
19 ئائىلە ئەزاسى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بىر ئۇيغۇر ئاكتىپىست ۋە ئوبزورچىنىڭ مىنىستىرغا ئوچۇق خىتابى
گوللاندىيە تاشقى سودا ۋە تەرەققىيات ھەمكارلىق مىنىستىرى سىيورد سىيوردسما (Sjoerd Sjoerdsma) بۈگۈن، يەنى 2026-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۆزىنىڭ X (تۋىتتېر) ھېساباتىدا خىتاي زىيارىتى ھەققىدە رەسمى ئۇچۇر ئېلان قىلدى. بۇ ئۇچۇر خەلقئارا سىياسەتتە پرىنسىپ بىلەن مەنپەئەتنىڭ قانداق توقۇنۇشىدىغانلىقى ھەققىدە بىزنى چوڭقۇر ئويلاندۇرماقتا. مىنىستىرنىڭ ئۆتمۈشتىكى كۈرەشلىرى بىلەن بۈگۈنكى مەيدانى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە قارىتا مۇشۇ ئوبزورنى ئېلان قىلىشنى تولىمۇ زۆرۈر دەپ قارىدىم.
https://x.com/ministerbhos/status/2074101682443624849?s=46
خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈشكە باشلىغان 2014-يىلدىن بۇيان، دۇنيانىڭ سىياسىي سەھنىسىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نۇرغۇن ۋەقەلەرگە شاھىت بولدۇق. ئەنە شۇ ھەيران قالارلىق ئىشلارنىڭ بىرسى مانا بۈگۈن گوللاندىيەدە يۈز بەرمەكتە. گوللاندىيەنىڭ تاشقى سودا مىنىستىرى سىيورد سىيوردسما دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ سانائعتچىلەر جەمئىيىتى (VNO-NCW) ۋە ASML قاتارلىق 17 چوڭ دۆلەت ھالقىغان شىركەتنىڭ ۋەكىللىرىنى باشلاپ، خىتاي بىلەن «ئىككى تەرەپلىك سودا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش» ئۈچۈن بېيجىڭ ۋە شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىقماقچى.
بۇ ئۇچۇرنىڭ ئارقىسىدا پۈتۈن بىر سىياسىي دراما يوشۇرۇنغان. ئورۇندۇقنىڭ ئالمىشىشى (پارلامېنت ئەزاسىلىقتىن مىنىستىرلىققا ئۆتۈش) سىياسەتچىلەرنىڭ پرىنسىپىنىمۇ ئۆزگەرتەمدۇ؟ سودا مەنپەئىتى كىشىلىك ھوقۇقتىن ھەمىشە ئۈستۈن تۇرامدۇ؟
سىيورد سىيوردسما كىم؟ تۈنۈگۈنكى «ئۇيغۇر قەھرىمانى»
بەلكىم بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەر بۈگۈنكى تاشقى سودا مىنىستىرى سىيورد سىيوردسمانىڭ ئۆتمۈشىنى ياخشى بىلمەسلىكى مۇمكىن. ئۇ گوللاندىيەنىڭ لىبېرال پارتىيەسى D66 نىڭ ئەزاسى. 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۇ پارلامېنت ئەزاسى بولۇۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىگە قارشى تارىخىي بىر قەدەمنى تاشلىغان ئىدى. ئۇ دۆلەت مەجلىسىگە تەكلىپ سۇنۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» (Genocide) دەپ ئېتىراپ قىلدۇردى.
گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ قارارى پۈتۈن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئۈلگە بولدى ۋە زەنجىرسىمان تەسىر قوزغىدى. شۇ سەۋەبتىن، سىيوردسما ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە بىر ھەققانىيەتچى، جەسۇر «قەھرىمان سىياسەتچى»گە ئايلانغان ئىدى. ئەلۋەتتە، بۇ ھەرىكىتى بېيجىڭنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى ئۆزىنىڭ رەسمىي «جازالاش تىزىملىكى»گە كىرگۈزگەن ئىدى. ئارىدىن ۋاقىتلار ئۆتۈپ، ئاشۇ جازالانغان پارلامېنت ئەزاسى بۈگۈن ھۆكۈمەت كابىنتىغا كىرىپ، تاشقى سودا مىنىستىرى بولدى.
مىنىستىر سىيوردسما خىتاي ئالدىدا ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن سۈكۈت قىلىشنى تاللىشى مۇمكىن، ئەمما گوللاندىيە پارلامېنتى يېقىندىلا — 2026-يىلى 21-ماي كۈنى — پارلامېنت ئەزاسى ستېفان ۋان بارلې (Stephan van Baarle)نىڭ تەشەببۇسى بىلەن مۇشۇ سودا زىيارىتىگە بىۋاسىتە ئالاقىدار بولغان ئىككى تارىخىي قارارنى (Motie: 21501-02-3409 ۋە 3410) زور ئاۋاز بىلەن ماقۇللاپ، ھۆكۈمەتكە ئېنىق مەجبۇرىيەت يۈكلىگەن ئىدى.
بۇ زىيارەت باشلىنىش ئالدىدا، مىنىستىر سىيوردسمانىڭ ئالدىغا ئاشۇ رەسمىي پارلامېنت قارارلىرىنى قويۇپ تۇرۇپ، تۆۋەندىكى ئۆتكۈر سوئاللارنى قويىمىز:
1. پارلامېنتنىڭ 3409-نومۇرلۇق قارارى بويىچە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويامسىز؟
گوللاندىيە پارلامېنتى 21-مايدىكى بۇ قارارىدا: «ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا بارىدىغان سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ئېنىق، ئوچۇق ۋە شەرتسىز ھالدا ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشى كېرەك» دەپ بەلگىلىگەن ئىدى.
مىنىستىر ئەپەندى، سىز خىتاي سودا مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، مۇشۇ بەلگىلىمە بويىچە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئۈستەلگە قويامسىز ياكى مىليونلىغان ياۋرولۇق چىپ سودىسى ئۈچۈن پارلامېنتنىڭ تەلىپىگە كۆز يۇمۇپ سۈكۈت قىلامسىز؟
2. 3410-نومۇرلۇق قارار بويىچە، «مۇستەقىل تەكشۈرگىلى بولمايدىغان» ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەمسىز؟
پارلامېنت ماقۇللىغان يەنە بىر قاراردا: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك تاۋارلىرىنى چەكلەش قانۇنى (CSDDD) نى ئىجرا قىلغاندا، مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش مۇمكىن بولمىغان رايونلاردىن (شەرقىي تۈركىستاندىن) كېلىدىغان تاۋارلارغا قارىتا ئەڭ قاتتىق نازارەت ۋە چەكلىمە قويۇلسۇن» دەپ تەلەپ قويۇلغان.
سىز باشلاپ بارىدىغان 17 چوڭ گوللاندىيە شىركىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن بولغان يوشۇرۇن تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇشۇ تەلەپ بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ چەكلەمسىز؟ سىز سودا مىنىستىرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، شىركەتلەرنىڭ خىتايدىكى «يالغان نازارەت دوكلاتلىرى»غا ئىشىنىپ كۆز يۇمامسىز ياكى پارلامېنتنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قۇلاق سالامسىز؟
3. بېيجىڭغا پرىنسىپىدا چىڭ تۇرغان بىر سىياسەتچى سۈپىتىدە بارامسىز ياكى مەنپەئەتكە بويۇن ئەگكەن بىر سودا ۋەكىلى سۈپىتىدىمۇ؟
خىتاي ھۆكۈمىتى سىزنى ئىلگىرى «ئۇيغۇرلارنى قوغدىدى» دەپ جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، خىتايغا كىرىشىڭىزنى چەكلىگەن ئىدى. بۈگۈن بېيجىڭنىڭ سىزدەك بىر مىنىستىرغا ۋىزا بېرىپ، قىزىل پايانداز بىلەن كۈتۈۋېلىشى — سىزنىڭ ھوقۇق ئورۇندۇقىغا ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۆز مەيدانىڭىزدىن ۋاز كەچكەنلىكىڭىزنىڭ بىر بەدىلىمۇ؟
غەرب سىياسەتچىلىرىنىڭ پارلامېنت مۇنبەرلىرىدە تۇرۇپ، دۇنياۋى قىممەت قاراشلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق نامىدىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغاندا چىقارغان جاراڭلىق سۆزلىرى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئەجەبا، ئاشۇ جاراڭلىق نۇتۇقلار پەقەتلا ھوقۇق ئورۇندۇقىغا ئولتۇرغۇچە بولغان بىر سىياسىي پەلەمپەيمىدۇ؟ ھازىر ھۆكۈمەت كابىنتىدا رېئال ھوقۇق تۇتقاندا، بېيجىڭ بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مەنپەئەت خەلقئارالىق قانۇنلارنى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ۋىجدانىنى يۇتۇپ كېتەمدۇ؟ سودا كېلىشىملىرى ئىمزالانغان قەلەمنىڭ سىياھى، شەرقىي تۈركىستاندا تۆكۈلگەن قان ۋە كۆز ياشلىرىنى بېسىپ چۈشەمدۇ؟
مىنىستىر سىيوردسما ئەپەندى، سىزنىڭ بۇ زىيارىتىڭىز سىزنىڭ سىياسىي ۋىجدانىڭىزنى ۋە ساداقىتىڭىزنى بېكىتىدىغان چوڭ بىر تارىخىي سىناقتۇر. سىز گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ رەسمىي تەلەپلىرىگە ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئۆتمۈشتىكى ھەققانىيەتچى كىملىكىڭىزگە سادىق قالامسىز ياكى ئۇلارنى بېيجىڭنىڭ سودا توختاملىرىغا تېگىشىۋېتەمسىز؟
مەن — ئۆزىنىڭ 19 ئائىلە ئەزاسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىزگە مۇشۇ ئاچچىق سوئاللارنى قويۇشقا تولۇق ھەقلىق دەپ قارايمەن. سىز ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئېتىراپ قىلىشىغا يول ئاچقان، بىز تەرەپتە تۇرغان بىر ھەققانىيەتچى سىياسەتچى ئىدىڭىز.
شۇنى ئېنىق بىلىڭكى، بۈگۈن بېيجىڭدىكى سۆھبەت ئۈستىلىدە پەقەت گوللاندىيەنىڭ سودا مەنپەئىتىلا تۇرغىنى يوق، بەلكى سىز تۈنۈگۈن قوغدىغان ئىنسانىيەتنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتى تۇرماقتا. سىز خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ ئاشۇ 19 ئائىلە ئەزام ۋە مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ ھەققىنى تەلەپ قىلالامسىز؟ ئەمدى سۆز نۆۋىتى سىزدە، دۇنيا ۋە تارىخ سىزنىڭ بېيجىڭدىكى ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتىڭىزنى يېقىندىن كۈزىتىدۇ!
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
يېزىلغان ۋاقتى: 2026-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى
بۇ يازمىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار:
https://www.tweedekamer.nl/kamerstukken/moties/detail?id=2026Z10529&did=2026D23817
https://www.tweedekamer.nl/kamerstukken/moties/detail?id=2026Z10528&did=2026D23816


