دادىلار بايرىمدا دادامنىڭ  نەسھەتى: غايىب بولغان مىڭلىغان ئۇيغۇر دادىلارنىڭ يۈرەك سۈزى

غېرىپ دەردىنى غۇربەتتە ئادادىن سورا،

ۋىسال دەردىنى ئاشىق گادادىن سورا،

ۋەتەنسىز ھاياتتا نە مەنە، نە تەم،

بۇنى ئۆز ئىلىدىن ئايرىلغان جۇدادىن سورا!

«سەرسان روھ» ناملىق ئۇيغۇرچە رومانىدىن

بۈگۈن دادىلار بايرىمى، بۇ كۈن دادىسى بار ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم كۈندۇر. ئۇلار دادىلىرىنىڭ بايرىمىنى خاتىرىلەپ، سوۋغاتلار بېرىپ، ئۆمرىدە ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرىدۇ. ئەمما ماڭا ئوخشاش مېھرىبان دادىسىدىن ۋەھشىلەرچە ئايرىۋېتىلگەن بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن، ھەر يىلى دادىلار بايرىمى ئەڭ ئاچچىق ئەسلىمىلەر يېڭىلىنىدىغان، دادام بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تېلېفۇندا قىلىشقان گەپلىرىمىز قۇلىقىمدا جاراڭلايدىغان بىر كۈندۇر.

دادامنىڭ شۇ چاغدىكى نەسىھەتلىرى، بەلكىم بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان جازا لاگېرىدا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خارلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مىڭلىغان، مىليونلىغان دادىلارنىڭ، ۋەتەنسىزلىك دەردىدە يۈرىكى پۇچلىنىۋاتقان دىياسپۇرادىكى پەرزەنتلىرىگە دېيەلمەيۋاتقان يۈرەك سۆزلىرى بولۇشى مۇمكىن. بۇ كۈن مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بولغان دادامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاۋازىنى ئاڭلىغان ۋە مېنى دادامدىن، شۇنداقلا 19 ئائىلە ئەزالىرىمدىن مەڭگۈ ئايرىۋەتكەن شۇ مەشئۇم مەزگىلنىڭ بېشىدۇر. 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى دادام بىلەن تېلېفوندا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سۆزلەشكەنىدىم.

2014-يىلى 5-ئاي ئىستانبۇل ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر دادىسى بىلەن بىرلىكتە

« دادا، قانداقراق ئەھۋالىڭ؟ ياخشى تۇرۇۋاتامسەن؟» دەپ سورىغانىدىم يىغلاپ تۇرۇپ. ئاپام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭمۇ دىلى سۇنۇق ئىدى. تېلېفوندا گەپ قىلىۋېتىپ، ئۆزۈمنى ئالدىدا تولىمۇ گۇناھكار ھېس قىلىپ: «مەندەك ۋاپاسىز ئوغلۇڭنى كەچۈر دادا! سەن ئاغرىپ دوختۇرخانىدا ياتقاندا يېنىڭدا بولۇپ ھالىڭدىن خەۋەر ئالالمىدىم، بالىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلالمىدىم» دەپ كۆز يېشى قىلغىنىمدا، دادام ماڭا تەسەللىي بېرىپ مۇنداق دېگەنىدى:

«ئوغلۇم، كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما. كىم ئويلىغان سېنىڭ ۋەتىنىڭدىن ئايرىلىپ چەتئەللەردە سەرگەردان ياشىشىڭنى. ھەر ئىشتا بىر خەير بار. بىزدە <ئۆز يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى-رويۇڭ سامان بولماس> دەيدىغان گەپ بار. ۋەتەنسىزلىكتە، مۇساپىرچىلىقتا ھەممە نەرسەڭ تەل بولسىمۇ كۆڭلۈڭنىڭ بىر يېرى يېرىم بولىدۇ، ئىچ-ئىىچىڭدىن خۇشال بولۇپ كۈلەلمەيسەن. لېكىن مۇساپىرچىلىق سېنى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تېخىمۇ باتۇرلۇق بىلەن ياشاشقا مەجبۇر قىلىدۇ. سەن بۇ ھاياتتا دۇنيانى چۈشەندىڭ، نېمە ئۈچۈن ئاتا-ئاناڭنى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنى، بىر ئوبدان ئوقۇتۇچىلىق خىزمىتىڭنى تاشلاپ، چەتئەلدە مۇساپىر بولۇپ ياشاشنى تاللىغانلىقىڭغا تېخىمۇ ياخشى جاۋابلارنى تاپقان بولۇشىڭ مۇمكىن. مەيلى قەيەردە ياشا، سېنى باغرىدا ئۆستۈرگەن ئانا تۇپراقنى ھەرگىز ئەستىن چىقىرىپ قويما. ئائىلەڭگە ئوبدان قارا، بالىلىرىڭنى ياخشى باق، ياخشى تەربىيەلە. مۇساپىرچىلىقتا ساڭا تەسەللىي بولىدىغىنى ئايالىڭ بىلەن بالىلىرىڭ. شۇلارنى خۇش قىلغىنىڭ مېنى خۇش قىلغىنىڭ».

مەن ئېسىمنى بىلسەم، دادام رەھمەتلىك ئۆز دادىسىنىڭ گېپىنى تولىمۇ ئاڭلايتتى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ «ئاتا-ئاناڭ رازى — خۇدا رازى» دېگەن سۆزىگە بەك ئەمەل قىلاتتى. مەنمۇ دادامنىڭ نەسىھەتلىرىگە بەك ئەھمىيەت بىرەتتىم. دادام بۇ قېتىملىق قىسقا پاراڭدا يەنە ماڭا مۇنداق دېدى:

« ئوغلۇم، سەن دىنىي ئېتىقاد، كۈلتۈر ۋە ئۆرپ-ئادەتتە بىزگە تامامەن ئوخشىمايدىغان بىر دۆلەتتە ياشاۋاتىسەن. شۇڭا شۇ دۆلەتنىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇپ، ياخشى پۇقرا بول، ئۆز كۈچۈڭگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىل. بىز ئۇيغۇرلاردا <ئۆزۈڭنى خار قىلغۇچە، كۈچۈڭنى خار قىل> دەيدىغان ماقال بار. ئوغلۇم، سەن گوللاندىيەدە ياخشى ئوقۇپ، تۇپراق تەتقىقات ئورنىغا تۇپراق ئانالىزچىسى بولۇپ خىزمەت باشلىدىم دېگەندە سەندىن نەقەدەر پەخىرلەنگەن ئىدىم! گوللاندىيەدەك يېزا ئىگىلىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتنىڭ تۇپراق تېخنىكىسىنى ياخشى ئۆگەن. بولسا خىزمەت بىلەنلا توختاپ قالماي، يەنە يۇقىرىلاپ تىرىشىپ ئوقۇ. سەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بۇ زېمىندا دېھقانچىلىق، يېزا ئىگىلىكى ئاساسىي ئورۇندا. ئانا ۋەتىنىڭنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى غەربنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىغا ئەڭ ئېھتىياجلىق. شۇنداق بىر كۈنلەردە قايتىپ كېلىش پۇرسىتى بولۇپ قالسا، غەربنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىنى بىللە ئېلىپ كېلىسەن. مانا شۇ چاغدا سېنىڭ ئۆگەنگەنلىرىڭ سەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇ تۇپراقنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا رولى چوڭ. گوللاندىيە سېنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنىڭ، بالىلىرىڭنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا ۋەتىنى بولۇپ قالدى. تىرىشىپ ئىشلەپ، جەمئىيەتكە قىممەت يارات، شۇندىلا قەدىر-قىممىتىڭ بولىدۇ. بالىلىرىڭ ئۈچۈن ئۈلگە بول، ئۇلارنى ياخشى ئوقۇت، ياخشى تەربىيلە».

خىتاي ھۈكۈمىتى چەتئەلدىن كەلگەن تېلفۇننى مەخپى تېڭشايدىغان بولغاچقا بىز گەپ سۆزلەرگە بەك دىققەت قىلاتتۇق. گەپ قىلۋېتىپ دادام ئېغىر-ئېغىر تىنىپ قۇياتتى. بۇنىڭدىن مەن ئۇنىڭ دىيەلمىگەن گەپلىرىنى ھىس قىلاتتىم. خۇددى دادامنىڭ كۆڭلى تۇيغاندەك، ئۇنىڭ ماڭا قىلغان ئەڭ ئاخىرقى سۆزلىرى ۋە ۋەسىيىتى ئىكەنلىكىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغانىدىم. مانا شۇ كۈندىن باشلاپ مەن دادامنىڭ ئاۋازىنى قايتا ئاڭلىيالمىدىم.

سوتتىكى گۇۋاھلىق ۋە خىتاينىڭ رەزىل ئۆچ ئېلىشى

ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتۈپ، 2024-يىلى 7-ئايدىكى، دۇنيا پۇقرالار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن شى جىنپىڭنىڭ «رىم ئەھدىنامىسى» بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىش سوتىدا گۇۋاھلىق بېرىشكە تەكلىپ قىلىندىم. خىتاي ھۆكۈمىتى مېنى بۇ سوتقا قاتناشتۇرماسلىق ئۈچۈن، دادام بىلەن ئاكامنى جازا لاگېرىدىن ئېلىپ چىقىپ، مېنى گۇۋاھلىقتىن ۋاز كەچتۈرۈشكە مەجبۇرلاپ تېلېفون قىلدۇردى. مەن بۇ شەرتلىك كۆرۈشۈشنى رەت قىلغىنىمدا، ئارقىدىنلا تېلېگرامما ئەپى ئارقىلىق دادامنىڭ كارۋاتتا ئۆلۈكتەك ھالسىز ياتقان، ئاكامنىڭ بولسا دادامنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ماڭا «نەسىھەت» قىلىۋاتقان بېسىم خاراكتېرلىك سىن كۆرۈنۈشىنى ئەۋەتتى. بۇ ئارقىلىق ماڭا روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئېغىر زەربە بەردى. بۇ مېنىڭ كېسەلچان دادامنىڭ سىماسىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈم ئىدى.

دۇنيا پۇقرالار سوت مەھكىمىسىدە ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇرنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى

نەتىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رەزىل ئۇسۇلى مېنى سوتقا قاتنىشىشتىن توسۇپ قالالمىدى. سوت مەھكىمىسى شى جىنپىڭغا رىم ئەھدىنامىسى بويىچە 11 تۈرلۈك جىنايەت ئارتىپ سىموۋۇللۇق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى مەندىن ۋەھشىلەرچە ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، كېسەلچان دادامنى يەنە جازا لاگېرىغا سولاپ، ئىككى ئايدىن كېيىن قىيناپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. بۇ ئېچىنىشلىق خەۋەر ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ داڭلىق مۇخبىرى شۆھرەت ھۇشۇر تەرىپىدىن رەسمىي تەكشۈرۈلۈپ دەلىللەندى.

دۇنيا پۇقرالار سوت مەھكىمىسىنىڭ شى جىنپىڭغا چىقارغان تۇتۇش بۇيرىقى

بۇ كۈيۈمچان، مېھنەتكەش، سەمىمىي ۋە قەدىرلىك دادامنىڭ ئاۋازىنى شۇنداق سېغىندىم. دادامنىڭ سىماسى ھەر دائىم كۆز ئالدىمدا. بەزى كۈنلىرى دادام بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ چۈش كۆرىمەن، بەزى كۈنلىرى كۆرگەن چۈشۈمدىن چۈچۈپ ئويغىنىپ كېتىمەن. دادا، سېنى شۇنداق سېغىندىم! سېنىڭ قەدىرىڭنى ئەمدى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتىمەن، چۈنكى مەنمۇ بالىلىرىمغا دادا بولۇپ، پەرزەنت تەربىيەلەپ ساغلام چوڭ قىلىشنىڭ نەقەدەر قىيىنلىقىنى بىلدىم. دادا، سەن پات-پات «مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا» دەپ قوياتتىڭ. بالىلىرىم ھەر قېتىم بوينۇمغا مىنىۋالغاندا مۇشۇ سۆزۈڭ يادىمغا كېلىدۇ. سەن دادىلىق بۇرچۇڭنى تولۇق ئادا قىلدىڭ، مېنىڭ بۇرچۇم بولسا تېخى ئەمدى باشلاندى.

خەلقىمىزدە «ئوغۇل ئاتىنىڭ سىرىدۇر» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بار. مەن ئۆزۈمدىكى ياخشى تەرەپلەرنى بايقىغاندا، بۇنىڭ سەندىن ماڭا قالغان ئۇدۇم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىمەن ۋە بۇ پەزىلەتلەرنى ئۆز بالىلىرىمغا سىڭدۈرۈشكە تىرىشىمەن. سېنىڭ كۈلۈپ تۇرغان سىمايىڭ ماڭا ئىلھامدۇر، سېنىڭ تەمكىن، ئېغىر-بېسىق ھالىتىڭ مېنى سەۋر قىلىشقا ئۈندەيدۇ. سېنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتىڭ ماڭا ھەق-ناھەقنى، دوست-دۈشمەننى ئايرىشنى ئۆگەتتى. سەن مېنىڭ شانلىق ئەجدادىم، سەن مېنىڭ يولباشچىم. ياتقان يېرىڭ جەننەتتە بولسۇن، دادا!

دادام — مىليونلىغان ئۇيغۇر دادىلارنىڭ بىر ئۆرنىكى

مېنىڭ شەخسىي تراگېدىيەم ئەپسۇسلىنارلىقى يەككە ھادىسە ئەمەس، بەلكى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ئاچچىق رېئاللىقىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيادىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان، «21-ئەسىردە قايتا تەكرارلانمايدۇ» دەپ قارالغان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بۈگۈنكى كۈندىمۇ (2026-يىلى) داۋام قىلماقتا.

ھازىر زادى نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار قانچىلىك؟

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (UN-OHCHR) [1] ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى (Amnesty International) [2] خەلقئارالىق كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مۇستەقىل دوكلاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلىدىن بۇيان 1 مىليوندىن 1.8 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلار لاگېرلارغا ناھەق قامالغان.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ لاگېرلارنىڭ تاقالغانلىقىنى دەۋا قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ۋەزىيەت تېخىمۇ سىستېمىلىق شەكىلگە ئۆزگەردى. ئامېرىكا خولوكوست خاتىرە مۇزېيى (USHMM) [3] ۋە دوكتور ئادريان زېنزنىڭ يېقىنقى تەتقىقاتلىرى كۆرسىتىپ بەردىكى، كەم دېگەندە 500,000 (يېرىم مىليون) ئۇيغۇر لاگېرلارغا تاقالغاندىن كېيىن، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىپ رەسمىي تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەن. قالغان مىليونلىغان كىشىلەر بولسا دۆلەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانلىرىدا ۋە زاۋۇتلاردا قۇللۇققا سېلىنماقتا.

لاگېرلار نەدە ۋە ئۇ يەردە نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ؟

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى (ASPI) [4] غا ئوخشاش ئورگانلارنىڭ سۈنئىي ھەمراھ تەسۋىرلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى نەتىجىسىدە، قەشقەر، خوتەندىن تارتىپ ئۈرۈمچى ۋە غۇلجىغىچە بولغان پۈتكۈل رايوندا 380 دىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى لاگېر ۋە يۇقىرى بېسىملىق تۈرمە سىستېمىسى ئېنىقلاپ چىقىلدى.

بۇ تاملارنىڭ ئارقىسىدا كىملىكنى سىستېمىلىق يوقىتىش، قىيناش، مېڭە يۇيۇش، ئاياللارنى تۇغماس قىلىش ۋە ئۇيغۇر تىلى، ئىسلام دىنىنى پۈتۈنلەي چەكلەش ئېلىپ بېرىلماقتا. ئاتا-ئانىلار تۈرمە-لاگېرلاردا غايىب بولۇۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ بالىلىرى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە يىغىۋېلىنىپ، ئۆز تىلى ۋە كۈلتۈردىن ئايرىۋېتىلمەكتە. خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ بۇ جىنايىتى گوللاندىيە، كانادا ۋە ئامېرىكا پارلامېنتلىرى قاتارلىق 10 نەچچە دۆلەت پارلامىنتى تەرىپىدىن رەسمىي ھالدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق (Genocide) دەپ ئېتىراپ قىلىندى.

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇرنىڭ 24-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى نامايىشتىن پارچە

دادىلار بايرىمىدا مەن دادامنىڭ كۈلۈپ تۇرغان سىماسىنى ئەسلەيمەن. ئۇنىڭ سۆزلىرى مېنىڭ ھاياتلىق كۆرسەتكۈچۈم. مەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى پەقەت ئۆز بالىلىرىمغىلا ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى كۈندە بىر-بىرىدىن ۋەھشىلەرچە ئايرىۋېتىلگەن مىليونلىغان ئۇيغۇر دادىلار ۋە بالىلار ئۈچۈن پۈتكۈل دۇنياغا ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرىمەن.

ياتقان يېرىڭ جەننەتتە بولسۇن، قەدىرلىك دادا!

قۇشۇمچە: بۇ ماقالىنىڭ گوللانچە نۇسخىسى de kanttekening توربېتىدىمۇ ئېلان قىلىنغان، بۇ نۇسخىسىنىڭ ئۇلۇنۇشى:

https://dekanttekening.nl/opinie/op-vaderdag-mis-ik-mijn-oeigoerse-vader-die-stierf-in-een-chinees-kamp/

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

2026-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى