شەرقى تۈركىستاننى دونالد ترامپقا ساتايلى، بىز ئامېركىنىڭ 51-شتاتى بۇلۇشنى خالايمىز !

توخۇ داڭگال چۈشەر، ئۆچكە جاڭگال- ئۇيغۇر ماقالى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان دونالد ترامپ، 25- دىكابىر ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپسى بولغان «ھەقىقەت» سۇپىسىدا « روژدېستۋو بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن» دەپ روژدېستۋو بايرىمىنى مۇبارەكلەش بىلەن بىرگە، خىتاي دولىتى تەھدىتىگە قارشى پاناما قانىلىنى قايتۇرۋىلىش، كانادانى ئامېرىكىنىڭ 51-شىتاتى قىلىش، دانىيەدىن گېرىلاندىيە ئارىلىنى سىتىۋىلىش ھەققىدىكى تەسەۋۇرى دۇنيادا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. چۈنكى، بۇ ئامېرىكا ھۈكۈمىتنىڭ كەلگۈسى سىتىراتىگىيەسىدە خىتاي دولىتىنىڭ  شىمالىي قۇتۇپقا بولغان تەسىرى ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى، شۇنداقلا ختاي ھۈكۈمىتنىڭ ياۋرۇپانىمۇ كەلگۈسىدە ئۈزىنىڭ تەسىر دائىرسىگە ئېلىپ ئۈزىگە كۈچلۈك رىقابەت شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر.

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ھەرخىل قېزىلما بايلىقلارغا، جۈملىدىن  ئېنىرگېيە مەنبەلىرىگە ئېھتىياجلىق بۇلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، دۇنيادىكى كۈچلۈك – قۇدرەتلىك دۆلەتلەر ئىلگىرىكىدەك ئاجىز خەلقلەرنىڭ زېمىنلىرىنى مۇستەملىكە قىلىۋالماستىن، بەلكى  شۇ دۆلەتلەرنىڭ ئېنىرگېيە مەنبەلىرىنى ئېچىش ئىجارە ئېلىش، مەبلەغ سېلىش، ھەتتا ھەربىي بازا قۇرۇش، مۇھىم بولغان ئىتىراتىگىيەلىك ئورۇنلارنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق يوللار بىلەن ئۆزىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىۋاتىدۇ.

ئەلۋەتتە، باشقا دۆلەت، ھەتتا باشقا قىتئەلەردىكى نېفىت، تەبىئىت گاز، كۆمۈر قاتارلىق ئېنىرگىيەلەرنى ئۆز دۆلىتىگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، ئۇلار قۇرۇقلۇقتا پۇيىز ئارقىلىق توشۇش، يۈك ماشىنىسى ئارقىلىق توشۇش، تۇرۇبا ياتقۇزۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانسا، دېڭىزدا چوڭ تىپتىكى يۈك پاراخۇتلىرنى كېچە – كۈندۈز دېڭىزمۇدېڭىز، ئوكيانمۇئوكيان قاتناتماقتا.

شۇ قاتاردا، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى بايلىقلارنى ئىلگىرى ھىندى ئوكيان – مالاككا بوغۇزى – جەنۇبىي دېڭىز لىنىيىسى بىلەن، شۇنداقلا ئۆزىگە قارام ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقىلىق قۇرۇقلۇقتىن توشۇپ كېلىۋاتاتتى. ئۇندىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە سېتىشتا جەنۇبىي دېڭىز، مالاككا بوغۇزى، ھىندى ئوكيان، قىزىل دېڭىز، سۇۋەيىش قانىلى، ئوتتۇرا يەر دېڭىزى، جەبىلتارىق بوغۇزى يۆنىلىشىدە سۇ يولى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا، كاۋكاز دۆلەتلىرى ئارقىلىق قۇرۇقلۇق يولى بىلەن ماڭاتتى.

ئەمدىلىكتە، بۇ ئىككى لىنىيىدە تۈرلۈك خەۋپسىزلىك ئالامەتلىرى ۋە ئەندىشىلىرى كۈچەيگەچكە، يەنە كېلىپ كەلگۈسىدە بۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ كۈچىيىدىغانلىقى بىلىنگەچكە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاسىيا قىتئەسى بىلەن شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ چېگرىسى بولغان بېرىڭ بوغۇزى (Bering Strait)دىن ئۆتۈپ شىمالىي مۇز ئوكيانغا چۈشۈش، ئۇ يەردىن ئوكياننىڭ شەرقىي يېرىم شار قىرغىقى (رۇسىيە قىرغاقلىرى)نى بويلاپ ياكى ئوكياننىڭ غەربىي يېرىم شار قىرغىقى (كانادا قىرغاقلىرى)نى بويلاپ مېڭىپ ياۋروپاغا شىمال تەرەپتىن كىرىش نىيىتىدە بولىۋاتىدۇ. چۈنكى، بۇ يولدا ھېچقانداق سۇنئىي پۇتلىكاشاڭ مەۋجۇت ئەمەس. يەنە كېلىپ، كانادا قىرغاقلىرىنى بويلاپ ماڭىدىغان سۇ يولىنىڭ مۇساپىسى پەۋقۇلئاددە قىسقا بولغاچقا، كېتىدىغان يول چىقىمىمۇ بەك ئاز. ئۇندىن باشقا، بۇ يول ھېچبىر دۆلەتنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئۆتمىگەچكە، ھېچقانداق دۆلەتكە يول ھەققى تۆلىمەيدۇ. شۇ سەۋەبلەردىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قانچە يىللىق ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، بۇ يولدا قاتناشنى سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى ۋە يېڭى بىر سودا يولى ئاچماقچى بولدى. ئەمما، بۇ يولدا كانادا بىلەن دانىيەگە قاراشلىق گىرىلاندىيە ئارىلىنىڭ ئىستراتېگىلىك ئورنى ئالاھىدە مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

شۇ سەۋەبتىن، بۇرۇندىنلا خىتاينىڭ پوكىنىنى سىقىپ، سۈيىنى چىقارماقچى بولۇپ يۈرگەن دونالد ترامپ ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇ شېرىن چۈشىنى قاباھەتكە، مەككار نىيىتىنى دەھشەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، كانادا بىلەن دانىيەگە «خىتاينىڭ ئالدىنى توسۇپ، بۇرنىنىڭ بېزىنى، ئۆسۈپ قالغان خورىكىنى سەن ئالساڭ ئال. مەن كارغا كەلمەيمەن، مەن بولالمايدىغىنى دېمەكچى بولساڭ، مېنىڭ، ئامېرىكانىڭ كۈنلۈكى ئاستىغا كىرىپ، خوجا ئاكاڭنىڭ كارامىتىنى كۆر» دېگەن مەقسەتتە، كانادانى ئامېرىكاغا قوشۇۋېلىش، يەنى كانادانى ئامېرىكانىڭ 51 – شىتاتى قىلىش، دانىيەگە قاراشلىق گىرىلاندىيە ئارىلىنى ئامېرىكا نەق پۇل تۆلەپ سېتىۋېلىش تەكلىپىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

پاناما دۆلىتى تىنچ ئوكيان بىلەن ئاتلانتىك ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان دۇنياۋى مۇھىم قانالنىڭ كىرىش ۋە چىقىش ئېغىزىدىكى ئىككى مۇھىم پورتنى خىتاي ئاكىسىغا خۇشامەت قىلىپ تارتۇق قىلغىنى ئۈچۈن، دونالد ترامپ ئەپەندى «ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ» تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئامېرىكانىڭ پاناما قانىلىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولدى. ئەلۋەتتە، ناۋادا پاناما دۆلىتى موللا مۇلايىم، گەپكە ئۇنايىم بولۇپ ئامېرىكانىڭ شەرتلىرىگە كۆنمىسە، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ روبىروسىدا يولۋاسنىڭ ئالدىدىكى ئىشەككە ئايلانغىنى ئايلانغان.

ئامېرىكا ھۈكۈمىتىنىڭ داۋاملىق دۇنيانىڭ ساقچىسى – غوجىسى بۇلۇش چۈشى خىتاي دۆلىتى تەرپىدىن جىددى خىرىسقا دۈچ كەلمەكتە. شۇڭا، بۇ ئورۇننى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش ۋە تېخمۇ مۇستەھكەملەش، خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ ئۈزىگە تەھدىت شەكىلەندۈرۈش نىيتىگە ئەجەللىك زەربە بىرىشنى مەقسەت قىلغان دونالد تىرامپ ئەپەندىم، سىز ناۋادا خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ تەھدىتىنى ھەقىقەتەن بۈشكىدىلا ئۇجۇقتۇرۇپ يەرشارىنى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ تەھدىتىدىن تىنچ – ئامان ساقلاپ قالماقچى، ئامېرىكانىڭ شىتات سانىنى 51گە كۆپەيتمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانمۇ سىز ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك تاللاش پۇرسىتى.

شەرقى تۈركىستان خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرلۇشى ئارقىلىق دۇنياغا غوجا بولۇش نىشانىدىكى سەكرەش تاختىسى بۇلۇپ، ئىستىراتىگىيەلىك ئورنى ئالاھىدە مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ ئانا ۋەتىنىمىز خىتاي، موڭغولىيە، رۇسيە، قازاقىستان، قىرغىزستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستان، تىبەت، ھىندىستان قاتارلىق 10 دۆلەت بىلەن بىۋاسىتە چېگرىلىنىدۇ. شەرقى تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى قېزىلما بايلىقلىرنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ بۇلۇپ، دۇنيادىكى 153 خىل قىممەتلىك قېزىلما بايلىقنىڭ 117 خىلى شەرقى تۈركىستاندىن تېپىلىدۇ. ھەتتا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ياسىغان ئاتوم بومبىسىنىڭ قىممەتلىك خام ئەشياسى بولغان ئوران ئېلىمېنتىمۇ شەرقى تۈركىستاندا قېزىلغان. ئانا ۋەتىنىمىز پەۋقۇلئاددە سىتىراتىگىيەلىك ئورۇنغا، مول قېزىلما بايلىق مەنبەسىگە ئىگە بولغاچقا، خىتاي ھۈكۈمىتى بۇ گۆھەر زىمىننى مەڭگۈلۈك مۇستەملىكە قىلىش ئۈچۈن شۇ زېمىننىڭ ئىگىسى ئۇيغۇرلارغائىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. چۈنكى، خىتاينىڭ دۇنياغا خۇجا بۇلۇش سىتىراتىگىيەسى –  خىتاي ئارزۇسى بۇ زىمندىن باشلىنىدۇ ۋى بۇ زىمىن ئارقىلىق روياپقا چىقىدۇ.

دونالد ترامپ ئەپەندىم، سىز گرېنلاندىيە خەلقى ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ قوغدىشىغا موھتاج، گېرلاندىيە خەلقى ئامېرىكىنىڭ بۇ يەردە قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ دىگەن ۋاقتىڭىزدا، بىز شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئامېرىكا  دۆلىتىنىڭ قوغدىشىغا نەقەدەر ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىزنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟! بىز ئۇيغۇرلارمۇ ئامىرىكىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا مەڭگۈلۈك قېلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز. چۈنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىدى، ئۇيغۇرلارنىڭ بەختى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىقبالى ئامېرىكىدەك كىشلىك ھۇقۇقنىڭ قوغدىغۇچىسى، دىمكۇراتىيەنىڭ تۈۋرىكى، زالىم-مۇستەبىتلەرنىڭ سوتچىسى بولغان كۈچلۈك ۋە قۇدىرەتلىك دۆلەتكە باغلىق.  بىز ئەركىن – ھۆر دۇنيادا ياشاش جەريانىدا شۇنى ھىس قىلدۇقكى، دىمكۇراتىك دۆلەتلەردىكى ھايۋان ۋە ئۈسۈملۈكلەرنىڭ ئېتىبار – قىممىتى ھەم ئىززەت – ھۆرمىتى خىتاي دۆلىتىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئېتىبار – قىممىتى ھەم ئىززەت – ھۆرمىتىدىنمۇ نەچچە ھەسسە ئۈستىن ئىكەن. بىز بۇنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق ۋە بېشىمىزدىن ئۆتكۈزدۇق.

دونالد ترامپ ئەپەندىم، سىز بىرىنجى قېتىم ئامېرىكا پىرىزىدىنتى بۇلۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىڭىزدە، ئامىرىكا ھۈكۈمىتى ئۇيغۇر قانۇنىنى ئېلان قىلدى. شۇ ۋاقىتتا، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ نەقەدەر خۇش بولغانلىقىمىزنى، بىزدە نەقەدەر ئۈمىت پەيدا بولغانلىقىنى بەلكى ئويلاپمۇ باقمىغانسىز؟ ئۇندىن باشقا، سىز «خىتاي ھۈكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۋاتىدۇ» دېگەن قانۇنىي، ئادىل ھۆكۈمنى چىقىرىش ئارقىلىق، خىتاي  ھۈكۈمىتىگە قارشى كۈچلۈك سىگنال بەردىڭىز، خىتاينى تەمتىرەتتىڭىز ! خەلقئارا قانۇن پىرىنسىپلىرى بۇيىچە ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئوچۇرغان خەلىقنىڭ مۇستەقىل بۇلۇش ھۇقۇقىنىڭ بار ئىكەنلىكى، بىز ئۇيغۇرلارغا سىز دونالد ترامپ ئەپەندىنىڭ بىزگە مۇستەقىللىق پۇرسىتى سىگنالى بېرىۋاتقانلىقىڭىزنى ئەسكەرتتى.

دىمەك، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش- ئۇيغۇرلارنى ئىرقى قىرغىنچلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئۇلارنىڭ  مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بىردىنبىر كاپالىتى. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات – مەۋجۇتلىقىمىزنى ساقلاپ قېلىش، شۇنداقلا دۇنيانى خىتاي دۆلىتىنىڭ تەھدىتىدىن مەڭگۇلۈك  قۇتقۇزۇپ قېلىش قاتارلىقلار، پەقەت ئامېرىكىدەك كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ قولىدىنلا كېلىدۇ، شۇڭا بىز ئامېرىكانىڭ قوللىشىغا مۇھتاج.

ھۆرمەتلىك دونالد ترامپ ئەپەندىم، سىز گېرلاند ئارىلىنى سېتىۋېلىشنى ئۈزىڭىزنىڭ مۇھىم سىتىراتىگىيەلىك پىلانىڭىز قىلغاندەك، شەرقى تۈركىستاننى سېتىۋېلىشنىمۇ كىيىنكى باسقۇچلۇق پىلان قاتارىغا كىرگۈزشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، بۇنداق قىلىش ئامېرىكا ھۈكۈمىتىنىڭ كەلگۈسدە شەرقى تۈركىستان ئارقىلىق خىتاي بىلەن رۇسىيەنى تىزگىنلەشتىكى سىياسىي جۇغراپىيىلىك سىتىراتىگىيسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. شۇنداقلا شەرقى تۈركىستاننىڭ مول قېزىلما بايلىقىلىرىنى پاكىستاندىكى گىۋادىر پورتى ئارقىلىق دۇنياغا تۇشۇيدىغان يېڭى يولنىمۇ ئاچقىلى بۇلىدۇ.

قىممەتلىك دونالد ترامپ ئەپەندىم، بىز ئۇيغۇرلار شەرقى تۈركىستاننى سىزگە ساتايلى! كۈنلەرنىڭ بىرىدە شەرقىي تۈركىستان ئامېرىكا باشچىلقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ياردىمىدە مۇستەقىللىققا ئىرىشسسە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قېزىلما بايلىقلىرىدىن تەڭ پايدىلىنايلى! ئامېرىكا ئارمىيسىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئەسكىرى بازا قۇرۇپ مەڭگۈلۈك تۇرۇشىغا، بۇ يەردە خىتاي، رۇسىيە ۋە ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ تەھدىت ۋە ھەيۋىسىنى بىتچىت قىلىشىغا ھۆددە قىلايلى !!!

ئامېرىكا ۋە دۇنيا خەلقى خىتاي دۆلىتىنىڭ تەھدىتىدىن، بىگۇناھ ئۇيغۇر مىللىتى خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ ئېرقى قىرغىنچىلقىدىن، خىتايلارغا قۇل بولۇشتىن قۇتۇلسۇن. ئۇيغۇر ۋەتىنى دۇنياۋى كۈچلۈك دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقدىشىغا، ئۇيغۇر مىللىتى دېمۇكراتىيە – ئەركىنلىك سېپىنىڭ ھۆرمەتلىك – قۇدرەتلىك بىر ئەزاسىغا ئايلانسۇن !

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

يېزىلغان ۋاقىت: 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى