇنۇشتۇرۋاتىدۇ. ئۇنداقتا مەدەنىيەت تۇنۇشتۇرۇشقىلا مەركەزلەشسسەك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ مەدەنىيەت پائالىيتى بىلەن خىتاينىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى تۇنۇشتۇرۇشنىڭ قانداق پەرقى بار؟ بۇنى شۇ پائالىيەتكە قاتناشقان چەتئەلىكلەر ھىس قىلالماسما؟

يىغىپ ئېيتقاندا 2024–يىلى 16-فېۋرالدىن 18-فېۋرالغىچە ئېچىلغان مەزكۇر يىغىندا پۇتىننىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي رىقابەتچىسى بولغان ئالەكسەي ناۋالنى مەزكۇر يىغىن باشلانغان كۈنىدە ئۆلۈپ كېتىشى، ئۇكرائىنا-رۇسىيە مەسىلىسىنى قىزىق نۇقتىغا كۆتۈرگەن. شۇنداقلا، خوڭكوڭ، تىبەت، ئۇيغۇر قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ مۇھىم تېما بولغان بۇنداق يىغىندا مۇھىم نوقتىنى يىغىن كۈن تەرتىپىگە ماسلاشتۇرۇش ئەڭ مۇھىم. نىمە ئۈچۈن تىبەتلەر، خاڭكۇڭلۇقلار، پۇتىن ھۈكۈمىتى تەرپىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئالەكسەي ناۋالنىنىڭ قوللىغۇچىلىرى شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيتىنى تۇنۇشتۇردىغان پائالىيەت قىلمايدۇ؟ ئۇلار مەدەنىيەت بىلەن ئۈزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى قوغداشنى بىلمەمدا؟!. ئۇلار غۇرۇرنىڭ نىملىكىنى بىلىدۇ. بىزچۇ؟ بىزمۇ غۇرۇغ بىلەن ياشاشنى بىلەيلى! ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى تۇنۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىدە  چۇقۇم ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەر بىلەن شەرقى تۈركىستاننىڭ تاجاۋۇزچى خىتاي ھۈكۈمىتى تەرپىدىن بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكىنى دەلىل-ئىسپات بىلەن كۆرسىتىپ بىردىغان خەرىتە ۋە يازما ماتېرىياللار بىرلىكتە قۇيلىشى كېرەك. «دوسىت يىغلىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ» دىگەندەك، خىتاينىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ خىتاي تەشۋىقاتىغا ماسلىشىشتىن ھەزەر ئەيلەيلى.

پايدىلانغان مەنبەلەر: غۇلامىدىن پاختانىڭ ھاياتى (27): سوغۇق ئۇرۇشنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە شاھىت بولغانلىرىم

https://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/ghulamidin-paxta-11072017153442.html

https://www.youtube.com/watch?v=U4Y3QKCQ-BM

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

يېزىلغان ۋاقتى : 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى