
دۇنيادا كىتاب كۆيدۈرۈشتىنمۇ ئېغىر بىر جىنايەت بار، ئۇ بولسىمۇ كىتاب ئوقۇماسلىق – روس شائىرى جوسېف برودسكىي
دىياسپۇرادا 10 نەچچە يىللىق ئۇيغۇرچە كىتابلارنى تارقىتىش ۋە سېتىش جەريانىدىكى تەجىرىبىلىرىم ئاساسىدا يېزىلغان ھەقىقى ئىشلار خاتىرسى.
دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇر كىتابلىرىنىڭ تەقدىرى ۋە دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلارغا چۈشكەن مەسئۇلىيەت ھەققىدە ئويلىغانلىرىم.
گوللاندىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىققا ئىلتىماس قىلىپ جاۋاب ساقلاپ كامپىلاردا تۇرغان مەزگىلدىكى مەنىسىز، زېرىكىشلىك ھاياتنى ھەممىمىز باشتىن كەچۈرگەن. مەن پاناھلىق تىلىگەن 2007-يىللاردا ھازىرقىدەك ئەقىللىق تېلېفون يوق ئىدى. كامپىلاردىكى زىركىشلىك كۈنلەردە تورغا چىقىپ ۋاقىت ئۆتكۈزەيلى دىسەك سىمسىز تورمۇ يوق ئىدى. بەزى كامپىلاردا كونا كومپىيۇتېرلار بولغان بىلەن بەزى كامپىلاردا كومپىيۇتېرمۇ يوق ئىدى. بەزى كامپىلاردا كۈنىگە بىر سائەت تورغا چىقىشقا رۇخسەت قىلاتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇراتتۇق. بۇ بىر سائەت تورخومارلىقىمىزنى باسالمىغاندىن كېيىن، ھەر ھەپتىدە بەرگەن ئەللىك ئىككى ياۋرو پۇلنى تىجەشلەپ خەجلەپ، ھەپتىدە ئىككى-ئۈچ قېتىم ۋېلىسىپىت بىلەن شەھەردىكى تورخانىلارغا بېرىپ، QQ بىلەن ۋەتەندىكى ئاتا-ئانىمىز، دوست-بۇرادەرلىرىمىز بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ زېرىكىشلىك كۈنلەرنى ئۆتكۈزەتتۇق. ئۇ ۋاقىتلاردا بىر سائەت تورغا چىقساق ئىككى ياۋرو ئىدى. ھەپتىلىك بەرگەن پۇل يەتمەيدۇ دەپ تورخانىغا ھەپتىدە ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم بېرىپ، بىر قانچە سائەت ۋەتەن ئىچىدىكى توربەتلەردىكى ماقالىلارنى ئوقۇپ، QQ ئويناپ كۆڭۈلنى خوش قىلىپ كېلەتتىم. ھەممىمىز تارتىپ باققان شۇ ۋاقىتلاردا بۇ زېرىكىشلىك كۈنلەرنى. ئوقۇيمىز دېسەك ئۇيغۇرچە كىتابمۇ تاپقىلى بولمايتى. ئەمما كىتاب بارمۇ دەپ سورايدىغانلار بار ئىدى. ئەنە شۇنداق ۋاقىتلاردا ياۋروپادا كىتاب تارقىتىش ئارقىلىق كامپىلاردىكى ئۇيغۇرلارنى كىتاب ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇش، جۈملىدىن كىتاب ئارقىلىق بۇ زېرىكىشلىك ھاياتنى مەنىلىك ھاياتقا ئالماشتۇرۇشتەك بىر خىيال ئەقلىمگە كەلدى. شۇنىڭ بىلەن دىياسپۇرادا تۇنجى قېتىم ئىستانبۇلدا تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنى قۇرۇپ كىتاب نەشر قىلدۇرغان ئابدۇجېلىل تۇران ئاكىمىز بىلەن ئالاقە قىلىپ، 10 دانە ھەرخىل ژانىردىكى كىتابلاردىن سالدۇرغان ئىدىم. بۇ كىتابلارنىڭ ئىسمى ھازىرغىچە ئېسىمدە بار. قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، بارىن ئىنقىلابىنىڭ 15 يىللىقى، ئەينەك، جەننەتنىڭ ئاچقۇچى، ناماز، ھەقىقەتنىڭ ئېلانى، بارات ھاجىم ئەسلىمىسى، ئىسلامدىكى سىياسىي تۈزۈم، ئىسلامدىكى ئائىلە تەربىيىسى، قاتارلىق كىتابلار ئىدى. ئەڭ ئاۋال ھەممە كىتابلارنى ئۆزەم بىر قېتىم ئوقۇپ تۈگەتتىم. روھىي دۇنيارىمدىمۇ باشقىچە بىر ئۆزگىرىشلەر بولدى. كىتاب ئوقۇپ ھېس قىلغانلىرىمنى ئۇيغۇرلار يىغىلغان پائالىيەتلەردە سۆزلەپ بېرىپ ئۇلارنى كىتاب ئوقۇشقا قىزىقتۇراتتىم. ئۇ چاغلاردا تۈركىيەدە كىتابلار ھەقسىز بولۇپ، پەقەت پوچتا ھەققىنى تۆلىسەكلا ئابدۇجېلىل تۇران ئىۋەرتىپ بېرەتتى. شۇ چاغدا 10 نەچچە پارچە كىتابنىڭ پوچتا ھەققىگە 20 ياۋروغا يېقىن پۇل كېتىپتۇ. بىر كىتابقا تەخمىنەن 2 ياۋرودىن توغرا كېلەتتى. كىتاب تارقىتىپ مىللەتنىڭ روھىي دۇنياسىنى بېيىتىشنى مىللەت ئالدىدىكى بىر مەسئۇلىيەت دەپ بىلىپ، ئوقۇغان كىتابلىرىمدىن ھېس قىلغانلىرىمنى ۋە كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە شۇ چاغدا ئايدا بىر يىغىلىدىغان مەشرەپ پائالىيىتىدە سۆزلەپ، بىر دانە كىتابنى 2 ياۋرودىن پوچتا ھەققىنىلا چىقىرش مەقسىتىدە سېتىشقا باشلىدىم. قايسى شەھەردە ئۇيغۇر كۆپ بولسا شۇ يەرگە كىتاب ئېلىپ بېرىپ كىتابنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆزلەپ ساتاتتىم. بارا-بارا كىتاب ئالدىغانلارمۇ كۆپەيدى. يەنە قانداق يېڭى كىتابلار بار دەپ ئىزدەيدىغان كىتابخۇمار تۇنۇشلىرىممۇ، پىكىرداشلىرىممۇ كۆپەيدى. شۇنداق قىلىپ خېلى كۆپ كىتابلارنى سېتىپ قولدىن چىقاردىم.
كېيىنكى كۈنلەردە كىشىلەر ئارىسىدىكى بۇلۇپمۇ ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەر تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىلمىگەچكە كىشلەر ئوتتۇرسىدكى مۇناسىۋەتنىڭ قۇربانى بولۇپ كىتابلىرىم چەكلەندى. شۇ ئاتالمىش تەشكىلاتلار ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتلەردە كىتاب ھەققىدە سۆزلەپ تەشۋىق قىلىشىم چەكلەندى، ھەتتا كىتابلارنى بۇنداق پائالىيەتلەرگە ئاپىرىپ سېتىشمۇ چەكلىنىپ تەھدىت قىلغانلارمۇ بولغان. ۋەتەندە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرچە كىتابلارنى چەكلىسە، چەتئەلدە ئاتالمىش ۋەتەن قۇتقۇزۇش تەشكىلاتلىرىمۇ ئۇيغۇرچە كىتابلارنى چەكلىسە، بۇ ئورتاقچىلىقنى قانداق چۈشۈنەي؟ – دەپ ئۆزەمگە سۇئال قوياتتىم. بۇ ئىشلار قەتئىي ئىدىيەمدىن ئۆتمەيتى. كېيىنكى كۈنلەردە گوللاندىيەدە قۇرۇلغان ۋەتەن قۇتقۇزۇش تەشكىلاتىدا مەنمۇ ئەزا بۇلۇپ تۆت تەشكىلاتتا ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇن ئىشلارنىڭ تېگىگە يەتتىم. كىم بىلەن كىمنىڭ سىرلىق ئالاقىسى بارلىقىنى ھېس قىلدىم. ئارزۇلاپ كىرگەن ئاتالمىش ۋەتەن قۇتقۇزۇش تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسىمدا تۈگمەيدىغان زىددىيەتلەر بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بىر-بىرىگە بولغان ئۆچمەنلىك خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىكتىنمۇ ئېشىپ چۈشكەن نۇرغۇن ئىشلارغا شاھىت بولۇپ، ئاخىرى تەشكىلاتتىن قول ئۈزدۈم. بۇ ئىشلارنى 2007-يىلىدىن 2010-يىللارغىچە گوللاندىيەدە ياشىغانلار ناھايتى ئوبدان بىلىدۇ. دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بۇلۇپمۇ ئاتالمىش ۋەتەن قۇتقۇزۇش تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر كىتابلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى شۇ چاغدىكى ئاددىي كاللام بىلەن ھەرقانچە ئويلىساممۇ قەتئىي ئىدىيەمدىن ئۆتمەيتى. شۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل كىتاب سېتىشتىن توختاپ، ياخشى ئوقۇپ ئەڭ ئاۋال ئۆزەمنى قۇتقۇزاي. ئىقتىساد جەھەتتىن ھېچكىمگە بېقىنمايدىغان مۇقىم ئىقتىسادىي قىممەت ياراتالايدىغان خىزمەتكە ئىرىشكىچە تىرىشاي دەپ پۈتۈن دىققىتىمنى ئوقۇشقا قاراتتىم.

كۈنلەرنىڭ ئۈتىشى بىلەن كېيىنكى مەزگىلدە 2013-يىلى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى زەيىست شەھىرىدىن مۇقىم يەرنى ئىجارە ئېلىپ ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى تەسىس قىلغاندا، مەن ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلى، تارىخ، مەدەنىيەت دەرسى بەردىم. بۇنداق قۇلايلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جەمئىيىتكە بالىلارنى ئوقۇتقىلى كەلگەنلەرگە كىتاب تەشۋىق قىلىپ سېتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم. 2014-يىلى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ياز ۋە كۈز كۈنلىرىدە ئىككى قېتىم ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى ئۆتكۈزدى. بۇ يەرمەنكە مەندەك بىر بىكىنمە ھالەتتە كىتاب سېتىۋاتقان بىر كىتابخۇمارغا كىتابلارنى تېخىمۇ ئاشكارە تەشۋىق قىلىپ ساتىدىغان بىر پۇرسەت يارتىپ بەردى. نەچچە يىلنىڭ ئىچىدە ئۆزەم توپلىغان كىتابلىرىمنى تۈنجى قېتىم يەرمەنكىدە تىزىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئېھتىياجىنى كۈزىتىپ باقتىم. نۇرغۇن كىتابخۇمار قېرىنداشلار دىياسپۇرادا نەشر قىلىنغان ھەرخىل كىتابلارنى كۆرۈپ، كىتابلارنىڭ تۈرىنىڭمۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپىيىپ قالغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمىز. ئەمدى ئۇيغۇر يەرمەنكىسىدە كىتاب ساتساڭ بىز سەندىن سېتىۋالساق بولغۇدەك دەپ ئىلھام بېرىشنىڭ تۈرتكىسىدە، ھەر قېتىم يەرمەنكە بولۇشتىن ئىلگىرى ئابدۇجېلىل تۇران بىلەن ئالاقە قىلىپ، ھەرخىل ژانىردىكى كىتابلارنى ئەكەلدۈرۈپ كىتابلاررنىڭ تۈرىنى كۈپەيتىپ يەرمەنكىگە باشقىچە بىر تۈس قوشۇپ خېلى كۆپ كىتابلارنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەبچى بولغان ئىدىم. بارا-بارا كىشىلەر مېنى ئابدۇرېھىم كىتاب دەپ چاقىرىدىغان بولدى. بۇ مەزگىلدە كىتابلارمۇ، پوچتا ھەققىمۇ ئەرزان ئىدى. كىتابلارمۇ يامان ئەمەس سېتىلاتتى. ئەپسۇس بىر قانچە يىل بولدى، بۇلۇپمۇ خىتاي ۋىرۇسىدىن كېيىن دۇنيا خاراكتېرلىك ھەممە نەرسىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ كىتابلارنىڭمۇ باھاسى ئۆستى. بۇلۇپمۇ پوچتا ھەققى بەكرەك ئۆسۈپ كەتتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ شەرقىي تۈركىستانغا باردىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ساننىڭ كۈپىيشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇر يەرمەنكىسىگە كېلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ سانى ئازلاپ كېتىشى بىلەن كىتابلارنى ئالغانلارمۇ ئازلاپ كىرىم-چىقىمنى قامدىيالمايدىغان بولۇپ قالغاچقا، مەنمۇ تۈركىيەدىن كۆپ كىتابلارنى ئەكەلمىدىم. پەقەت ئۆزەم ئوقۇيدىغانغىلا ئەكىلىپ يەرمەنكىدە تىزىپ سېتىلسا يەنە ئورنىغا ئەكىلىپ قويىدىغان بولدۇم.

ئۇيغۇر يەرمەنكىسىنىڭ نامىنى ئاڭلاپ كېلىپ مەززىلىك ئۇيغۇر تاماقلىرىدىن ھۇزۇر ئالغان تۈركلەر كۆپەيدى. ئانچە-مۇنچە گوللاندىيەلىكلەر، ماراكەشلىكلەر، ئۆزبەكلەرمۇ كېلىدىغان بولدى. ئۇلار ئۇيغۇر تاماقلىرىنى يەپ بولغاندىن كېيىن ئايلىنىپ مىنىڭ يېنىمغا كېلىپ ئۇيغۇرچە كىتابلارغا قاراپ، بىز ئوقۇيالايدىغان كىتابلار بارمۇ؟ – دەپ سوراپ ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ۋاراقلاپ قوياتتى. 2025-يىللىق يازلىق ئۇيغۇر يەرمەنكىسدە ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئۆزى يازغان ۋە ئۇيغۇر يار تەرپىدىن نەشر قىلىنغان كىتابلارنى ئىۋەرتىپ بەرگەن ئىدى. بۇ كىتابلارنىڭ ئىچىدە ئۆزى يازغان تۈركچە كىتابتىن تۆتنى قوشۇپ قويۇپتۇ. تۈركلەر بۇ تۆت تۈركچە كىتابنى سېتىۋالدى. بۇنىڭدىن ناھايتى خوش بولدۇم. ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ قىممىتىنى بىز بىلمىگەن، قەدىرلىمىگەن بىلەن تۈركلەر تۈركچە يېزىلغان كىتابنىڭ قىممىتىنى بىلدىكەن. بۇ ئىلھامنىڭ تۈرتكىسىدە يەرمەنكىگە كېلىدىغان باشقا مىللەتلەرگە كىتاب تەشۋىق قىلىشنى باشلىسام بولغۇدەك دەپ، بۇ قېتىملىق ئۇيغۇر يەرمەنكىسىگە تۈركچە، ئەرەپچە، ئىنگلىزچە كىتابلارنى تىزىپ باقاي دەپ ئابدۇجېلىل تۇرانغا تېلېفون قىلىپ سورىسام، ئابدۇلھەكىم ئىدىرىس يازغان « قىزىل قىيامەت » دېگەن كىتابنىڭ تۈركچىسى، ئەرەپچىسى، ئىنگلىزچىسى بار دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇلھەكىم ئىدىرىس بىلەن ئالاقىلىشىپ كىتابلىرىنى يەرمەنكىگە تىزدىغان دېيىشتىم. ماڭا ھازىر ئۇيغۇرچە كىتاب ئەمەس، باشقا تىللاردىكى كىتابتىنلا سېلىپ بېرىڭ دېسەم، ئابدۇجېلىل ئاكىمىز نېمىشقا ئۇيغۇرچە كىتاب سالمايمىز؟ بۇرۇن سېلىپ بېرەتتىم. ئەمدى نېمىشقا ئۇيغۇرچە كىتاب سېتىشتىن يالتايدىڭىز؟ – دېدى. مەن يالتايمىدىم، ئەمما بىر مۇنچە پوچتا ھەققى تۆلەپ ئەكەلدۈرسەم ئۇيغۇرلار ئالمىسا قانداق قىلىمەن؟ بۇرۇن ئەكەلدۈرگەن ئۇيغۇرچە كىتابلارمۇ بار. شۇنىڭغا قوشۇپ باشقا تىللاردىكى كىتابلارنى ئۇيغۇر يەرمەنكىسىگە تىزىپ سېتىش ئەھۋالىغا قاراپ باقاي دېدىم. ئابدۇجېلىل تۇران ئۇيغۇرچە رومان، سىياسىي كىتابلارنى قىممەت دېسىڭىز، ئىسلام دىنىغا ئائىت كىتابلار ھەقسىز. پوچتا ھەققىنى تۆلىسىڭىزلا بولىدۇ، شۇڭا ئازراق قوشۇپ قويايمۇ دەپ سورىدى. مەن ياق قوشۇپ سالماڭ دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويدۇم. بۇ گېپىمگە ھەيران قالغان ئابدۇجېلىل تۇران سىز ياۋروپادا ياشاۋېرىپ دىنغا ئۆچ بولۇپ قالدىڭىزمۇ قانداق؟ بۇلتۇر ئوبۇلقاسىم ھاجىمغا ئۇيغۇر يەرمەنكىسىدە ساتقىلى بىر مۇنچە كىتابلارغا قوشۇپ بىكارلىق دىنىي كىتابلارنىمۇ سېلىپ بەرگەن ئىدىم. ھېچ بولمىسا پوچتا ھەققى چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلىدىم دېدى. شۇ كىتابلارنىمۇ ئۇيغۇر يەرمەنكىسىدە مەن ساتىمەن. ئەپسۇس مۇبارەك دىنىمىز ئىسلام دىنىغا ئائىت كىتابلارنى سېتىۋالغانلار ئەمەس، بەلكى ۋاراقلاپ قويغانلارمۇ يوق. ئۇ كىتابلار شۇ پېتى بار دېسەم ھەيران قالدى.

دېمەك ئەھۋالىمىز بۇ! تۈركىيەدە سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسى تاقالدى. كىتابلىرىنى ئەرزان باھادا تۆكمە قىلىپ ساتتى. ئەمما ھەممىسىنى قولدىن چىقىرىپ بولالمىغانلىرىنى ئاخىرى بىكارغا بېرىپ تۈگەتتى. يەنە بىر قۇتادغۇ بىلىك كىتابخانىسى بىر كۈنى تۇيۇقسىز كەلگەن تۈرك ساقچىلىرى تەرىپىدىن كىتابلار مۇسادىرە قىلىنىپ ماڭغاندا، زەيتۇنبۇرۇندىكى ئۇيغۇرلار قوزغىلىپ چىقىپ قاتتىق قارشىلىق قىلىپ كىتابلارنى قۇتقۇزۇپ قالدى. ئەمما بۇ كىتابخانىمۇ ئۇزۇنغا قالماي تاقالدى. دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئاساسچىسى، تەكلىماكان ئۇيغۇر كىتابخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇجېلىل تۇران تەكلىماكان ئۇيغۇر كىتابخانىسىنى تاقايدىكەن دېگەن گەپلەر تور دۇنياسىدا تارقالغاندىن كېيىن، نۇرغۇن قېرىنداشلار بىرەر كىتابخانا بولسىمۇ ئېچىلسۇن! كىتابخانىلىرىمىز تاقالمىسۇن! ئانا تىلىمىزدىكى كىتابلىرىمىزنى قوغداپ قالايلى! دېگەندەك دەبدەبىلىك يازمىلار يېزىپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۈتۈرۈلمىدى.
دىياسپۇرادا ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇيغۇر يازغۇچىلارنى قوللاپ ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىتابلارنى يېزىشقا ئىلھام بېرىش، دىياسپۇرادا ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىش، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىتابلارنى سېتىۋېلىپ ساقلاپ قويۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرايلى! كىتاب بىر مىللەتنىڭ مەنىۋىي بايلىقىنىڭ جۇغلانمىسى. كىتاب سېتىۋېلىپ ئۆز مىللىتىمىزنىڭ مەنىۋىي قىممەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇر مىللىتىنى مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، ئۇيغۇر كىتابلىرىنى سېتىۋېلىپ ساقلاپ قويۇش دىياسپۇرادىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ مىللەت ئالدىدىكى بىر مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى.
دىياسپۇرادىكى ھەر بىر ئۇيغۇر سېتىۋالغان كىتاب – ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاش يولىدىكى بىر قەدەم. بۈگۈن بىر كىتاب سېتىۋالغىنىڭىز، ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنى قولىغىنىڭىز ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا مەنىۋى بايلىق قالدۇرۇغىنىڭىز! بىزنىڭ سېتىۋالغان كىتابلىرىمىز يازغۇچىلىرىمىزنىڭ داۋاملىق كىتاب يېزىشىغا ئىلھام بولغۇسى. كىتاب سېتىۋېلىپ ساقلاپ قۇيۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرايلى!

قوشۇمچە: ئۇنىڭ كىتابىنى سېتىۋاتامسەن؟ ئۇ دېگەن ئانداق، بۇ دېگەن مانداق دەپ ئۆزى بىر بەت بىر نەرسە يازالمايدىغان ئەمما باشقىلارنىڭ كىتابىنى باھالايدىغان، يازغان كىتابنى ياراتمايدىغانلارسەمىگە، مەن كىتابقا ھۆرمەت قىلىمەن. كىتاب يازغۇچىغا ھۆرمەت قىلىمەن. مىنىڭ ھېچكىم بىلەن شەخسىي زىددىيىتىم يوق. مەن كىتابقا ئاداۋەت تۇتمايمەن. شۇڭا كىتاب سېتىشقا سوغاق سۇ سېپىدىغان گەپ- سۆزلەرنى قىلماڭلار.
ئەسكەرتىش: تۈركچە، ئىنگلىزچە، ئەرەپچە كىتاب يازغانلار مەن بىلەن ئالاقە قىلىڭلار، كىتابلىرىڭلارنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىپ سېتىشقا ياردەم قىلاي. نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىتاب يازغانلارغا ياردەم قىلمايسەن؟ – دەيدىغانلار ماقالەمنى ئەستايىدىل ئوقۇپ ئاندىن ئۈزىڭىزىڭىزگە سۇئال قۇيۇپ بېقىڭ! بۇنىڭ جاۋابىنى ئۈزىڭىز تاپالايسىز!
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
يېزىلغان ۋاقتى: 2025-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى