خىتتاي

دۇنيا پۇتبول لۇڭقىسدا  لەپىلدىگەن شەرقىي تۈركىستان بايرىقى- CCTV ئېكرانىدىن ئەۋلادلار ۋەسىيتىگىچە

بۇرۇن دۇنيا ئۇيغۇرلارنى ئانچە تونۇمايتتى. ھازىر بولسا، دۇنيا ئۇيغۇرلارنى تونۇدى. ئۇلارنىڭ دۆلىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تاجاۋۇزچى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانۇنسىز بېسىۋېلىنىپ، مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، «شىنجاڭ» دېگەن مۇستەملىكە نامىغا ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدى. مانا بۇ دۆلەتنىڭ بايرىقى — ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق — خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلاردا لەپىلدەپ، دۇنياغا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تونۇلۇۋاتىدۇ. بۈگۈن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان دۇنيا …

دۇنيا پۇتبول لۇڭقىسدا  لەپىلدىگەن شەرقىي تۈركىستان بايرىقى- CCTV ئېكرانىدىن ئەۋلادلار ۋەسىيتىگىچە Read More »

تۈنۈگۈنكى «ئۇيغۇر قەھرىمانى»، بۈگۈنكى سودا ۋەكىلى: مىنىستىر سىيوردسمانىڭ بېيجىڭ زىيارىتىگە ئوچۇق سوئاللار

19 ئائىلە ئەزاسى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بىر ئۇيغۇر ئاكتىپىست ۋە ئوبزورچىنىڭ مىنىستىرغا ئوچۇق خىتابى گوللاندىيە تاشقى سودا ۋە تەرەققىيات ھەمكارلىق مىنىستىرى سىيورد سىيوردسما (Sjoerd Sjoerdsma) بۈگۈن، يەنى 2026-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۆزىنىڭ X (تۋىتتېر) ھېساباتىدا خىتاي زىيارىتى ھەققىدە رەسمى ئۇچۇر ئېلان قىلدى. بۇ ئۇچۇر خەلقئارا سىياسەتتە پرىنسىپ بىلەن مەنپەئەتنىڭ قانداق توقۇنۇشىدىغانلىقى ھەققىدە …

تۈنۈگۈنكى «ئۇيغۇر قەھرىمانى»، بۈگۈنكى سودا ۋەكىلى: مىنىستىر سىيوردسمانىڭ بېيجىڭ زىيارىتىگە ئوچۇق سوئاللار Read More »

ئامىستېردامدا خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى» غا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

2026-يىلى 1-ئىيۇل — خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دۇنيا تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر سىياسىي ۋە كۈلتۈر قىرغىنچىلىقىنىڭ قانۇنىي ئاساسى بولغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى» رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان قاباھەتلىك كۈندۇر. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇنى خىتاي بولمىغان بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز كۈلتۈرى، دىنى، تىلى ۋە كىملىكىنى تولۇق يوقىتىپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي ئاسلىماتسىيە قىلىشنى نىشان قىلغان. شۇڭا، ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى» …

ئامىستېردامدا خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى» غا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى Read More »

خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى» غا قارشى ئورتاق سەپ: سۈرگۈندىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى مىللەتلەر بىرلىشىپ نارازىلىق بىلدۈردى

شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، موڭغۇل ۋە خوڭكوڭ ئىتتىپاقى گوللاندىيە پارلامېنتىنى بۇ قانۇنغا قارشى ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى. ياۋروپا پارلامېنتى 30-ئاپرېل كۈنى بىر قارار قوبۇل قىلىپ، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن 2026-يىلى 12-مارت كۈنى ماقۇللانغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» غا قارتا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى. مەزكۇر قانۇن 2026-يىلى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدۇ. بۇ نەتىجە …

خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى» غا قارشى ئورتاق سەپ: سۈرگۈندىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى مىللەتلەر بىرلىشىپ نارازىلىق بىلدۈردى Read More »

دادىلار بايرىمدا دادامنىڭ  نەسھەتى: غايىب بولغان مىڭلىغان ئۇيغۇر دادىلارنىڭ يۈرەك سۈزى

غېرىپ دەردىنى غۇربەتتە ئادادىن سورا، ۋىسال دەردىنى ئاشىق گادادىن سورا، ۋەتەنسىز ھاياتتا نە مەنە، نە تەم، بۇنى ئۆز ئىلىدىن ئايرىلغان جۇدادىن سورا! «سەرسان روھ» ناملىق ئۇيغۇرچە رومانىدىن بۈگۈن دادىلار بايرىمى، بۇ كۈن دادىسى بار ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم كۈندۇر. ئۇلار دادىلىرىنىڭ بايرىمىنى خاتىرىلەپ، سوۋغاتلار بېرىپ، ئۆمرىدە ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرىدۇ. ئەمما ماڭا ئوخشاش …

دادىلار بايرىمدا دادامنىڭ  نەسھەتى: غايىب بولغان مىڭلىغان ئۇيغۇر دادىلارنىڭ يۈرەك سۈزى Read More »

تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ 37 يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيتىدىكى  ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ نۇتۇقى

دام مەيدانىدىكى ئەركىنلىك ساداسى: تانكىلاردىن چىگرا ئاتلاپ باستۇرۇشقىچە زۇلۇمغىچە تىز پۈكمىگەن ئۇيغۇر روھى قەدىرلىك دوستلار، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك سۆيگۈچى پىداكارلار، بۈگۈن بىز ياۋروپانىڭ، گوللاندىيەنىڭ قەلبى بولغان مۇشۇ ئامىستېردام دام مەيدانىدا، تارىختىكى ئەڭ قاراڭغۇ، ئەڭ قانلىق ۋەقەلەرنىڭ بىرى — 1989-يىلىدىكى «4- ئىيۇن» تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ 37 يىللىقىنى ئەسلەش ئۈچۈن جەم بولدۇق. ئامىستېردامنىڭ سىمۋولى بولغان بۇ مەيداندىن تۇرۇپ، …

تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ 37 يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيتىدىكى  ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ نۇتۇقى Read More »

گوللاندىيە پارلامېنتىدىن بىر كۈندە خىتاينىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان ئىككى شاپلاق: تارىخىي غەلبە ۋە ياۋروپاغا سىگنال

2026-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، گوللاندىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى NOS نىڭ مۇخبىرى «ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىماي شىنجاڭ بىلەن بولغان سودا كەسكىن ئاشتى» ناملىق پاكىتلىق خەۋەر ھەققىدە مەن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەت جەريانىدا مەن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئۆزۈم شاھىت بولغان ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردىم. يەنى ئۇدا ئىككى يىل، 2003- ۋە 2004-يىللىرىنىڭ …

گوللاندىيە پارلامېنتىدىن بىر كۈندە خىتاينىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان ئىككى شاپلاق: تارىخىي غەلبە ۋە ياۋروپاغا سىگنال Read More »

بېيجىڭنىڭ دەنھاختىكى تەشۋىقات قۇلى كىسىپ تاشلاندى

« زۇلۇم يالغانچىلىق بىلەن ئۆزىنى توسىدۇ، ھەقىقەت جەسۇرلۇق بىلەن زۇلۇمنىڭ تېمىنى يىقىتىدۇ.» > —خاتىرەمدىن مېنىڭ گۇۋاھلىقىمدىن كېيىن، «تىنچلىق ۋە ئادالەت شەھىرى» خىتاينىڭ چاغان بايرىمى پائالىيىتىنى پۈتۈنلەي چەكلىدى دەنھاق شەھەرلىك پارلامېنتى 2026-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چېگرا ئاتلىغان زۇلمى ۋە دۆلەت ھالقىغان بېسىم سىستېمىسىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشتىكى تارىخىي ۋە بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك بىر سىياسىي قەدەم تاشلىدى. دەنھاق …

بېيجىڭنىڭ دەنھاختىكى تەشۋىقات قۇلى كىسىپ تاشلاندى Read More »

ۋىجدان كامىراسى ۋە مەنپەت كامىراسى

23-ئاپرېل كۈنى، گوللاندىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى NOS نىڭ ئىنستىگرام سەھىپىسىدە ئامېرىكىلىق فوتوگراف كارول گۇزى (Carol Guzy) تەرىپىدىن تارتىلغان بىر پارچە سۈرەتنىڭ ئامىستېردامدىكى word press photo تەرپىدىن « 2026-يىللىق ئەڭ ياخشى سۈرەت» بۇلۇپ باھالانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۈرۈپ قالدىم. دۇنياۋى شەرەپكە ئېرىشكەن ئاشۇ سۈرەتنى كۆرۈپ، ۋۇجۇدۇمدا ئاچچىق بىر سىلكىنىش ھېس قىلدىم. كۆز ئالدىمدا 2026-يىلى 14-فېۋرال كۈنى، دۇنيا …

ۋىجدان كامىراسى ۋە مەنپەت كامىراسى Read More »

گاگانىڭ يۈرىكىدە ئادالەت ساداسى: ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى گوللاندىيە سىياسەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى

بەدىنىم جاراھەتلەنسىمۇ، روھىم سۇنمايدۇ – خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلكىگە، ئېرقى قىرغىنچىلقىغا قارشى كۈرۈشۈم توختىمايدۇ! – خاتىرەمدىن شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، 2026-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى جۇمە كۈنى كەچتە گاگانىڭ يۈرىكىدە – ئادالەت ۋە تىنچلىقنىڭ سىمۋولى بولغان بۇ شەھەردە – يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى چىقىرىش پۇرسىتىگە ئىرىشتىم. خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشى (transnational repression) مېنىڭ بەدىنىمدە …

گاگانىڭ يۈرىكىدە ئادالەت ساداسى: ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى گوللاندىيە سىياسەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى Read More »