![](http://abdurehimgheni.com/wp-content/uploads/2025/01/Uyghur-surgundu-hukumiti-1024x768.png)
خەلقىنىڭ تەلىپى -سۈرگۈندىكى ھۈكۈمەتىكىلەر بىلەن بىر نەق مەيدان سۆھبىتى ئورۇنلاشتۇرسىڭىز
ئېشىڭدا شەك بولمىسا تۆت كوچىنىڭ دوقمۇشىدا ئىچ- ئۇيغۇر خەلق ماقالى
سۈرىيەدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ جىددىي ئۆزگىرىشى ۋە ئىسيانچى كۈچلەرنىڭ بىردىنلا ھاكىمىيەتنى ئىگىلىشى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت – نەزەرى سۈرىيەگە تىكىلدى. شۇ قاتاردا، سۈرىيەدىكى ئىسيانچى كۈچلەر قاتارىدا ئورۇن ئالغان ۋە ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەپ دەۋا قىلىۋاتقان تۈركىستان ئىسلام پارتىيسىنىڭ ئۇ يەردىكى مەۋجۇدلۇقى، دوست ۋە دۈشمەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر مەنبەسىگە ئايلاندى.
ئەلۋەتتە، بۇ قىزىق نۇقتىغا دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزىقىشىمۇ باشقىچە ۋە تۈرلۈك نۇقتىلاردىن چىقتى. ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىكى شەخسىي كۆز قاراشلاردىن باشقا، ئۆزىنى ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋەكىل ھېسابلاپ خەلقئارا سەھنىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان بەزى تەشكىلاتلارنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتلىرى نۇرغۇن غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغانمۇ بولدى.
بۇلارنىڭ ئىچىدە سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر قۇراللىق كۈچلىرىگە قارىتا شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتى دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە دىققەتنى تارتتى. سەۋەبى، ئۇلارنىڭ باياناتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدىكى ئورتاقچىلىق يەنە ھەر ئىككىسى ئۇلارنى قارلىماقتا.
دىياسپۇرادىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مەنمۇ بۇنىڭغا ھەيران ھەم گۇمان ئىچىدە قالغانلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئۇزۇن يىللىق ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتى پائالىيەتچىسى شۇنداقلا مۇستەقىل كۈزەتكۈچى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن، ئۇلارنىڭ ئىزاھاتىنى تەلەپ قىلىپ غۇلام ئوسمان ياغما، مەمتىمىمىن ئەلا ۋە سالىھ خۇدايارلار بىلەن ئالاقىلاشقان بولساممۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھىچبىرى ئىنكاس قايتۇرماي سۈكۈتتە تۇرۋېلشى مېنى تېخىمۇ ئويلاندۇردى. بۇ ئۇلارنىڭ تۈنجى قېتىم مىنىڭ سورىغان سۇئالمىغا ياكى نەق مەيدان سۆھبىتىگە تەكلىپ قىلىشىمغا سۈكۈت قىلىشى ئەمەس.
مەن 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى نۇرمەمەت مۇساباي ۋە ئابدۇرېھىمجانلار بىلەن سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر قوراللىقلىرى تېمىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، نۇرغۇن كۆرۈرمەن قېرىنداشلار ماڭا بىۋاسىتە ئۇچۇر قىلىپ رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىللە، سۈرگۈندى ھۆكۈمەتنىڭ باياناتى سەۋەبلىك ئۇلار بىلەنمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشۈمنى كۈچلۈك تەلەپ قىلدى.
شۇ سەۋەبتىن، مەن سۈرگۈندى ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ مەن بىلەن مېنىڭ ياكى ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ تاراتقۇ ۋاسىتىسىدا ئاشكارا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر قوراللىقلىرى توغرىسىدىكى باياناتىغا كونكرېت ئىزاھ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن. بۇ مېنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دىئاسپورادىكى كۆپ سانلىك ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ قەتئىي ۋە كۈچلۈك تەلىپى.
شۇنى تەكىتلەشنى ھەم توغرا كۆرىمەنكى، ئەگەر سىلەر دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ تەلىپىنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتساڭلار، ئۇنداقتا مەسىلە سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر قوراللىقلىرىدا ئەمەس، بەلكى سىلەردە ئىكەنلىكى ئېنىق ئاشكارا بولىدۇ. چۈنكى، غۇلام ئوسمان ئەپەندى يېقىنقى پىروگراممىسىدا تىلغا ئالغىنىدەك، «ئېشىڭدا شەك بولمىسا تۆت كوچىنىڭ دوقمۇشىدا ئىچ». سىلەرنىڭ ئىچىدىغان ئېشىڭلارغا چىۋىن چۈشۈپ كەتمىگەن بولسا قورقۇپ كەتمەڭلار. چۈنكى «ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك – پوك»، «كۈندۈزى سۆلەتۋاز، كېچىسى سوك – سوك» بولماسلىقىڭلار كېرەك.
كونىلار «مەرتنى مەيداندا سىنا، نامەرتنى راست گەپتە» دېگەن ئىكەن. سىلەر ئەگەر مەرت بولساڭلار مەيدانغا چىقىڭلار، نامەرت بولمىساڭلار راست گېپىڭلارنى قىلىڭلار.
مەن يەنە ئاشكارىلىقنى، باراۋەرلىكنى ۋە ئوغۇلبالىچىلىقنى ياخشى كۆرىدىغان يىگىت بولغاچقا، نەق مەيدان ئاشكارا سۆھبىتىدە سىلەردىن سورايدىغان سوئاللىرىمنى ئالدىنئالا سەمىڭلارغا سېلىپ قويماقچىمەن.
1 – سۇئال: سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر قۇراللىق كۈچلىرى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان باياناتلاردىن خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ باياناتى بىلەن سىلەرنىڭ ھۈكۈمىتىڭلارنىڭ باياناتىدا بىر ئورتاقچىلىق بار. ئۇ بولسىمۇ ھەر ئىككى تەرەپ ئۇلارنى قارلاش. بۇنى قانداق چۈشنىش كېرەك؟ تۈركىستان ئىسلام پارتىيسى ھەققىدىكى باشقا گۇمانلارنى بىر ياققا قۇيۇپ تۇرايلى ئۇلارنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى جاسارىتى، پىداكارلىقى، ئۈزىنى بېغىشلاش روھى ھەقىقەتەن قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. بۇ نوقتىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ دەلىل-ئىسپاتلىق تەنقىدمۇ قىلىش كېرەك، ئەمما مىللىتىمىزنىڭ روھىيتىدىكى قورۇقماس، تىز پۈكمەس قەھىرىمانلىق روھىنىمۇ قېزىش كېرەك، ئاپىرىن ئوقۇش كېرەك. ئۇلارنىڭ قەھىرىمانلىقى دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭ قەھىرىمان مىللەت ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلدى. ئۇيغۇرلارنى كۈزەتكۈچىلەردىن ماڭا مۇنداق دىگەنلەرمۇ بار: ئۇيغۇرلارغا ھەقىقەتەن خىتاي ھۈكۈمىتىگە قارشى قۇراللىق كۈرەش قىلىش پۇرسىتى كەلمەيۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇلارغا قۇراللىق كۈرەش قىلىش پۇرسىتى كەلسە ئۇلارنىڭ تەقدىرىدە چوڭ ئۆزگىرىش بۇلدىغانلىقىغا ئىشنىمىز. چۈنكى دۇنيانى تىتىرتىۋاتقان ختاي ھۈكۈمىتىنى پەقەت ئۇيغۇرلا قورقىتىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ قېنىدا ئېقىۋاتقىنى خىتايلارنى سەدىچىن سېپىل سۇقۇپ نەچچە يۈز يىل بىكەنمە ھالەتتە ياشاشقا مەجبۇر قىلغان قەھىرىمانلارنىڭ قېنى. سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ قەھىرىمانلىق روھىغا ئاپىرىن ئۇقۇۋاتىدۇ. سىلەردە نىمە ئۈچۈن ئۆز مىللىتىڭلارنىڭ روھىدىكى قەھىرىمانلىقنى بولسىمۇ تىلغا ئالمايسىلەر؟ بۇنى قانداق چۈشنىمىز؟
2-سوئال: سىلەر ئۆزۈڭلارنى سۈرگۈندىكى ھۈكۈمەتنىڭ سىياسەتچىلىرى دەپ يوغان ئونۋانلار بىلەن ئاتايسىلەر. سىياسەتچىنىڭ سىياسەتچى بۇلالىشدىكى سەۋەب ئۆز دۆلىتىنىڭ ئورتاق مەنپەتىدە بىر ئۈستەلگە كىلىپ ئورتاق نوقتىدا سۆھبەت ئېلىپ بىرىش ئارقىلىق ھەمكارلىق يۇلىنى ئېچىش. سىياسى ھەركەت بىلەن قۇراللىق ھەركەتنىڭ ئورگانىڭ باغلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم. سىلەر سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر قۇراللىق كۈچلىرىنى قارلاشنىڭ ئورنىغا سۈكۈتتە تۇرۇپ كۈزىتىپ ئۇلار بىلەن ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈش يۇلى ھەققىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇر قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستان، ئىراق، سۈرىيەدىكى ھەركەتلىرىگە ئۇمۇمى نەزەر سېلىپ تارىختىكى خاتالىقلارغا دىئاگونۇز قۇيۇپ ئىلمىي بىر خۇلاسە چىقىرىپ يېڭى بىر سىتىراتىگىيەلىك قەدەم ئېلىش ھەققىدە ئۇلار بىلەن دىئالوگ قۇرۇش يۇلىدا ئىزدىنىشنى ئويلىشىپ باقتىڭلارمۇ؟ چۈنكى سۈرگۈندىكى ھۈكۈمەتنىڭ ھازىرقى باش مىنىستېرى ئابلەت نۇرھاجىم، سالى خۇدايارنىڭ دادىسى، سۈرگۈندىكى ھۈكۈمەتنىڭ خەلىق ۋەكلى سەيفۇللا ئابدۇقادىر، سۈرگۈندىكى ھۈكۈمەتنىڭ بۇرۇنقى رەئىسى غۇلام ئوسمان ئەپەندىم سىلەر 1997-يىللاردىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر قۇراللىق كۈچلىرىنى تەشكىللىگۈچى، ئۇلارنىڭ ھەركىتىگە رەھبەرلىك قىلغۇچى بۇلۇش سۈپتىڭلار بىلەن نۇرغۇن ئىشلارنىڭ بىۋاستە قاتناشقۇچىللىرى ۋە شاھىتلىرى. شۇنداقلا دىياسپۇرادا تۈنجى قېتىملىق ئۇيغۇر قۇراللىق كۈچلىرىنى ئورتا ئاسىيادا ئەجەللىك تارقىلىپ كىتىشى ئۈچۈن ئوينالغان ئۇيۇنلارنىڭ، يۈز بەرگەن سۈيقەستلەرنىڭ بىۋاستە شاھىتلىرى. سىلەرنىڭ شۇ قاباھەتلىك تارىختىن ئالغان تەجىرىبەڭلارمۇ يىتەرلىك. سىلەردە تەجىرىبە بار، سىياسەت ئوينايدىغان ئەقىل بار.ئۇيغۇر قۇراللىق كۈچلىرىدە قورۇقماس پىداكارلىق، ئۈزىنى بېغىشلاش روھى ئۇرغۇپ تۇرغان ئەملىي ئۇرۇش تەجىربىسدە تاۋلىنىپ چىققان دۈشمىنگە قارشى ئۈلۈمدىن قورۇقماس روھ بار. نۆۋەتتە بىزنىڭ شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىنقىلابىمىز بىكىنمىچىلىككە، ئايرىمچىلىققا، بىر-بىرىمىزنى ياراتماي چەتكە قېقىپ ھەمىمىز ئۆز ئالدىمىزغا ئۇيغۇر، شەرقى تۈركىستان دىگەن ئىسىملاردا ئىسمىي بار جىسمى يوق دەبدەبلىك تەشكىلات، ھۈكۈمەت قۇرۇپ ئۆز ئالدىمىزغا قائىدە-پىرىنسىپلارنى بەلگىلەپ مەھەللىۋى قورغان قۇرۇپ شۇ قورغاننىڭ ئىچىدە تۇتقان ھۇقۇقىمىزدىىن پەخىرلىنىپ قەدىمقى شەرقى تۈركىستاندىكى 36 ئۇرۇشقاق بەگلىكتەك چېچىلاڭغۇلۇققا ئەمەس، بەلكى ئۇيۇل تاشتەك ئۇيۇشۇپ خىتايغا قارشى بىرلىك، ھەمكارلىق ھاسىل قىلىش. سىلەر بۇ ھەمكارلىق ھاسىل قىلىش ھەققىدە ئۇيغۇر قۇراللىق كۈچلىرى بىلەن خىتاي تاجاۋۇزچى ھۈكۈمىتىگە قارشى ھەركەت قىلىشتا ئۇلارنى چەتكە قاقماي ھەمكارلىق ئۈستىدە دىئالۇگ قۇرۇش يۇلىدا قەدەم بېسىشنى ئويلىشىپ باقتىڭلارمۇ؟
ئىزاھات: بۇ يازما تۇنجى قېتىم مېنىڭ فېسبۇك ھىسابىمدا ئېلان قىلىندى ۋە يازما توغرىسىدا ئوخشىمىغان پىكىرلەر ئۇتتۇرىغا قويۇلدى. يازمىنىڭ فېيسبۇك ئۇلىنىشى:
https://www.facebook.com/share/p/15UCSTMrXN/?mibextid=wwXIfr
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
يېزىلغان ۋاقتى: 2005-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى