خىتايلارنىڭ گوللاندىيەدىكى چاغان پائالىيتىدىكى شەرمەندىچىلىك

لىم ئۇغۇرلاپ تۈۋرۈك ئالماستۇرۇش-«خىتتاينىڭ 36 ھېيلىمىكىرى» دىگەن كىتابدىن

خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادى كۈچى دۇنيادىكى 2- چوڭ كۈچكە ئايلىنىش بىلەنلا، ئۇلارنىڭ چەتئەللەردىكى ئۆز مەدەنىيتىنى نامايەن قىلدىغان پائالىيەتلرى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم ئورۇنلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن تەڭ شۇ دۆلەتنىڭ مۇھىم پەن-تېخنىكىسى، دۆلەت مۇداپىئەسىگىچە قارا قۇلنى سوزۇپ، مەخپى ئۇچۇر ئوغۇرلاپلا قالماستىن، بەلكى خىتاي كوممۇنىست ھاكىميىتگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتچى، ئاكتىۋېستلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن قورقۇتۇش ۋە تەھدىت سېلىشتەك رەزىلىكلەرنى قىلىپ كەلمەكتە.  

خىتايلارنىڭ چاغان (يېڭى يىل بايرىمىنى تەبىركلەش) پائالىيتى 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى گوللاندىيەنىڭ سىياسى پايتەختى، دەنھاخ شەھەرلىك ھۈكۈمەت بىناسىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئىرىشتۇق. بىز دەرھال كانتونيەلىك سىياسى پائالىيەتچى لىيۇ فېيلۇڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، جەنۇبى موڭغۇلىيلىكلەر، كانتونىيلىكلەر، خاڭكۇڭلۇقلاربىلەن بىرلىكتە دەنھاق شەھەرلىك ھۈكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىدا خىتاي ھۈكۈمىتىگە قارشى نامايىش ئورۇنلاشتۇردۇق. نامايىش ئۈچۈن «گوللاندىيەنىڭ ئەركىنلىك، دىكمۇراتىيە ئونۋېرسال قىممەت قاراشلىرىنى قوغدايلى!»، «خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ گوللاندىيەگە سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئالايلى!» دەپ يوغان لوزىكنا ياساتتۇق.

نامايىش گوللاندىيە ۋاقتى سائەت 11:00 دا باشلاندى. ئالدى بىلەن كانتونىيەلىك سىياسى پائالىيەتچى لىيۇ فېيلۇڭ كانتونىيە تىلىدا بۇ قېتىملىق نامايىش ھەققىدە قىسىقچە سۆز قىلدى. ئارقىدىن ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇرېھىم غېنى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە «بىز بۈگۈن نىمە ئۈچۈن بۇ يەرگە يىغىلىپ خىتاي ھۈكۈمىتگە قارشى نامايىش قىلىۋاتىمىز؟ خىتايلار شەرقى تۈركىستاندا، تىبەتتە، كانتونىيەدە، جەنۇبى موڭغۇلىيەدە 70 نەچچە يىلدىن بۇيان ئېغىز زۇلۇملارنى قىلماقتا. شەرقى تۈركىستاندا «قايتا تەكرارلانمايدۇ» دىگەن تىراگىدىيە 21- ئەسىردە قايتا يۈز بېرىپ دۇنيا تارىخىدا كۈرۈلۈپ باقمىغان 3 مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇر جازا لاگىرىدا ئىنسان قېلپىدىن چىققان خورلۇقلارنى باشتىن كەچۈررىۋاتىدۇ»- دەپ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ يەتتە يىلدىن بۇيان ھىچبىر ئالاقىسى بولمىغان 19 ئائىلە ئەزالىرنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن قىلغان ھەركەتلىرىنى قىسقىچە تەكىتلەپ، «مىنىڭ ئائىلەم خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ شەرقى تۈركىستان ئېلىپ بارغان ئىرقى قىرغىنچىلقنىڭ جانلىق ئىسپاتى، شۇنداقلا  مىليۇنلىغان ئۇيغۇرنىڭ بىر جانلىق كارتىسى» دەپ گوللاند تىلدا سۆزلىدى.

ئارقىدىن شەرقى تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىيدىن ئىلشات ئىسلام خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ جىنايەتلرىنى، غەرب دۆلەتلىرىگە يۇشۇرۇن يوللار بىلەن سىڭىپ كىرىپ قىلىۋاتقان جاسۇسۇلۇق ھەركەتلىرىنى ئىنگلىز تىلدا ئاڭلاتتى. نامايىشتا «فاشىست خىتاي»، «تېرورىست خىتاي»، «تېروسىست شى جىنپىڭ»، «گوللاندىيە ئۇيقۇڭنى ئاچ، خىتاي كوممۇنىستىك دۆلىتى كىلىۋاتىدۇ…»، «شەرقى تۈركىستانغا مۇستەقىللىق!»، «تىبەتكە مۇستەقىللىق!»، «كانتونىيەگە مۇستەقىللىق!»، «جەنۇبى موڭغۇلىيەگە مۇستەقىللىق!»، «خاڭكۇڭغا مۇستەقىللىق!»، «بىزگە ئەركىنلىك كېرەك»، «بىزگە ئادالەت كېرەك» دىگەندەك شۇئارلار جاراڭلىق توۋلاندى.

نامايىش كەلگەن ئۇيغۇرلار مەسلىھەتلىشىپ بىر قىسمىمىز نامايىش قىلىپ تۇردىغان, بىر قانچىمىز چاغان پائالىيتى ئۆتكۈزدىغان زالنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئەھۋاللارنى كۈزتىپ باقىدىغان بولدۇق. بۇنداق قىلىشىمىزدىكى مەقسەت خىتاي ھۈكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلارنى ئەرەپ دۆلەتلرىگە ئېلىپ چىقىپ ئۇسۇل ئوينىتىپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يۇشۇرۇپ «ئۇيغۇرلار ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ بەك باياشات ياشاۋاتىدۇ» دىگەندەك ساختا تەشۋىقاتى بىلەن دۇنيانى ئالداپ كىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ قېتىملىق چاغان پائالىيتىدە «يەنە ئۇيغۇرلارنى ئۇسۇل ئوينىتىپ دۇنيانى ئالدايدىغان ئىشلارنى قىلامدۇ-يوق؟» دەپ ئويلاپ  زال ئىچىگە كىرىپ قاراپ باقايلى دىدۇق. مەن  ۋە ئابدۇراھمان، ئېلىجان ئۈچىمىز خىتايلار چاغان بايرىمى ئۆتكۈزلىۋاتقان زالنىڭ ئىچىگە كىرگىنىمىزدە، زال ئىچى ئادەم بىلەن تولغان ئىكەن. زالنىڭ بىر بۇلۇڭىدا پائالىيەت ئۈچۈن خىتاي ئۆسمۈرلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسۇل كىيىملىرىنى كەيدۈرۈپ سەھنىگە چىقىپ ئۇسۇل ئويناشقا تەييارلىق قىلدۇرىۋاتقان ئىكەن. بىز ئاۋۋال زالنىڭ ئىچىنى بىر قۇر ئايلىنىپ ئۈستى قەۋەتلەرگە چىقىپ ئەتراپلىق كۈزەتتۇق. كىيىن ئۇيغۇرچە قىياپەتتە كىيىندۈرۈلگەن خىتايلارنىڭ سائەت  15:00 دە سەھنىگە چىقىپ ئۇيغۇرچە ئوسۇلى ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۇق.

ئابدۇراھمان زالنىڭ ئىچىدە قالىدىغان، باشقىلار چىقىپ نامايىشىمىزنى تۈگتىپ ئاندىن ھەممەيلەن بىرلىكتە سەھنىگە چىقىپ «بۇلار ئۇيغۇر ئەمەس، بىز ھەقىقى ئۇيغۇرلار» دەپ ئۇيغۇرلارنىڭ بايرىقىنى كۆرسىتىدىغان، مەن غايىب بولغان 19 ئائىلە ئەزالىرىمنىڭ رەسمىنى تۇتۇپ « خىتاي ھۈكۈمىتى مىنىڭ غايىپ بولغان 19 ئائىلە ئەزالىرىم قېنى؟»، «شەرقى تۈركىستاندىكى ئىرقى قىرغىنچىلىقنى توختات!»،  ئاندىن ھەمىمىز «شەرقى تۈركىستانغا مۇستەقىللىق!»، «خىتاي شەرقى تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!»، «گوللاندىيە ئۇيقۇڭنى ئاچ، كوممىنىست خىتاي كېلىۋاتىدۇ»  دىگەن شۇئارلارنى جاراڭلىق دەپ، تىنىچ شەكىلدە خىتايننىڭ بۇ يالغانچىلىقىغا ئۆزىمىزنىڭ قارشىلىقىمىزنى كۆرسىتىدىغان، ھەتتا خىتايلار كىلىپ بىزنى ئۇرۇپ يارلاندۇسرسىمۇ بىز ئۇلارغا قول ئۇزارتماي ئۈزىمىزنىڭ نارازىلقىنى تىنىچ شەكىلدە ئېلىپ بارىمىز دەپ مەسلىھەتلەشكەن ئىدۇق.

نامايىش چۈشتىن كىيىن سائەت ئىككىدە تۈگىدى. ئۇنىڭدىن كىيىن بىز ئالتە ئۇيغۇر زالنىڭ ئىچىگە كىردۇق. زەيتۇنەنىڭ ئاپىسى نۇسرەتخان ھەدىمىز زالنىڭ بۇلڭىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرپ نەرسىلەرگە قاراپ تۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردۇم. مەن سەھنىگە چىقىپ تىنىچ نارازىلقىمىزنى بىلدۈرگەن ۋاقىتتا ۋېدىيوغا ئېلىش ئۈچۈن ئېلىجان بىلەن زەيتۇنەنى ئىككىنجى قەۋەتتە تۇرۇپ ۋېدىيوغا ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۋاتاتتىم. كۆك بايراقنى چىقىرىپ پائالىيەت بۇلاۋاتقان سەھىنىگە توغۇرلاپ رەسىمگە تارتتۇق ۋە دەرھال قۇربانجان بىلەن ئىككىمىز 1- قەۋەتىكى سەھنە تەرەپكە قاراپ ماڭدۇق. بۇ ۋاقىتتا سەھنىگە يېقىن يەردىن ئورۇن ئالغان

ئابدۇراھمان «رىياسەتچىنىڭ ھازىر مېھمانلارنى سەھنىگە تەكلىپ قىلىمەن، پائالىيەت ئاخىرلىشىدۇ» دىگەن سۈزىنى ئاڭلاپ پائالىيەت تۈگەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ، قۇلدىكى «شەرقى تۈركىستان خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئەمەس» دىگەن پىلاكاتنى كۆتۈرۈپ سەھنىگە چىقىپ «خىتاي ھۈكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ»، «خىتاي ھۈكۈمىتى ئىرقى قىرغىنچىلىقنى توختات!» دەپ توۋلىدى. بۇ چاغدا بىر قانچە خىتايلار يوپۇرلۇپ كىلىپلا ئابدۇراھماننى قۇلدىن تارتىپ يەرگە ياتقۇزدى. لىكىن ئابدۇراھمان خىتايلارنىڭ قۇلىدىن يۇپۇرلۇپ چىقىپ، يەنە «خىتاي ھۈكۈمىتى ئىرقى قىرغىنچىلىقنى توختات!» دەپ توۋلىدى. بۇ ئارلىقتا يەنە بىر قانچە خىتايلار بىرلىكتە كىلىپ ئابدۇراھماننىڭ قۇلىدىن تارتىپ سىرىتقا ئېلىپ چىقىپ كەتتى.

بىزدىن بىر قانچىمىز ئىككىنجى قەۋەتتە بولغاچقا بۇ ئىشلارنى كۈرەلمەي قاپتۇق.

 بىز پەسكە چۈشۈپ سائەتنىڭ ئۈچ بولۇشىنى، ئۇيغۇرچە كىيىملەرنى كەيگەن خىتاي قىزلىرىنىڭ سەھنىگە چىقشىنى ساقلىغاچ، سەھنىگە يېقىن ھەم سەھنىگە چىقماق ئاسان بولغان بىر ئورۇن تاپتۇق. شۇ يەردە سەھنىگە چىقىپ خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ دۇنيانىڭ كۆزىنى بۇياپ خىتاي قىزلىرىنى ئۇيغۇرچە ياساندۇرۇپ ئۇسۇلغا سېلىشتەك رەزىلىكىنى ئاشكارلاش ئۈچۈن تەييار تۇرغان ئىدۇق. بۇ ئارىلىقتا ئېلشات بولغان ئەھۋاللارنى دەپ ئابدۇراھماننى ئامانلىق قوغداش خادىملىرى ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى دىدى.  شۇ چاغدا پىلانىمىز بۇيچە ئىش قىلالماي قالغانلىقىمىزنى ھىس قىلىپ «ئاۋۋال ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىملىرىنى كەيگەن خىتايلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، پائالىيەتنى ئىنگىلىزچە سۆزلەپ ۋېدىيو ئېلىۋېلىپ، ئاندىن ئۇلار سەھنىگە چىققاندا بىز يان تەرەپتىن سەھنىگە چىقىپ ھەركىتىمىزنى باشلايلى» دەپ پىلانىمىزنى ئۆزگەرتتۇق.

ئېلشات ئېگىلىزچە سۆزلەپ خىتايلارنىڭ بۇ يالغانچىلقىنى چۈشەندۈرۋاتقان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا خىتايلار كىلىپ بىزگە قول سېلىپ ۋە بىزنى ئىتتىرىپ قۇربانجاننىڭ قۇلىدىكى تېلىفۇنغا ئېلىۋالدى. ساقچى ۋە بىخەتەرلكىنى قوغداش خادىملىرى كېلىپ، ئەتىراپنى قورشاپ خىتايلارنىڭ بىزگە قىلغان قۇپالسىزلىقىنى توختاتتى ۋە بىزنى سىرىتقا چىقىپ كىتىش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭدى. سىرىتقا چىققاندا كىملىكلىرىمىزنى تەكشۈرۈپ، بىزنىڭ زالغا قايتا كىرمەسلىكىمىزنى ئېيتىپ، زالغا كىرىش ئېغىزىدا بىزنى تۇسۇپ تۇردى.

بۇ ئارلىقتا مەن «ئابدۇراھماننى قەيەرگە ئېلىپ كەتكەندۇ؟»-دەپ ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلدىم. ئۇ تېلفۇننى ئالمىدى. مەن ئىككىنجى قەۋەتتە ۋېدىيوغا ئالماقچى بولغان زەيتۇنە بىلەن ئېلىجانغا تېلفۇن قىلىپ ئۇلارنى قايتىپ چىقماي ئۇيغۇرچە ياسنىپ ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئوينايدىغان خىتايلار سەھنىگە چىققاندا تۇلۇق ۋېدىيوغا ئېلىپ، ئاندىن يېنىپ چىقىشنى تاپىلىدىم. زەيتۇنە تۈرۈكچىنى ياخشى بىلدىغان بولغاچقا «ۋېدىيو ئالغاندا خىتايلارنىڭ بۇ يالغانچىلقىنى تۈرۈكچە سۆزلەپ ئېلىڭ» دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويدۇم. بىز «بولغان ئەھۋاللارنى دۇنياغا ئاشكارلايلى» دەپ ئېرشات بىلەن ئۇيغۇرچە ۋە ئېنگىلىزچە پائالىيەت زالىغا كىرىش ئېغزىدا بولغان ئەھۋاللارنى سۆزلەپ تارقاتتۇق. سۆزلىرىمىزدە ئاساسەن بۈگۈنكى چاغان بايرىمنى تەبرىكلەش پائالىيتىدە خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسۇل كىيىمىنى خىتايلارغا كىيگۈزۈپ، ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئوينىتىپ، دۇنيانى ئالداپ، ئۈزىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يۇشۇرۇپ، ساختا كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىشتەك  رەزىلىكلىكىنى پاش قىلدۇق.

بۇ ئارىلىقتا پائالىيتىمىزنى كۆرگەن گوللاندىيەلىكلەر «ھەقىقەتەن ياخشى قىلدىڭلار، سىلەرنىڭ ھىچقانداق زوراۋانلىق قوللانماي تىنىچ شەكىلدە قىلغان بۇ قارشىلىق پائالىيتىڭلارنىڭ ئۈنىمى بولدى. خىتايلارمۇ ئۆزلىرى تەمتىرەپ كەتتى. خىتايلارنى نەق مەيداندا شەرمەندە قىلدىڭلار. سىلەرگە ئاپىرىن!» دەپ بىزگە ھىسداشلىق قىلىدىغانلىقنى ئىپادىلىدى. ھەتتا «بۇنداق تىنىچ شەكىلدىكى قارشىلىق ھەركىتىڭلارنى ھەرقانداق ۋاقىتتا پۇرسەت تاپساڭلارلا ئېلىپ بارساڭلار بۇلىدۇ، بۇ سىلەرنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھۇقۇقىڭلار. بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ يالغانچىلقىنى، دۇنيانى ئالداۋاتقانلىقنى دەلىل-ئىسپات بىلەن پاش قىلىپ، ئۇلارنى نەق مەيداندا شەرمەندە قىلالايسىلەر» دىدى. «ھەتتا بۇنداق قىلساق بۇ بىر جىنايەت شەكىللەندۈرۈپ، قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىلىپ قالارمىزمىكىن دەپ ھەرگىز قورۇقماڭلار! بۇ پەقەت پائالىيەت ئىنتىزامىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئەمما ھىچقانداق بىر قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىلدىغان جىنايەت شەككىللەندۈرمەيدۇ» دەپ بىزنىڭ روھىمىزنى كۈتۈردىغان تەۋسىيەلەرنى بەردى. بىز ئۇلارغا «گوللاندىيە ھۈكۈمىتىنىڭ بىز ئۇيغۇرلارغا سىياسى پانالىق ۋە گراژدانلىق (ۋەتەنداشلىق) بېرىپ، بىزنى قوينىغا ئالغانلىقىدىن ئىنتايىن مەمنۇن ئىكەنلىكىزنى، گوللاندىيەدەك بىر دىمكۇراتىك دۆلىتىنىڭ پوقراسى ئىكەنلىكىمىزدىن پەخىرلىندىغانلىقىمزنى، شۇنداقلا گوللاندىيە خەلقى ئۈتەشكە تىگىشلىك مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيتىمىزنى ئاڭلىقلىق بىلەن تۇنۇپ، بۇ دۆلەتكە تۆھپە قۇشدىغانلىقىزنى ھەتتا گوللاندىيە كەلگۈسىدە بىرەر دۆلەت بىلەن ئۇرۇشقا كىرىپ قالسا، بىز ئۇيغۇرلارمۇ گوللاندىيەدە ئەسكەر بۇلۇپ بۇ دۆلەتنى قوغداشقا ھازىر» ئىكەنلىكىمزدەك روھىمىزنى ئىپادىلدۇق.

 ئارلىقتا ئابدۇراھمان ماڭا تېلفۇن قىلىپ ساقچىنىڭ «جازا تۆلەيسەن، ئۆيۈڭگە قايتىپ كەتسەڭ بۇلىدۇ» دەپ قۇيۇپ بەرگەنلىكىنى ئېيىتتى. ئابدۇراھمانمۇ بىردەمدىلا بىز بار يەرگە يىتىپ كەلدى. ئەمما پىشانىسى ۋە يۈزىنىڭ ئازراق قىزىرىپ قالغانلىقنى كۆردۇق.

ئابدۇراھماننىڭ دېيىشىچە، ئۇ سەھنىگە چىققاندا خىتايلار تەرەپ-تەرەپتىن كىلىپ ئۇنى تۇتۇپ، ناھايتى قۇپاللىق بىلەن قوللىرىنى قايرىپ يەرگە باسقان. تىنىچ شەكىللىك نارازىلىق بىلدۈرگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاممىۋى سورۇندا خىتايلاردىن بىر قانچىسىنىڭ بۇنداق قۇپاللىق بىلەن يۇپۇرلۇپ كېلىپ، جىسمانىي جەھەتتىن يارىلاندۇرۇشى گوللاندىيە قانۇنىغا خىلاپتۇر. بىز بۇ ئىشنى بۇنداقلا بولدى قىلىۋەتمەيمىز! ئاۋال جازا تۈلەيدىغان قەغەز كەلگەندىن كىيىن، ئادۇۋكات ئارقىلىق ئابدۇراھماننى جىسمانىي جەھەتتىن يارلاندۇرغان خىتايلار ئۈستىدىن ئەرىز قىلىپ قىلىمىز…

تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلۇنۇشتىكى مەزمۇنغا قاراپ باققايسىز!

https://x.com/abdurehimgheni/status/1761490608378581027?s=46&t=odoOOdDGJBd7fLPxXTF7CA

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

2024-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، گوللاندىيە