يەھۇدى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنىدىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىغا نەزەر

ناتسىستلار گېرمانىيەسى 1933-يىلدىن 1945-يىلغىچە ئۆز تېرىتۇرىيەسى ۋە گېرمانىيە ئىشغال قىلغان ياۋرۇپانىڭ بەزى جايلىرىدا جازا لاگىرلىرىنى قۇرۇپ، يەھۇدىيلارغا چوڭ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان. بۇ جازا لاگېرلارنىڭ ئىچىدە 1940-يىللاردا  پولشانىڭ جەنۇبىدا قۇرۇلغان ئائۇسۋىتىز-بىركېناۋ (Auschwitz-Birkenau) جازا لاگېرى ھازىر خەلىقئارا ئىرقى قىرغنچىلىقنى خاتىرىلەش كۈنىنىڭ سىموۋىلى بۇلۇپ قالدى.

بۇ قارار ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنى يەھۇدى چوڭ قىرغىنچىلىقى قۇربانلىرىنىڭ، يەنى ئالتە مىليون يەھۇدىي خەلقىنىڭ ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ پاجىئەلىك ئۆتمۈشىنى ئەسلەشكە چاقىرىدۇ. شۇنداقلا كەلگۈسىدە يەنە بىر قېتىملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى تارىخى ھەققىدە مائارىپ پروگراممىلىرىنى تۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

2005-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنى قارا ماقۇللاپ، 27-يانۋارنى خەلقئارا چوڭ قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش كۈنى قىلىپ بېكىتتى. بۇ قارار يەھۇدى چوڭ قىرغىنچىلقىنى تارىخىي ۋەقە سۈپىتىدە ئىنكار قىلىشنى رەت قىلىدۇ؛ مىللىتى ياكى دىنىي ئېتىقادى سەۋەبىدىن شەخس ياكى جامائەتلەرگە قارىتىلغان ھەر قانداق يەكلەش، قۇتراتقۇلۇق، پاراكەندىچىلىك ياكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەيدۇ. شۇنداقلا بۇ قارار ناتسىستلارنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق بازىلىرى بولغان ئۆلۈم لاگېرلىرى، جازا لاگېرلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلىرىنى ئاكتىپ قوغداشنى، شۇنداقلا ب د ت نىڭ يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاش ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنى خاتىرىلىتىشى ۋە ئۇنى مائارىپ پروگرامملىرىغا كىرگۈزۈشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

2005-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوسۋىتز-بىركېناۋنىڭ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقنى خاتىرلەش ئۈچۈن چاقىرىلغان ئالاھىدە يىغىنىدا، 27-يانۋار، يەنى 1945-يىلى سېۋىت ئىتىپاقى قىزىل ئارمىيسى ئوسۋىتز جازا لاگېرىنى ئازاد قىلىغان كۈننى خەلقئارا چوڭ قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش كۈنى قىلىپ بېكىتكەن ئىدى.

شۇڭا، ھەر يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى خەلقئارا  ئىرقى قىرغىنچىلىقنى خاتىرلەش كۈنىدە، نۇرغۇن يەھۇدىيلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى «6مىليون يەھۇدىينىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىمۋولى» دەپ قارىلىدىغان پولشا ئائۇسۋىتىز-بىركېناۋ جازا لاگېرىغا يىغىلىپ مۇراسىم ئۆتكۈزىدۇ.

دەل مۇشۇ كۈندە مەن 19 تۇغقىنى خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلقىنىڭ زىيانكەشلىكگە ئۇچۇرغان بىر ئۇيغۇر بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن، يەھۇدى قىرغىنچىلقىغا چۇڭقۇر ھىسداشلىق قىلىمەن.

مەن ئەسلىدە مۇشۇ قىرغىنچلىق خاتىرە كۈنىدە ئوسۋىتز جازا لاگىرىنىڭ ئالدىدا تىنىچ شەكىلدە نامايىش قىلماقچى ئىدىم. مەن يەنە 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىت گېرمانىيەسىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان 6 مىليۇندىن كۆپرەك يەھۇدىيغا تەزىيە بىلدۈرمەكچى، قىرغىنچىلقتا ھايات قالغانلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلاردىن ھال سورىماقچى، قىرغىنچىلىق ئابىدىسىگە گۈلچەمبەرەك قويماقچى ئىدىم. بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق، مەن پۈتۈن دۇنياغا «بۇندىن كېيىن قايتا يۈز بەرمەيدۇ» دىگەن ئىرقىي قىرغىنچىلقنىڭ نەق مۇشۇ مىنۇتلاردا خىتاي ئىشغالىيتى ئاستىدىكى ۋەتىنىم شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرۋاتقانلىقىنى، مىنىڭ 19 نەپەر تۇغقىنىمنىڭ خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ ئىرقى قىرغىنچلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئائىلەمنىڭ تىرادىگىيەسىنىڭ ئەمەلىيەتتە نەچچە مىليۇنلىغان ئۇيغۇرنىڭ پاجىئەسىنىڭ جانلىق كارتىنسى ئىكەنلىكىنى دەلىل- پاكىت بىلەن چۈشەندۈرمەكچى، دۇنيانى ئۇيغۇر قىرغىنچىقنى تىزدىن ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىرماقچى ئىدىم. ئەپسۇس، بەزى سەۋەبلەر بىلەن بۇ پىلانىم روياپقا چىقمدى. ئەمما مەن بۇ پىلانىمدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن.

بۇ يىللىق خەلىقئارا  ئىرقى قىرغىنچىلىقنى خاتىرلەش كۈنىنىڭ 80-يىللىقىدا، پولشانىڭ ئائۇسۋىتىز-بىركېناۋ جازا لاگېرىدىكى خاتىرلەش مۇراسىمغا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، ب د ت خادىملىرى، 54 خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغان 50 دىن ئارتۇق يەھۇدىي قاتناشتى. مەن مۇراسىمنىڭ نەق مەيدان تارقىتىلىشىنى كۆردۇم.

ب د ت باش كاتىبى ئانتونىي گوتتىرىس يەھۇدىيلار قىرغىنچىلىق خاتىرە كۈننىڭ 80 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۇنتۇلىشى ئۆتمۈشكە قىلىنغان خىيانەت، شۇنداقلا  كەلگۈسگە قىلىنغان ساتقۇنلىقتۇر». ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخنى  ئەسلەش بىلەن ناتىستلار گېرمانيەسى  پۈتۈن يەھۇدىيلارنى يوق قىلۋېتىشنى كۆزلىگەن زور قىرغىنچىلىقتا 6 مىليۇن يەھۇدىنىڭ قىرىپ تاشلانغانلىقنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەندىن كېيىن:  «قۇربانلار ۋە ھايات قالغۇچىلارنىڭ ئورۇق-تۇققانلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز» دېدى.  ھالبۇكى، مۇشۇ كۈنگىچە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئېغىزمۇ سۆز قىلىپ باقمىغان ئانتونى گوترېسنىڭ يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە قىلغان گەپلىرى X  دا كۈچلۈك تەنقىد قىلىندى. ب د ت نىڭ سابىق كىشلىك ھۇقۇق ئادۋۇكاتى ئېمما رېيلى ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ختاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۆز قىلماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىزىملىكىنى خىتاي ھۈكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «سىز ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار بىلەن كۈرۈشۈشنى رەت قىلىپ كېلىۋاتىسىز، سىز باشقۇرۇپ كېلىۋاتىقان قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانسى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر قىرغىنچىلقى ھەققىدە سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ» دېدى. ئېمما رېيلى يەنە ختاي ھۈكۈمىتى ھەر يىلى ب د ت غا يوللاۋاتقان 10 مىليۇن دوللارنىڭ بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق، ب د ت باش كاتىبى ئانتونىي گوتتىرىسنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

بۇنىڭدىن كۈرۋېلىشقا بۇلىدىكى، ب د ت باش كاتىپى ئانتونى گوتىرىس خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستانىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان سېستىمىلىق ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يۇشۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدەك دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بىر تەشكىلاتنىڭ يۈز-ئابىرويىغا داغ چۈشۈردى.

مانا بۇنىڭدىن مەن ب د ت دەك نوپۇزلۇق  خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ «گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق » لىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دۇنيادا چارىسىز، يۈلەنچىكسىز قالغانلىقىغا ھەرگىزمۇ ئۈمىتسىزلەنمىدىم. چۈنكى، دۇنيا ھازىر ئاجىزلارنىڭ كۆز يېشىدىن ئەمەس، كۈچلۈكلەرنىڭ ئىرادىسىدىن،  ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىنىمسىز كۈرەش قىلىدىغانلارنىڭ روھىدىن تەسىرلىنىدۇ. رۇسىيە تاجاۋۇزىغا قارشى تىز پۈكمەي كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇكرائىنالىقلار بۇنىڭ جانلىق ئۆرنىكىدۇر.

مەن يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە يەنە بەزى دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ، مۇھىم شەخسلەرنىڭ يەھۇدى قىرغىنچىلقى ھەققىدىكى سۆزلىرىدىن تەسىرلەندىم، كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ياشلار تۈكۈلدى ھەم ئامىستېردام دام مەيدانىدىكى يالغۇز كىشىلىك نامايىشىم جەريانىدا كۆرگەنلىرىم ئېسىمگە كەلدى. شۇ چاغدا  پىلاكاتلىرىمدىكى يەھۇدى قىرغىنچىلقى بىلەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىنى سېلىشتۇرۇپ قۇيۇلغان رەسملەرنى كۆرگەن بەزى يەھۇدىيلار تىتىرەپ تۇرۇپ، «سېنىڭ پىلاكاتلىرىڭدىكى رەسىملەر ماڭا ناتىست گېرمانىيسىنىڭ جازا لاگىرىنى ئەسلەتتى. مىنىڭ بۇۋام، مۇمام شۇ جازا لاگىردا ئۈلۈپ كەتكەن» دەپ يىغلاپ كەتكەن ھەمدە ماڭا تەسەللى بىرىپ، «سەن ئۆز مىللىتنىڭنىڭ خىتاي كوممۇنىستىلىرىنىڭ جازا لاگىرىدا ئىنسان قېلپىدىن چىققان ئىرقى قىرغىنچىلقىنى باشتىن كەچۈرۋاتقاندا ئەركىن دۇنيادا دۇنياغا ئاڭلىتىپتىسەن. ئەمما، بىزدە ئۆز ۋاقتىدا بۇنداق ئىمكانىيەت يوق ئىدى. سىنىڭ بۇ پىداكارلىق ھەركىتىڭدىن سۈيۈندىم» دىسە، يەنە بەزى يەھۇدىيلار مېنى قۇچاقلاپ، قوللىرىمنى چىڭ سىقىپ، « 19 تۇغقىنىڭغا ، شۇنداقلا جازا لاگىرلىرىدىكى نەچچە مىليۇن ئۇيغۇرغا ھىسداشلىق قىلىمەن» دەپ ماڭا ئىلھام بەرگەنىدى. چۈنكى، ناتىست گېرمانىيەنىڭ قىرغىنچىلققا ئۇچۇرغان يەھۇدىيلار بىلەن خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلقىغا ئۇچۇرغان ئۇيغۇرلارئورتاق قىسمەتنى باشتىن كەچۈرگەن ئىدى. نىمە ئۈچۈن ئىرقى قىرغىنچلىق خاتىرە كۈنى ھەر يىلى خاتىرلىنىدۇ؟ مۇشۇ قىرغچىنلىقنى خاتىرلەش پائالىيتىگە قاتناشقان دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇيغۇر قىرغنچىلقىنى بىلمەمدۇ؟ ئەلۋەتتە بىلىدۇ. چۈنكى، خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە كانادا، ئەنگىليە، گوللاندىيە، بېلگىيە، فىرانسىيە، چېخىيە، لىتۋا، تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامىنتلىرى ئىرقى قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئېتىراپ قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر كىشلىك ھۇقۇق ئالىي كومسىيۇنى 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى شەرقى تۈركىستاندا ئېغىر كىشلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلكى مەۋجۇت دەپ دوكلات ئېلان قىلدى. 

2024-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى، گوللاندىيەدىكى دۇنيا پۇقرالار سوت مەھكىمسى شى جىنپىڭغا 11 تۈرلۈك جىنايەت ئارتىپ، ئۇنىڭغا تۇتۇش بۇيرىقى چىقاردى. بۇ 11 تۈرلۈك جىنايەتنىڭ ئىچىدە شەرقى تۈركىستاندا ئېرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئېلىپ باردى، دىگەن سوت ھۈكۈمىمۇ ئېنىق ئوتتۇرغا قۇيۇلدى.

2024-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ياۋرۇپا پارلامىنتى قارار ماقۇللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغانلىقى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋىپى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويدى. قاراردا خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قاتناشقان ئورۇنلارغا قوشۇمچە جازا قوللىنىش تەلەپ قىلىندى.

دېمەك،  ھازىر خىتاي ئىشغالىيتىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا 21-ئەسىردە «ھەرگىز قايتا يۈز بەرمەيدۇ» دىگەن پاجىئە تەكرار يۈز بەرمەكتە. مۇتەخەسىسلەرنىڭ باھالىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق يەھۇدى قىرغىنچىلقىدىنمۇ قېلىشمايدىغان چوڭ كۆلەمدىكى قىرغىنچىلىق بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر تۇتاش باشقۇرۇش سۇپىسى» شەكلىدىكى سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسى، چىراي تونۇش تېخنىكىسى قاتارلىق ئەڭ يېڭى تېخنىكىلارنى قوللىنىپ ئۇيغۇرلارنى قەبىھ ئۇسۇلدا باستۇرۇپ يوقاتماقتا، تۇغۇتنى چەكلەشنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى تېز سۈرئەتتە ئازلاتماقتا. بالىلارنىڭ تىلىنى خىتايچىلاشتۇرۇپ، يېڭى ئەۋلاد خىتاي پۇقرالىرى قىلىپ يېتىشتۈرمەكتە. بۇنداق يوشۇرۇن قەستلەش شەكلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق «ئىس-تۈتەكسىز ئىرقى قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتالماقتا.  

ئۇيغۇرلاردا « ئاينىڭ ئونبەشى قاراڭغۇ بولسا، ئونبەشى يۇرۇق» دەيدىغان ماقال بار. بىزگە ھازىر قاراڭغۇ زۇلمەت بولغان بولسا، ھامان بىر كۈنى يۇرۇق كۈنلەر كىلىدۇ. خىتاي كوممۇنىست دۆلىتى خۇددى سوۋىت ئىتىپاقىدەك، يۇگۇسلاۋىيىدەك پارچىلنىپ، ئۇيغۇرلار ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ. شۇ چاغدا ئۇيغۇرلار ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر سېپىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئادالەتسىزلىككە قاشى ھەققانىيەت ئۈچۈن سۆزلەيدۇ. مەن بۇنىڭغا چىن قەلبىمدىن ئىشىنىمەن. دۇنيادا ھىچبىر ئىمپېرىيە، ھىچبىر ھۈكۈمران مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرمىگەن. سېۋىت ئىتىپاقىنىڭ بۈگۈنى خىتاينىڭ ئەتىسى بولۇشى شەكسىز. خىتاي كوممىنست دۆلىتىنىڭ گۇمران بولشى تارىخىنىڭ مۇقەررەر تەرەققىياتى، بۇ پەقەت ۋاقىت مەسلىسى، خالاس.

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

2025-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى